ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر 8-ئاپرېل سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە «خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى باستۇرۇشى، شەخسى بانكا ھېسابى ۋە كۆز قاراشلار» ناملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا دادىسى ئىلھام توختى ھەققىدە ئىسپات بەردى. يىغىندا يەنە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى دونالد كلارك، خىتاي ئادۋوكاتى تېڭبىياۋ قاتارلىقمۇ گۇۋاھلىق بەردى.
ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر سۆزىدە، دادىسى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە نەپەر ئوقۇغۇچىسى 15-يانۋار قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان ئۇنىڭدىن ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمايۋاتقانلىقىنى ئېيتىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن دادىسىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئۇنى سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى.
يىغىندا دادىسى ئىلھام توختىنىڭ گۇناھسىزلىقى ھەققىدە ئىسپات بەرگەن جەۋھەر مۇنداق دېدى:
«دادام ئىلھام توختى بۇ يىللاردا پەقەت قەلىمى ۋە تىلى ئارقىلىق، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن دائىرىسى ئىچىدە تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق ھوقۇقلىرىنىڭ ئەمىلىلىشىنى تەلەپ قىلدى.بۇ سەۋەبلىك دادام ئىلگىرى كۆپ قېتىم دائىرىلەرنىڭ ھەر خىل چەكلىمىلىرى،تەقىب قىلىشى،نەزەربەند قىلىشى ھەتتا ساقچىلارنىڭ ئۆلۈم بىلەن تەھدىت قىلىشلىرىغا ئۇچرىدى. شىنجاڭ دائىرىلىرى يەنە 25-يانۋار كۈنى دادام ئىلھام توختىنى ‹بۆلگۈنچىلىك ۋە تېررورلۇق قىلىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش› بىلەن ئەيىبلىدى. دادام تۇتقۇن قىلىنغىنىغا 3 ئاي بولاي دېدى، ئەمما بىز ئۇنىڭدىن ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق ئۇچۇر ئالالمىدۇق. ئۇلار ھەتتا دادامنىڭ ئادۋوكاتىنىڭمۇ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈشىگە يول قويمىدى. دادامدىن ئۇچۇر ئالالمىغان بۇ كۈنلەردە ھەممىمىز پەرىشان بولدۇق. ئائىلىمىز 24 سائەتلىك نازارەت ئىچىدە ئەڭ ئېغىر كۈنلەرنى كەچۈرمەكتە. يەتتە ياشلىق ۋە 3 ياشلىق ئىككى ئۇكام دادامنى ئىزدەپ ھەر كۈنى يىغلايدۇ. ئۆگەي ئاپامنىڭ دېيىشىچە دادامنىڭ نامىدىكى بانكا ھېساباتىمۇ توڭلىتىۋېتىلىپتۇ. مەن دادامنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن. شۇڭا جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دادام ئىلھام توختىنى ئەڭ تېز مۇددەت ئىچىدە گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمەن.»
ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر يەنە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن دادىسىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈشنى، ئۇنى سۈرۈشتە قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. يىغىندا سۆز قىلغان مۇتەخەسسىسلەرمۇ ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
يىغىندا ئىسپات بەرگەن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفىي رىچاردسون خانىم، جورج ۋاشىنگتون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ قانۇن پروفېسسورى دونالد كلارك، خىتاي ئادۋوكات تېڭبىياۋ قاتارلىقلارمۇ ئامېرىكانىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشىنى، ئىلھام توختى، قاتارلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى مەسىلىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىگە كۈچلۈك بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
سوفى رىچاردسون سۆزىدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئالاقىلەردە ئىلھام توختى مەسىلىسى جۈملىدىن كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ تەقىبگە ئۇچراش، قولغا ئېلىنىش مەسىلىسىنى سۈرۈشتە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى.
سوفىيە رىچاردسون خانىم يەنە خىتاي ۋەزىيىتى ھەققىدە توختىلىپ، شى جىنپىڭ باشچىلىقىدىكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئىلھام توختىغا ئوخشاش ئۆكتىچى پىكىرلەرگە قارشى زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى ئىستراتېگىيىلىك بىر پىلان بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئۆكتىچى كۈچلەرگە قارىتىلغان تەقىبلەرنىڭ ھەرقانداق بىر ۋاقىتتىكىدىن كۈچىيىپ كەتكەنلىكىنى ئەسكەرتتى.
8-ئاپرېل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئېچىلغان ئىسپات بېرىش يىغىنىغا، ۋاشىنگتون ۋە ۋېرگىنىيە شتاتى ئەتراپىدىكى ئۇيغۇرلارمۇ قاتناشتى. ئۇلارنىڭ زور كۆپچىلىكى ئۇيغۇر ياشلىرى. جەۋھەر، 3 ۋە 7 ياشلىرىدىكى 2 ئۇكىسىنىڭ پسىخولوگىيىسىنىڭ بۇزۇلۇپ كېچىلىرى يامان چۈش كۆرۈپ چۈچۈپ ئويغىنىپ كېتىپ يىغلايدىغان بولۇپ قالغانلىقىنى، 15 يانۋار دادىسىنىڭ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئۇرۇپ، دۈشكەلىنىپ ئېلىپ مېڭىلغان ئەھۋالنى نارەسىدە ئىككى ئۇكىسىنىڭ كۆرگەنلىكىنى بايان قىلغىنىدا يىغلىشىپ كەتكەنلىكىنى بايان قىلغاندا، يىغىن ئەھلىنىڭ بىر قىسمى كۆزلىرىگە ياش ئالدى.
ئىسپات بېرىش يىغىنىغا قاتناشقان ئۇيغۇرلاردىن سىياسىي ئانالىزچى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى ۋە ئابدۇلھەكىم ئىدرىس ئەپەندىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى.
ئۇلار ئۆز بايانىدا،ئىلھام توختى ئەپەندىدەك خىتاي قانۇنى دائىرىسىدە تۇرۇپ، تىنچلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغۇچىلارنىڭمۇ تۇتقۇن قىلىنىشى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ نەقەدەر ئېغىرلىقىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ،دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە دىققەت قىلىشىنى، ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ بۇ مەسىلىلەردە خىتايغا داۋاملىق بېسىم ئىشلىتىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.
تىنچلىق بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئاپتونومىيىلىك قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ئەمىلىلىشىنى تەلەپ قىلىپ كېلىۋاتقان ۋە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەر سىياسىتىدىكى باراۋەرسىزلىكنى تەنقىد قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلھام توختى ئەپەندى يېقىنقى يىللاردا كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىنىشقا دۇچ كەلگەن بولۇپ،ئۇ بۇ يىل15-يانۋار كۈنى 40 تىن ئارتۇق خىتاي ساقچىسى تەرىپىدىن بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن.ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم تۈرمىگە قامالغانلىقى ئېنىقلانغان بولسىمۇ، ئەمما دائىرىلەر ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسى ۋە ئادۋوكاتىنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش تەلىپىنى ئۈزلۈكسىز رەت قىلىپ كەلمەكتە.ئىلھام توختى ئەپەندى يېقىندا ئامېرىكا يازغۇچىلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن بېرىلگەن 2014-يىللىق ئەركىنلىك شەرەپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن.