خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى يېقىندا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتى (UNESCO) نىڭ 2018-يىللىق «مادانجات سىڭ مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى. مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر مۇكاپات ئۆز پىكىر-قاراشلىرىنى زوراۋانسىز قارشىلىق يولى بىلەن ئىپادىلەپ جازالانغان بىلىم ئادەملىرى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان ئىكەن. گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ تەۋىسىيەسى بىلەن ئىلھام ئەپەندىنى بۇ مۇكاپاتقا نامزاتلىققا كۆرسەتكەن چەتئەللەردىكى بىر قىسىم سىياسىي پائالىيەتچىلەر زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى ھەمدە ئىلھام توختىنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىق كۆرۈلۈشىنىڭ سەۋەبى ۋە ئەھمىيىتى ھەققىدە توختالدى.
گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەقلىرىنى تەلەپ قىلغىنى ئۈچۈن خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا مەھكۇم قىلىنغان ئىلھام توختىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن، مائارىپ ۋە مەدەنىيەت تەشكىلاتىنىڭ 2018-يىللىق «مادانجات سىڭ مۇكاپاتى» غا نامزاتلىققا تاللانغانلىق ئۇقتۇرۇشنى 16-ماي كۈنى تاپشۇرۇۋالغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ ۋە مەزكۇر تەشكىلاتتىكى مارىي ھولزمان خانىم، ئىنگرىد ۋىدىيارتو خانىملار بىر ئايدىن بۇيان بۇ خىزمەتنى جىددىي ئىشلىگەن ئىكەن. چەتئەللەردىكى سىياسىي پائالىيەتچىلەردىن ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى ۋە كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى شېڭ شۆ خانىملار ئۆز نامىدىن UNESCO غا ئالاھىدە مەكتۇپ يېزىپ ئىلھام توختى ئەپەندىنى مەزكۇر مۇكاپاتقا نامزات قىلىپ كۆرسەتكەن.
ئىلھام توختىنىۇنەسچو نىڭ 2018-يىللىق «مادانجات سىڭ مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسەتكۈچىلەردىن ئامېرىكىدىكى «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ باشلىقى ياڭ جيەنلى ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەمىلى پائالىيەتلىرى ئۇنىڭ مەزكۇر مۇكاپاتقا لايىقلىقىنى ئىسپاتلىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «مەزكۇر مۇكاپاتنىڭ خاراكتېرىدىن ئېلىپ ئېيتقىنىمىزدا، بۇ مۇكاپات زوراۋانسىز ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئادالەت ۋە ھەققانىي تەلەپلەرنى قويۇشتا تۆھپە كۆرسەتكۈچىلەرنى تەقدىرلەشنى مەقسەت قىلغان. بىز ئىلھام توختىنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى بىلىمىز. ئۇ تونۇلغان ئۇيغۇر بىلىم ئادىمى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇر مۇھىتىدا ئۆسۈپ-يېتىلدى، خىتاينىڭ پايتەختى بېيجىڭدا خىتاي مەدەنىيىتى بىلەن تونۇشتى. ئۇنىڭ ھەر ئىككى مىللەت ھەققىدىكى چۈشىنىشى ئىنتايىن چوڭقۇر ۋە ئەتراپلىق. شۇڭا ئۇ ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى توقۇنۇشنىڭ كەلگۈسى تەرەقىياتىنىڭ نېمىدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنىمۇ ياخشى بىلىدۇ. بۇ زىديەت مۇۋاپىق ھەل قىلىنمىسا، ھەر ئىككى مىللەتكە ئېغىر تالاپەت ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئەسلى بۇ مەسئۇلىيەتنى ھاكىمىيەت بېشىدىكى خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈستىگە ئېلىشى كېرەك ئىدى. مەيلى قانداق بولمىسۇن، زىيانكەشلىككە ئۇچرايدىغىنى يەنىلا ھەر ئىككى مىللەت خەلقى. ئىلھام توختى ئەپەندى بۇ مەسىلىلەرنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەن. شۇڭا ئۇ ئۆزىنىڭ تور بېكىتى ۋە يازمىلىلىرىدا ئىككى مىللەت ئوتتۇرىسىدا سەمىمىي دىئالوگ ئېلىپ بېرىلىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۆز-ئارا چۈشىنىشنى، زوراۋانىق ئىشلەتمەسلىك پىرىنسىپىنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى، باراۋەرلىكىنى تەلەپ قىلدى. ئەنە شۇ نۇقتىدىن مېنىڭچە ئىلھام توختى ئەپەندى مەزكۇ مۇكاپاتقا ئەڭ لايىق كىشىلەردىن بىرى. »
ياڭ جيەنلى ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، ئۆز مىللىتى بولغان ئۇيغۇرلارنى ۋە خىتاي خەلقىنى ياخشى چۈشىنىدىغان ئىلھام توختى ئەمەلىيەتتە خىتاي خەلقى بىلەن ئۇيغۇرلار ئارىسىدىكى مۇرەككەپ مۇناسىۋەتتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناپ كەلگەن. ئۇ ئۆز پائالىيىتىدە ئىككى مىللەت ئارىسىدىكى ئۆتكۈر زىددىيەتنى تىنچلىق يولى بىلەن ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلغان كىشى ئىكەن.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ توغرا تەشەببۇسى ۋە پىكىرلىرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ئورنىغا ئۇنى رەھىمسىزلەرچە تۈرمىگە سولىغانلىقى، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى ئېتنىك باستۇرۇشنى كۈچەيتىپ، خىتاي پۇقرالىرىغا ۋە خەلقئاراغا ئۇيغۇرلارنى «بۆگۈنچى»، «تېررورچى» قىلىپ كۆرسىتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلگەنلىكىنى تەنقىدلىدى.
ياڭ جيەنلىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مانا مۇشۇنداق بىر تارىخى ۋەزىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەڭسىز سىياسىتىنى ئۆز قەلىمىگە تايىنىپ زوراۋانسىز يول ئارقىلىق ئاشكارا تەنقىتلەشكە جۈرئەت قىلالىغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ھەر جەھەتتىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.
ياڭ جيەنلى ئەپەندى پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ پەقەت ئۆز خەلقى ئۈچۈن بەدەل تۆلەۋاتقان ۋىجدان مەھبۇسى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە پۈتكۈل خىتاي دۆلىتى ۋە خەلقئارادا باراۋەرلىك، ئادالەت، كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان مىليونلىغان كىشىلەرنىڭ ئۈلگىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ياڭ جيەنلى ئەپەندى، ئىلھام ئەپەندىنىڭ بۇ خىل كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا كۆرسىتىلىشىنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ ئادالەتسىز، باراۋەرسىز سىياسىتىنى دۇنياغا ئاشكارىلاش، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇستەبىت سىياسىتىنى ئەيىبلەش، خىتايدا داۋاملىشىۋاتقان مۇستەبىت ھاكىمىيەت قۇرۇلمىسىنى ئۆزگەرتىش، خىتايدا ھەقىقىي دېموكراتىيە تۈزۈمى ئورنىتىشقا ئاساس سېلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
گۇگۇل ۋە ۋىكىپېدىيا قاتارلىقلارنىڭ ئارخىپ ئامبارلىرىدىكى مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 1995-يىلى تەسىس قىلىنغان «مادانجات سىڭ مۇكاپاتى» 1996-يىلدىن بۇيان ھەر ئىككى يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىپ كەلمەكتىكەن. ئەركىنلىك ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلغان ئىلىم ئادەملىرىگە، تۈرمىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان 100 مىڭ دوللارلىق بۇ مۇكاپات ھازىرغا قەدەر 12 شەخس ۋە بىر تەشكىلاتقا بېرىلگەن ئىكەن.
ھىندىستاننىڭ پەنجاپ شتاتىدا تۇغۇلغان، كېيىن ئەنگلىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن ھوسۇللۇق يازغۇچى ۋە رەسسام مادانجات سىڭ 1924-يىلى تۇغۇلۇپ، 2013-يىلى ۋاپات بولغان. ئۇ ھىندىستان خەلقلىرىنىڭ ھاياتى ئەكس ئەتكەن رەسىملىرى، ئادالەتسىزلىك تەنقىدلەنگەن يازمىلىرى ۋە ئۆزىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى بىلەن خەلقئارادا تونۇلغان شەخس. ئۇنىڭ تەشەببۇسى بىلەن 1995-يىلى UNESCO مەزكۇر مۇكاپاتنى تەسىس قىلغان.
0:00 / 0:00