رادىئو ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىلھام توختى ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى

0:00 / 0:00

15-يانۋار خىتاي دائىرىلىرى ئۆكتىچى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بىرقانچە نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىسىنى تۇتقۇن قىلغاندىن بۇيان، خىتاي مەتبۇئاتلىرىدا بۇ ھەقتە ھېچقانداق خەۋەر بېرىلمىدى. ئەمما 17- يانۋاردىن بۇيان ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ئىلھام توختى ئەپەندىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ، ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى قانات يايدى. رادىئويىمىزنىڭ ئاڭلىغۇچىلىرىمۇ ئىلھام توختى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، تېلېفون ۋە ئېلېكترونلۇق خەت ئالاقىسى ئارقىلىق رادىئومىزغا ئۇچۇر يوللاپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ 24-يانۋار جۈمە كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر بۈگۈنمۇ ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ھەققىدە ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلغان. ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ دوستلىرىدىن تىبەتلىك ئايال يازغۇچى ۋوئېسېرنىڭ تۋىتتېردا يوللىغان 3-قېتىملىق ستاتىستىكىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرىدىن ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىپ ئىمزا ئاتقانلار سانى 23-يانۋار كەچ سائەت 11:00 گىچە 42 دۆلەتتىن 1408 كىشىگە يەتكەن.

بىرنەچچە كۈندىن بۇيان رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى يەنە، ئاڭلىغۇچىلىرىمىزنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈپ يازغان خەتلىرى، ئىلھام ئەپەندى ھەققىدە بېرىلگەن خەۋەر ھەققىدىكى ئىنكاسلىرى ۋە تېلېفونلىرىنى ئۈزلۈكسىز تاپشۇرۇۋالدى.

ئۆزىنى نىجات دەپ تونۇشتۇرغان بىرەيلەن رادىئومىزغا ئەۋەتكەن خېتىدە، ئىلھام توختى ئەپەندىنى تۇتقۇن قىلىش ۋەقەسى ۋە بۇ ۋەقەنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە ۋە ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ كېلىدىغان ئاقىۋىتى ھەققىدە بىرقەدەر چوڭقۇر مۇلاھىزە يۈرگۈزگەن.

نىجات ئەپەندى خېتىدە، ئاۋۋال خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىنى تۇتقۇن قىلغاندىن بۇيان، بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى قامال قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇ خىل قامالنىڭ يامان ئاقىۋەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق يازغان:
«2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن ھەرىكىتىنىڭ يېتەكچىسى ئىلھام توختى ئۈرۈمچى ۋە بېيجىڭدىن تەشكىللەنگەن 40 كىشىلىك ساقچى گۇرۇپپىسى تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، خىتاي ئىچىدىكى خىتاي دېموكراتچىلار ۋە ئامېرىكا، ياۋروپا ئىتتىپاقى قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىنىڭ دۆلەت ئورگانلىرى،كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلىپ باياناتلار ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە قارشى كەسكىن نارازىلىق ئىپادىلىرىنى بىلدۈردى. خىتاي چوڭ قۇرۇقلۇقى، خوڭكوڭ، تەيۋەنلەردىكى خىتاي دېموكراتلىرى ۋە ژۇرنالىستلارنىڭ ئىلھام توختىنىڭ تەقدىرى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلىرى بىز ئۇيغۇرلارغا تەسەللى بولماقتا. ئەپسۇسكى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدە 1000 غا يېقىن ئۇيغۇرچە تور-بىلوگلارنىڭ بولۇشىغا قارىماي، ھېچبىر ئۇيغۇرچە توردا ئىلھام توختىنىڭ تۇتۇلۇپ كېتىشى توغرىسىدىكى خەۋەرنىڭ بېرىلمەسلىكى، ۋەتەن ئىچىدە ئۇيغۇرلارغا بولغان بېسىم ۋە تەھدىتنىڭ قانچىلىك دەھشەتلىك ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ.»

نىجات ئەپەندى يەنە، ئىلھام توختىغا ئوخشاش خىتاي قانۇنى ئىچىدە تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتىنى قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان بىرىنى تۇتقۇن قىلىشىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەقىقىي ماھىيىتىنى ئاشكارىلىغانلىقىنى ئىپادىلەپ مۇنداق يازغان:
«ئىلھام توختى خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلۈكىنى، مىللەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقىنى، خەنزۇلارنىڭ خوجايىن مىللەتلىكىنى بۇنىڭغا ئۇيغۇرلارنىڭ تەن بېرىشى كېرەكلىكىنى، ئەمما، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى چىقارغان دۆلەت قانۇنىنى، ئاپتونومىيە قانۇنىنى ئىجرا قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن ئەڭ مۆتىدىل ئۇيغۇر زىيالىيسىدۇر.»

نىجات ئەپەندى خېتىنى «ھەممىمىز ئىلھام توختى ئۈچۈن دۇئا قىلايلى! بىر ئىش توغرىلىق ئىنساندا ئالدى بىلەن ئىستەك تۇغۇلىدۇ. ئىستەك پىلانغا، پىلان ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلىنىدۇ. ئاللاغا دۇئا قىلىش دېمەك، ئاللاھ بەرگەن كۈچنى ھەرىكەتلەندۈرۈش دېمەكتۇر» دېگەن جۈملىلەر بىلەن ئاخىرلاشتۇرغان.