خىتاينىڭ ئادالەتسىز سىياسىتىنى ئاشكارا تەنقىد قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا خىتايدا «دۆلەتنى پارچىلاش ۋە مىللىي بۆلگۈنچىلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى ئارتىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلار، خىتاي ئۆكتىچىلەر ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ھىمايىچىلىرىنىڭ جامائەت پىكرى توپلاش ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىشنى مەقسەت قىلغان ھەر تۈرلۈك پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا. ئالدىمىزدا يەنە ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ يىلدا بىر قېتىم تارقىتىلىدىغان ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان ساخاروف مۇكاپاتىغا بۇ يىل ئىلھام توختىنى نامزاتلىققا كۆرسىتىش پىلان ئىچىدە بولۇپ، بۇ ئىلھام توختىنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەر ساھەدە زور ئىنكاس قوزغىدى ۋە بۇنىڭغا ئاۋاز قوشقۇچى تەشكىلات ۋە كىشىلەر بارغانچە كۆپەيمەكتە.
مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى 2014-يىلى 1-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىكى ئۆيىدە خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغاندىن بۇيان قويۇپ بېرىلمىگەن بولسىمۇ، ئەمما شۇندىن باشلاپ پۈتۈن دۇنيادا ئىلھام توختىنىڭ قويۇپ بېرىلىش چاقىرىقى ۋە بۇنىڭ ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر تۈرلۈك ۋاسىتە ھەم شەكىللەردە كېڭەيمەكتە، ئۇنىڭ قوللىغۇچىلىرى ئىلھام ئەپەندىنىڭ ھازىرغىچە مەلۇم بولغان ئەھۋالى، ئۇنىڭ ماقالە ۋە چاقىرىقلىرى، سوتنىڭ ئېچىلىشى، تۈرمىدە ئۇچرىغان قىيىن-قىستاقلىرى، سالامەتلىكى، ئايالى ۋە بالىلىرىغا بولغان روھى زەربىلەر، ئىقتىسادى جەھەتتىن بانكىدىكى پۇلىنىڭ مۇسادىرە قىلىنىشىدەك ئەھۋاللىرىغىچە تۈرلۈك ئىجتىمائىي تاراتقۇلار، مەخسۇس سۆھبەت ئىسپاتلىق بېرىش يىغىنلىرى ئارقىلىق ئىلھام توختى توغرىسىدا دۇنيانى خەۋەردار قىلىپ كەلمەكتە.
ئىلھام توختى تېما قىلىنغان يېقىنقى خەۋەرلەرنى مىسال ئالغىنىمىزدا، ئىلھام توختىنىڭ قولغا ئېلىنغانلىقىنىڭ بىر يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ شىۋېتسىيەدە تۇرۇشلۇق شۆبىسى 2015-يىلى 1-يانۋار ئېيىنى تىنچلىق ئەلچىسى ئىلھام توختى ئېيى قىلىپ بېكىتكەن ئىدى، ئارقىدىن خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى 21-فېۋرال «دۇنيا ئانا تىل كۈنى» ھارپىسىدا بايانات ئېلان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىشكە چاقىردى.
22-ئاپرېل كۈنى «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» ChinaChange.org تور بېكىتىدە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭدىكى مىللىي مەسىلىلەر ۋە تەكلىپ» ناملىق ماقالىسىنىڭ ئىنگلىزچە نۇسخىسى ئېلان قىلىندى ۋە بۇ دۇنياۋى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىغا كەڭ تارقالدى.
27-ئاپرېلدىن 30-ئاپرېلغىچە ۋاشىنگتوندا خىتاي پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان «مىللەت، دىن، چېگرا ھالقىغان دېموكراتىك رەھبەرلەرنىڭ 10 نۆۋەتلىك خەلقئارالىق مۇھاكىمە يىغىنى» دا 10 تىن ئارتۇق تەشكىلات ئۇيغۇر، خىتاي، تىبەت، ئىچكى موڭغۇل ۋە تەيۋەن ۋە خوڭكوڭلۇق تەشكىلاتچىلار، شۇنداقلا باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى، دىنىي تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، تەرەپسىز تەتقىقاتچىلار، مۇخبىرلار بولۇپ 100دىن ئارتۇق كىشى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ياۋروپادىكى ئەڭ ئالىي كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بولغان ساخاروف مۇكاپاتىنىڭ بۇ يىللىق نامزاتلىقىغا كۆرسىتىشكە بىرلىكتە ئىمزا ئاتتى. مەزكۇر مۇكاپات سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدىكى رۇسىيە فىزىكا ئالىمى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ساخاروفنىڭ نامىغا تەسىس قىلىنغان مۇكاپات.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئىجرائىيە كومىتېت مۇدىرى دولقۇن ئەيسا پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتىنىڭ يىغىنىدا ئىلھام توختى ھەققىدە مۇھىم قارارلار ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك ماتېرىياللارنى يوللاش، ئىمزا توپلاش قاتارلىق پائالىيەتلىرىنى ئېلىپ بېرىپ، ئىلھام توختىنىڭ ناھەق ھالدا مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم بولۇشىغا قارىتا كۈچلۈك جامائەت پىكرى قوزغاۋاتقان تور بەت «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» ChinaChange.org تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ۋە ئامېرىكىدىكى ئاكتىپ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى چاو ياخۇە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، «خىتايدىكى ئۆزگىرىش» تور بېكىتى بىر ئادالەتنى تەرغىب قىلىدىغان تور بەت بولۇش سۈپىتى بىلەن ئىلھام توختىنىڭ ئەسەرلىرىنى تەرجىمە قىلىپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى، ئىلغام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش تەييارلىق خىزمەتلىرىنى ئۆزى قول تۇتۇپ ئىشلەۋاتقانلىقىنى، ئىلھام توختىنىڭ ئېتنوگرافىيىسىنى تەييارلاۋاتقانلىقىنى، بۇ ماتېرىياللار بىلەن ئۇنى ساخاروف مۇكاپاتىغا كۆرسىتىشنىڭ ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى تونۇشتۇردى.
ئۇ يەنە «دەسلەپكى قەدەمدە ئىلھامنى ساخاروف مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش، بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەندىن كېيىن داۋاملىق خەلقئارا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا كۆرسىتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىمىز ۋە مۇبادا بۇ يىل ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ ئۇنى نامزاتلىققا كۆرسىتىشنى يىلمۇ-يىل داۋاملاشتۇرىمىز. مەن شەخسەن ئىلھامنى تونىمايمەن، ئەمما ئۇ ئۆز مىللىتىنىڭ غۇرۇرى، ئىنسان ھەقلىرى، ئادالەت ئۈچۈن قەيسەرلىك بىلەن ئوتتۇرىغا چىققان بىر زىيالىي بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭغا ئىخلاس قىلىمەن، ئىلھام قولغا ئېلىنغان كۈنى مەن ئىختىيارسىز ياش تۆكتۈم، بىر كىشىلىك ھوقۇق تەرغىباتچىسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئۇنىڭ ئادالىتى، ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشنى ئەھدى قىلدىم. بۇ مېنىڭ بۇرچۇم، مېنىڭچە، خىتاينىڭ ئادالەتسىز سوت ھۆكۈمى بىلەن قاماققا تاشلانغان ئادالەتپەرۋەر زىيالىي ئىلھام توختى ئۈچۈن سۆزلىمەسلىكنىڭ ئۆزى، خىتايغا ياردەم قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ» دېدى.
ئىلھام توختىنىڭ دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىلىشىنى ئىزچىل تەلەپ قىلىش بىلەن بىرگە، كىشىلىك ھوقۇق تەرەپدارلىرىنى، ھۆكۈمەتلەرنى خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىرىۋاتقان خەلقئارا قەلەمكەشلەر تەشكىلاتىنىڭ تىل ۋە تەرجىمە ھوقۇقى كومىتېتى رەئىسى قەيسەر ئۆزھۇن ئەپەندى، ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭ نۆۋەتتە بىر يازغۇچىنىڭ ھەق-ھوقۇقى ياكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىن ھالقىپ، خەلقئارالىق بىر مەسىلىگە ئايلانغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئىلھام توختى ساخاروف مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندە، ئۇنىڭ قويۇپ بېرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.