ئۇ سۆزىدە، خىتاينىڭ مەزكۇر قىلمىشىنى ئىپتىدائىي ۋە زوراۋانلىق، دەپ ئەيىبلەش بىلەن بىللە، «بۇ، خىتاي دۆلىتىنىڭ قۇدرىتىنى ئەمەس، بەلكى ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلايدۇ» دېدى. نۇر مەمەت مۇساباي، ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرىنى ئەندىشىگە سالغان تەرەپلىرى ئۈستىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى بىلدۈرۈپ ئۆتتى.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ چېگرادا توسۇۋېلىنىشى، خەلقئارادىكى كۆپلىگەن ئاخبارات ئورگىنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە ئىنكاسىنى قوزغىدى. ئالدىنقى كۈنى ئىرلاندىيىدىكى ئالدىنقى سەپتىكىلەرنى قوغداش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى، ئىلھام توختىغا قاراتقان ساياھەت چەكلىمىسىنى دەرھال ۋە شەرتسىز بىكار قىلىشقا چاقىردى. مەزكۇر تەشكىلات باياناتىدا، ئىلھام توختىنىڭ 2009-يىلىدىن بۇيان، جەمئىي 8 قېتىم، خەلقئارا ئىلمىي يىغىنلارغا قاتنىشىشتىن توسۇپ قويۇلغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. تەشكىلات باياناتىدا ئىلھام توختىنى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى دەپ تونۇشتۇرغان ۋە ئىلھام توختىنىڭ خىتاينىڭ خەلقئارا ئەھدىنامىلەردە بەرگەن ۋەدىسى بويىچە، ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. بۈگۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى نۇرمەمەت مۇساباي، زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، قۇرۇلتاينىڭ مەزكۇر ۋەقەگە قارىتا پوزىتسىيىسىنى ئىپادىلىدى.
سوئال: ئىلھام توختىنىڭ چېگرادىن توسۇۋېلىنىش مەسىلىسىگە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى قانداق قارايدۇ؟
جاۋاب بۈگۈنكى دەۋردە ئۆز پۇقراسىنىڭ باشقا بىر دۆلەتكە ساياھەتكە چىقىشىغا يول قويماسلىق، بىر قانۇن دۆلىتىنىڭ ئىشى ئەمەس؛ بىر پروفېسسورنى كۆپچىلىكنىڭ ئالدىدا، ھەتتا قىزىنىڭ ئالدىدا تارتىپ سۆرەش ۋە دۈشكەللەش، ھەتتا ئۇرۇش، دۆلەت ساقچىلىرىغا خاس ھەرىكەت ئەمەس، ئىنسانىي ئەخلاقنى بىلمەيدىغان ياۋايى قاراقچىلارنىڭ ئىشى. شۇڭا بىز بۇ ئىش مۇناسىۋىتى بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلەيمىز ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنى ياۋۇزلۇقتىن، زوراۋانلىقتىن ۋاز كېچىشكە يەنە بىر قېتىم چاقىرىمىز.
سوئال: ئىلھام توختى نېمە ئۈچۈن توسقۇنلۇققا ئۇچرىدى؟
جاۋاب: ئىلھام توختىنىڭ راست گەپ قىلىدىغان، ئۆزى توغرا دەپ بىلگەن پىكىرلىرىنى قورقماي بايان قىلىدىغان ئادىتى بار، خىتاي شۇنىڭدىن قورقتى؛ ئۇيغۇر خەلقنىڭ دەرد-ئەلەملىرىنىڭ، يۈرەك سۆزلىرىنىڭ دۇنيا جامائىتىگە يەتكۈزۈلۈپ قېلىشىدىن قورقتى. چۈنكى ئىلھام توختى بىر مۇستەقىل تەتقىقاتچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، شەرقى تۈركىستان ۋەزىيىتىنى ئەتراپلىق كۆزەتكەن، سىستېمىلىق تەتقىق قىلغان؛ خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى قىلمىشلىرىنى پاكىتلىرى بىلەن بىلىدۇ. يەنە باشقىچە ئېيتساق، خىتاي بىر تەرەپتىن ئىلھامنىڭ نوپۇزىدىن قورقتى، يەنە بىر تەرەپتىن ئۆزىنىڭ جىنايىتىدىن قورقتى، شۇڭا ئىلھامنىڭ ئامېرىكىغا يولغا چىقىشىغا يول قويمىدى.
سوئال: ئىلھام توسۇۋېلىنغاندىن كېيىن، بۇ ۋەقە كۆپلىگەن خەلقئارا ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىنكاسىنى قوزغىدى. سىزچە بۇ ئىشتا خىتاي چوتنى خاتا سوقتىمۇ قانداق؟
جاۋاب: ھەقىقەتنىڭ كۈچى دېگەن مانا مۇشۇ، خىتاي ئىلھامنى ھەق گەپ قىلىشتىن توسماقچى بولغان، ئىلھامنىڭ توسۇلۇشىمۇ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قانداق بېسىم ئاستىدا ياشاۋاتقانلىقىدەك بىر ھەقىقەتنى ئاشكارىلىدى.
سوئال: دۆلەتنى قانۇن بىلەن ئىدارە قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلەپ كېلىۋاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھامنى توسۇۋېلىشى، بۇ نۇقتىدا نېمىنى چۈشەندۈرىدۇ؟
جاۋاب: خىتاينىڭ بىر قانۇن دۆلىتى ئەمەسلىكى ھېچكىمگە سىر ئەمەس. بۇ يەردە سوئال قويۇلىدىغان نۇقتا خىتاي دۆلىتىنىڭ كۈچى. مەنچە قۇدرەتلىك بىر دۆلەت، ئۆز پۇقراسىنىڭ چەتئەلگە چىقىشىدىن، ھەتتا ئۆزىگە قارشى گەپ قىلىشىدىن قورقمايدۇ، چۈنكى ئۆز ھاكىمىيىتىنىڭ قارشى گەپلەر بىلەن يىقىلىپ چۈشمەيدىغانلىقىغا ئىشىنىدۇ. ھەممىزگە مەلۇم، ئىلھامغا ئوخشاش ساياھەت چەكلىمىسىگە ئۇچرىغانلار ۋە ئۇچراۋاتقانلار، ئۇيغۇرلاردا ئاز ئەمەس. بۇنىڭدىن دۇنياغا مەلۇمكى، خىتاينىڭ شەرقى تۈركىستاندىكى ھاكىمىيىتىنىڭ قانۇنىي ۋە ئاممىۋى ئاساسىي ئاجىز ياكى چۈرۈك.
سوئال: خىتاي، ئىلھام توختى سىرتقا چىقسا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىپ قالىدۇ دېگەن ئەندىشىدىمۇ بولغاندىمۇ؟
جاۋاب: مەتبۇئات يۈزىدىن بىلىشىمىزچە، ئىلھام توختى خىتاينىڭ ئاساسىي قانۇنىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويۇلۇۋاتقان ئاپتونومىيە قانۇنىنىڭ تولۇق ۋە ھەقىقىي ئىجرا قىلىنىشىنىلا تەلەپ قىلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بولسا ئۇيغۇرلار ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھوقۇقىغا ئېرىشمەي تۇرۇپ مىللىي مەۋجۇدىيىتىنى قوغدىيالمايدۇ دەپ قارايدۇ. دېمەك، ئىلھامنىڭ توختىنىڭ تەشەببۇس ۋە چاقىرىقرىقلىرى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ غايىسى ئارىسىدا ناھايىتى زور پەرق بار، شۇڭا ئىلھامنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن ھەمكارلىشىدۇ دېگەن تەخمىن مەنچە خاتا. بۇ يەردە ئايدىڭلاشقان مەسىلە شۇكى، خىتاينىڭ نەزىرىدە ئۇيغۇرلا بولىدىكەن، ھۆكۈمەتتىن پەرقلىقلا گەپ قىلىدىكەن، ئۇ خىتاي دۆلىتىنىڭ دۈشمىنى. شۇڭا بۇ خىل چەكلىمىلەر ئۇيغۇر خەلقىنى سىياسىي تونۇش ۋە ئاڭ جەھەتتە تېخىمۇ تاۋلايدۇ ۋە مۇكەممەللەشتۈرىدۇ دەپ قارايمەن.