گۈزەلنۇر خانىم دائىرىلەرنىڭ ئىلھام توختىغا تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى

0:00 / 0:00

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى 25-يانۋار كۈنى مىكروبلوگىدا ئۇچۇر تارقىتىپ، ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچىلىك قىلغانلىقىنى ۋە ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئىككى كۈندىن بۇيان بۇ ئۇچۇر يەنە خىتايدىكى ھەر قايسى خەۋەر ۋاسىتىلىرى ۋە «يەرشارى ۋاقىت گېزىتى» قاتارلىقلاردا، شۇنداقلا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىدا كېڭەيتىپ بېسىلدى. ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم بىر قىسىم چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىگە تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىمەكتە.

27-يانۋار رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گۈزەلنۇر خانىم، ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ مەيلى دەرسخانىدا بولسۇن ياكى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارەتلىرىنى قوبۇل قىلغان چېغىدا بولسۇن ياكى ئېلان قىلغان ماقالە، ئەسەرلىرىدە بولسۇن، خىتاي ھۆكۈمىتى بەلگىلىگەن قانۇن دائىرىسىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنىلا تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىگە غەرەزلىك ھالدا تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچى ج خ ئىدارىسى 25-يانۋار تارقاتقان ئۇچۇردا، «رازۋېدكا قىلىپ تەكشۈرۈشكە قارىغاندا، مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئوقۇتقۇچىسى ئىلھام توختى چەتئەلدىكى شەرقىي تۈركىستان كۈچلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرگەن، ئىنتېرنېت ئارقىلىق شىنجاڭ مۇستەقىللىقىنى تەرغىب قىلغان، دەرس مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ ھۆكۈمەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلغان، ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىدىن پايدىلىنىپ بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغان، دۆلەتنى پارچىلاشنى مەقسەت قىلغان جىنايەتچىلەر گۇرۇھى تەشكىللىگەن ۋە ئۇنىڭغا باش بولغان، دۆلەت ئامانلىقى ۋە جەمئىيەت مۇقىملىقىغا ئېغىر زىيان يەتكۈزگەن» دېگەن بايانلار بېرىلگەن ئىدى.

گۈزەلنۇر خانىم بۇلارنىڭ پۈتۈنلەي تۆھمەت ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، يىللاردىن بۇيان ئىلھام توختى ئەپەندى ئۆتۈۋاتقان دەرسنىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۆزى تەستىقلىغان دەرس ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ، ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ بۇ تۆھمىتىنىڭ پۇت تىرەپ تۇرالمايدىغان يالغانچىلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئۈرۈمچىگە بارغان ئادۋوكات لى فاڭپىڭنىمۇ جاۋابسىز قايتىشقا مەجبۇر قىلغانلىقىنى بايان قىلىپ، مەيلى بېيجىڭ دائىرىلىرى بولسۇن ياكى ئۈرۈمچى دائىرىلىرى بولسۇن، نۆۋەتتە ئېرى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالى ھەققىدە ھەرقانداق ئۇچۇر بېرىشنى رەت قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىمدىن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، پۇقراچە كىيىنگەن ساقچىلارنىڭ يەنىلا ئۆيىنىڭ ئەتراپىدا بۇ ئائىلىنى نازارەت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئۆزى مەيلى قانداق ئىش بىلەن سىرتقا چىقسا نازارەت قىلىۋاتقان ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ بارلىق ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ ماڭىدىغانلىقىنى، ئەمما ھازىر ئەنسىرەۋاتقىنى، ئاتۇشتا يەنە دوختۇرخانىغا كىرىپ قالغان ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ كېسەلچان ئانىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

سۆھبىتىمىز ئاخىرىدا، گۈزەلنۇر خانىم ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ جۇڭگو قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ھېچقانداق ئىش قىلمىغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەپ، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنى ئىلھام توختىغا ئۇ قىلمىغان جىنايەتلەرنى ئارتماسلىققا، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىردى.

ئىلھام توختى ئەپەندى 15-يانۋار بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن بۇيان، خىتاي ئىچى ۋە چەتئەللەردە ئىلھام توختى ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدە ئىمزا توپلاش پائالىيىتى قانات يېيىۋاتقان بولۇپ، 26-يانۋار يەكشەنبە كۈنىگىچە ئىمزا قويغانلارنىڭ سانى 1500 دىن ئاشقان. يەنە باشقا ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى 26-يانۋار كۈنى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيانى ئۆيىدىن ئېلىپ كەتكەن. خۇ جيا تۋىتېردا قالدۇرغان ئاخىرقى ئۇچۇرىدا ساقچىلارنىڭ بۇ قېتىم ئۇنى چاقىرتىشىغا، بەلكىم ئۇنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئادۋوكات شۈ جىيۇڭ ھەققىدىكى چاقىرىقلىرى شۇنداقلا چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقى سەۋەب بولغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئەسكەرتكەن.