خۇ جىيا: ئىلھام توختى ئائىلىسىنىڭ نوپۇسى بېيجىڭدا بولماسلىقى ئۇلارنى تېخىمۇ مۈشكۈلاتتا قويدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2018-05-14
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
گۈزەلنۇر خانىم ئېرى ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدىدا. 2014-يىلى 17-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
گۈزەلنۇر خانىم ئېرى ئىلھام توختىنىڭ سوتىغا قاتنىشىش ئۈچۈن ئالدىدا. 2014-يىلى 17-سېنتەبىر، ئۈرۈمچى.
AFP

10-ماي كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بېيجىڭدىكى كىشىلىك پائالىيەتچىسى خۇ جيانىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن، 2014-يىلى دائىرىلەر تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ نوپۇسىنىڭ بېيجىڭدا بولماسلىقى بۇ ئائىلىگە تېخىمۇ كۆپ قىيىنچىلىقلارنى كەلتۈرگەن.

خۇ جيا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختىنىڭ چوڭ ئوغلى بابۇر بۇ يىل باشلانغۇچ مەكتەپنى تۈگىتىپ، تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىش ئالدىدا بولسىمۇ، ئەمما بېيجىڭدا ياشاۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئاشقان گۈزەلنۇر ۋە بالىلارنىڭ نوپۇسى بېيجىڭدا بولماسلىقى، بۇ ئائىلىنى بېيجىڭ نوپۇسىدىكىلەر بەھرىمەن بولىدىغان ھەرقانداق ئىجتىمائىي كاپالەتلەردىن مەھرۇم قىلغان.

خۇ جيا مۇنداق دەيدۇ: «گۈزەلنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە بالىلارنىڭ بۇ يىللىق ئوقۇش مەۋسۇمى 3-ئايدا باشلىنىپتۇ. ئۇنىڭ چوڭ ئوغلى بابۇر 9-ئايدا ئوتتۇرا مەكتەپكە چىقىدىكەن. ئەمما ھازىرقى مەسىلە گۈزەلنۇر ۋە بالىلارنىڭ بېيجىڭدا نوپۇسى بولماسلىقى ئۇلارغا تېخىمۇ زور مۈشكۈلاتلارنى كەلتۈرۈۋاتقانلىقى. گۈزەلنۇر بېيجىڭدا ياشاۋاتقىنىغا 10 يىلدىن ئاشتى. ئىلھامنىڭ نوپۇسى بېيجىڭدا بولغىنى ئۈچۈن ئەسلى گۈزەلنۇرنىڭ بېيجىڭ نوپۇسىغا ئۆتۈشى تامامەن مۇمكىن ئىدى. ئەمما ئىلھام توختى ئىلگىرى ئۇلارنى بېيجىڭ نوپۇسىغا ئالدۇرۇش ئىشىنى بېجىرەلمىگىنى ئۈچۈن، ھەرقانداق ئىشتا قانۇنىي ھۆججەتلەرنى تەلەپ قىلىدىغان بېيجىڭدا بالىلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇش مەسىلىسىمۇ بۇ ئائىلىگە ئېغىر بېسىملارنى ئېلىپ كېلىپتۇ».

خۇ جيا ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، ياقا يۇرتلۇقلارنى چەتكە قاقىدىغان بېيجىڭدەك بىر شەھەردە ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر ۋە بالىلىرىنىڭ يەنىلا نوپۇسسىز ياشاشقا مەجبۇر بولۇشتەك قىسمىتى سەۋەبىدىن گۈزەلنۇر خانىم بالىلىرىنى بۇنىڭدىن كېيىن بۇ شەھەردە داۋاملىق ئوقۇتۇش ئىمكانىيىتىنى قانداق ھازىرلاش مەسىلىسىگە دۇچ كەلگەن.

ئىلھام توختى ئەپەندى، 2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرىكى يىللاردا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغلىرىدىمۇ، ئۇنى تەقىب ئاستىغا ئالغان بېيجىڭ ساقچى دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە داۋاملىق سۆزلىشىنى چەكلەش ئۈچۈن، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ تۈرلۈك بېسىملارنى ئىشلىتىپ، ئايالى گۈزەلنۇر ۋە ئىككى ئوغلىنىڭ بېيجىڭدا نوپۇسقا ئورنىتىلىشى قاتارلىق مەسىلىلەرنى شەرت قىلغان ئىدى. ئىلھام توختى ئەپەندى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ «ئۇيغۇربىز» تورىدا داۋاملىق ماقالە ئېلان قىلىشىنى توسۇشقا ئۇرۇنغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى قاتارلىق خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىلھام توختىنىڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇنىڭ تۇتقۇندىن ئىلگىرىكى ساقچىلارنىڭ تەقىبى ئاستىدىكى ئەھۋاللىرى ھەققىدە توختالغان خۇجىيا ئەپەندى يەنە، ئىلھام توختىنىڭ، ئايالى ۋە بالىلىرىنىڭ بېيجىڭدىكى نوپۇسىنى ھەل قىلىشىغا بېيجىڭ ساقچىلىرى ئۈزلۈكسىز توسقۇنلۇق قىلغان ۋە ھەر خىل قىيىنچىلىقلارنى تۇردۇرغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئايالى ۋە بالىلىرىغا تېخىمۇ زور روھىي بېسىم ئېلىپ كەلمەسلىك ئۈچۈن، ئۆز بېشىغا كەلگەن بۇ خىل بېسىم ۋە قىيىنچىلىقلارنى ئۆزى يالغۇز ئۈستىگە ئالغانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئىلھام توختىنىڭ ئامېرىكا ئىندىئانا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان چوڭ قىزى جەۋھەرمۇ ئىلگىرى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان چاغلىرىدا، ئۆزىنىڭ ئوقۇشى تۈگىگەندىن كېيىن ئىككى ئۇكىسىنى ئامېرىكىغا ئەكېلىپ ئوقۇتۇش ئارزۇسى بار بولسىمۇ، ئەمما گۈزەلنۇر خانىم ۋە ئىككى ئۇكىسىنىڭ نوپۇسى بېيجىڭدا بولمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ بېيجىڭدا پاسپورت ئېلىشىنىڭ مۇمكىن بولماي قېلىشىدىن ئەنسىرىگەنلىكىنىى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكىدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساۋ ياشۆ خانىم، 2014-يىلى ئىلھام ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ، مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغاندىن بۇيان، ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ھەرىكىتىنىڭ باشلامچىلىرىدىن بىرى بولۇپ كەلمەكتە.

ساۋ ياشۆ خانىم ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇنىڭ ئائىلىسى يولۇقۇۋاتقان پاجىئەلىك قىسمەتلەرنىڭ، ھەرقانداق بىر خىتاي ئۆكتىچىسىنىڭ ئائىلىسىگە كېلىدىغان بېسىملاردىنمۇ ئېغىر ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرى ۋە خىتايلار بىلەن بولغان مۇناسىۋەتتە باراۋەرلىك ئورنىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن «مىللىي بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ تۈرمىگە تاشلانغان ئىلھام توختى ئۆز خەلقى ئالدىدىكى ۋىجدانى بۇرچىنى ئادا قىلىشنى ئۆز ھايات مىزانى دەپ بىلگەنلىكى ئۈچۈن بۇ خىل قاتتىق جازاغا ئۇچرىدى. بۇنىڭغا خەلقئارا جەمئىيەت ۋە ھۆكۈمەتلەر ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىگە ھەر ۋاقىت كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرۇشى كېرەك ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت