15-يانۋار كۈنى بېيجىڭ مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرى ۋە ئۈرۈمچىدىن كەلگەن ساقچىلار تەرىپىدىن بېيجىڭدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، بۇ ۋەقە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ جىددىي ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئىلگىرى-كېيىن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ جۇڭگودىكى ئەلچىلىكى شۇنداقلا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى، چېگراسىز مۇخبىرلار تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپلىگەن تەشكىلاتلار ئىلھام توختىنىڭ مەسىلىسىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، ۋە بۇ ۋەقە ئىككى ھەپتىدىن بۇيان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بولماقتا.
ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، 17-يانۋار كۈنى «سەنيۇي» ناملىق تور بېكىتىدە بېيجىڭدىكى ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى يازغۇچىسى ۋاڭ لىشۇڭ ۋە تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوئېسېر قاتارلىقلارنىڭ باشچىلىقىدا بىرلەشمە ئىمزا قويۇپ ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەرىكىتى باشلانغان ئىدى. بىرلەشمە باياناتقا ئىمزا قويغانلار ئارىسىدا خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىدىن باشقا يەنە جەمئىيەت ئەربابلىرى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى، يازغۇچى، تەھرىر، ئىنژېنېر، ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى، مۇخبىر، ئائىلە ئاياللىرى، ئەرزدارلار قاتارلىق جەمئىيەتنىڭ ھەر ساھە كىشىلىرى بار بولۇپ، 30-يانۋار پەيشەنبە كۈنى ۋاشىنگتون ۋاقتى چۈش سائەت 12 گىچە ئوچۇق خەتكە 40 تىن ئارتۇق دۆلەتتىن ئىمزا قويغانلار سانى 1707 نەپەرگە يەتتى.
خەتكە ئىمزا قويغۇچىلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۆز ئىمزاسىدا دائىرىلەردىن ئىلھام توختى ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشتىكى سەۋەبلىرىنىمۇ ئىزاھات شەكلىدە يازغان. خىتاي زىيالىيلىرى ئىلھام توختىنىڭ «خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى دوستلۇق ئالاقىسىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئاساسلىق ئۈمىدىنى ھۆكۈمەتنىڭ خاتا شىنجاڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە يۈكلىگەنلىكى، دائىرىلەرنىڭ شىنجاڭدا يۈرگۈزۈۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ، ئىسلاھات قىلىش تەكلىپلىرىنى بەرگەنلىكى شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇنى مىللەتنىڭ غەيرەتلىك باياناتچىسى دەپ قارايدىغانلىقى» قاتارلىقلارنى ئىلگىرى سۈرگەن.
بېيجىڭدىكى خىتاي ئۆكتىچىسى خۇ جيا 17-يانۋار كۈنى ئىمزا قويغان بولۇپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ئىلھام توختى ماڭا نىسبەتەن ئاكا يوللۇق، مەن ھۆرمەتلەيدىغان شەخس. ئۇ ئۇيغۇر ئۆز مىللىتىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاتقۇچى قەھرىمان. پىكىر ئەركىنلىكىنى قوغدىغۇچى.»
ئىمزا ئاتقانلاردىن بېيجىڭدىكى تەھرىر لى چاۋياڭ ئەپەندى خىتايدىكى نۆۋەتتىكى سىياسىي تۈزۈلمىنى تەنقىدلەپ،«مۇتلەق ھاكىم مۇتلەقلىق ئاستىدا ياشاۋاتقان خەن، ئۇيغۇر، تىبەت مىللەتلىرىنىڭ ھەممىسى زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار، پەقەت بىر پارتىيىلىك ھاكىم مۇتلەقلىق تۈزۈم ئاياغلاشقاندىلا ئاندىن مىللەتلەر مەسىلىسى ھەل بولىدۇ» دېگەن.
خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى شېنياڭ شەھىرىدىن ئىمزا قويغان بىر ئەرزدار مۇنداق يازغان: «ئىلھامنىڭ ئېتىۋېتەي دېسە قورالى ياكى زەمبىرىكى يوق، ئۇنىڭدا بارى پەقەت بىر ئېغىز، ئۇ پەقەت بىرنەچچە ئېغىز سۆز قىلدى خالاس! سۆزلىگەنمۇ جىنايەتمۇ؟»
ئىمزا توپلاشقا قاتناشقۇچىلار ئۆز ئىمزالىرىدا دائىرىلەردىن ئىلھام توختىنى دەرھال قويۇپ بېرىش، قويۇپ بەرمىسە، ئۇنىڭ دېلو ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش، ئىلھامنىڭ كىشىلىك بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئادۋوكاتنىڭ دېلوغا ئارىلىشىشىغا يول قويۇش، ئائىلىسىگە قارىتىلغان قانۇنسىز نەزەربەندنى بىكار قىلىشنى تەلەپ قىلغان.
ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى 25-يانۋار كۈنى ئۆز تورىدا ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە تۇنجى خەۋەرنى بەرگەن بولۇپ، ئۇلار خەۋىرىدە، ئىلھام توختىنىڭ ئۇيغۇربىز تورى ۋە دەرسخانىدا سۆزلىگەن نۇتۇقلىرىدا بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇقنى تەرغىب قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ئىمزا توپلاش چاقىرىقىدا ۋە بۇ چاقىرىققا ئىمزا قويغۇچىلار ئۈرۈمچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ قىلمىشىنى ئەيىبلىگەن ۋە رەت قىلغان بولۇپ، چاقىرىقتا ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇر بىز تورىنىڭ ھەرقانداق تېررورلۇق پائالىيىتى بىلەن شۇغۇللانمىغانلىقى ئالاھىدە تەكىتلەنگەن.
چاقىرىقتا، ئىلھام توختى 2006-يىلى «ئۇيغۇربىز» تور بېكىتىنى قۇرۇپ، ھەر خىل بېسىمغا قارىماي ھازىرغا قەدەر داۋاملاشتۇرۇپ، دۇنيانىڭ شىنجاڭ مەسىلىسىنىڭ ھەقىقىي ئەھۋالىنى بىلىشىدە كۆزنەكلىك رول ئوينىدى. ئۇ شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ۋە ھەر قانداق زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇپ، ئۇيغۇرلار بىلەن خەنزۇلار ئارىسىدىكى دوستلۇق قانىلىنى ئاكتىپ ئالغا سۈرۈپ كەلدى» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.
قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچى ئابدۇللا دېگەن ئىسىمدا ئىمزا قويغان بىرەيلەنمۇ بار بولۇپ، ئۇ ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە مۇنداق يازغان،«ئىلھام توختى باشتىن-ئاياق شىنجاڭ مۇستەقىللىقى ۋە ھەرقانداق زورلۇق قىلمىشىنى رەت قىلىپ كەلدى، ئاكتىپلىق بىلەن ئۇيغۇر مىللىتى ۋە خەن مىللىتى ئوتتۇرىسىدا دوستانە چۈشىنىش ھاسىل قىلىشقا تىرىشتى. ئۇ شىنجاڭ مەسىلىسىنى ھەل قىلىش ئۈمىدىنى جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ شىنجاڭ سىياسىتىدىكى خاتالىقلىرىنى تۈزىتىشىگە باغلىدى. ئۇ ئۇيغۇر مىللىتى بىلەن خەن مىللىتى ئوتتۇرىسىدا كۆۋرۈكلۈك رولىنى ئوينىغان قىممەتلىك شەخس، مەن دائىرىلەرنىڭ ئىلھام ئەپەندىنى دەرھال قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن. ئۇلار كىشىلەرنى قايىل قىلارلىق پاكىتلار يوق شارائىتتا، كىشىلىك سۆز ئەركىنلىكىنى بوغماسلىقى كېرەك» دەپ يازغان.
ئامېرىكىدىكى خىتاي يازغۇچىسى چېن پوكۇڭ ئەپەندى ئىمزاسىدا «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پاجىئەسى دېمەك، خىتاي مىللىتىنىڭ پاجىئەسى» دەپ يازغان.
ئىمزا توپلاشقا قاتناشقان ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا يەنە ھەر مىللەتتىن تەركىب تاپقان نەچچە ئونلىغان ئوقۇغۇچى بىرلا ۋاقىتتا كوللېكتىپ ئىمزا قويغان بولۇپ،ئۇلار ئۆز تەلىپىدە «ئىلھام مۇئەللىم قانۇنغا خىلاپ ھېچقانداق پائالىيەت بىلەن شۇغۇللانمىدى، ئۇ ئادالەت تەلەپ قىلدى، ھەقىقەتنى سۆزلىدى، شىنجاڭ سىياسىتىنى سۆزلىدى، ئۇ ياخشى ئادەم، بىز ئىلھام توختى مۇئەللىمنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز دەپ يازغان.
ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلىرىمۇ ئىمزا توپلاش ھەرىكىتىگە قىزغىنلىق بىلەن قاتناشقان بولۇپ، 25-يانۋار كۈنى ئىمزا قويغان خەيرىنىسا خانىم خىتاي ھۆكۈمىتىدىنى ئەيىبلەش بىلەن بىللە، ئىلھام ئەپەندىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمغا بولغان ھۆرمىتىنى ئىپادىلەپ، «ئىلھام توختى ئەپەندىنى كوممۇنىست خىتاي ھۆكۈمىتى ئاساسسىز تۇتقۇن قىلدى. بىز تېزدىن قويۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمىز ھەمدە ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ سەۋرى-تاقىتىگە چىن كۆڭلىمىزدىن ھېسداشلىق قىلىمىز. ھەرقانداق بىر ئۇيغۇر ئايالنىڭ گۈزەلنۇر خانىمدەك چىداملىق ۋە باتۇر بولۇشىنى تەۋسىيە قىلىمىز!» دېگەن.
خاڭجۇ شەھىرىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، چېن خۇيمىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندىگە تۆھمەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلەپ مۇنداق يازغان. «پروفېسسور ئىلھام توختى مىللىي مەدەنىيەت ۋە ئۆز مىللىتىنىڭ غۇرۇرىنى قوغدىغۇچى. دائىرىلەر ئۇنىڭغا خالىغانچە جىنايەت ئارتماسلىقى، تۆھمەت قىلماسلىقى كېرەك. مەن ئىلھام توختى ئەپەندىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمەن.»
ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ۋە كۆپلىگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئالدىنقى ھەپتە بەرگەن باياناتىدا ئىلھامنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلغان دۆلەتلەرنى «جۇڭگونىڭ ئەدلىيە ئىگىلىك ھوقۇقىغا مۇداخىلە قىلىش» بىلەن ئەيىبلىگەن. يەر شارى گېزىتى قاتارلىق خىتاي مەتبۇئاتلىرى بولسا. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدىكى خەۋەرلىرىنى كۆپەيتىپ بېسىپ، خەلقئارا مەتبۇئاتلارنى ئىلھام توختى ۋەقەسى ھەققىدە كۆپتۈرۈپ خەۋەر بەردى بىلەن ئەيىبلىمەكتە.
ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدىكى چاقىرىققا ئىمزا توپلاش ھەرىكىتى توربېكىتى ئادرېسى: