تىبەت ئايال يازغۇچى ۋوئېسېرنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى (2)

0:00 / 0:00

بېيجىڭدىكى تىبەت ئايال يازغۇچى ۋوئېسېرنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ھەققىدىكى ئەسلىمىسى رادىيومىز خىتاي بۆلۈمىدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئاپتورنىڭ سەپەر خاتېرىسىدە ئىپادىلەنگەن ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىق ۋە ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر نۆۋەتتە يۈزلىنىۋاتقان ئىجتىمائىي رېئاللىق ھەققىدىكى سېلىشتۇرمىلار ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، يازۇچى ۋوئىسېرنىڭ 2003-يىلى ئۇيغۇر دىيارىغا سەپەر قىلىشىغا سەۋەب بولغان ئامىلمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ بىر تىبەت يازغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇيغۇرلار بىلەن تىبەتلەر يۈزلىنىۋاتقان سىياسىي ۋە ئىجتىمائىي رېئاللىقنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈش ئىستىكى ئىكەن.

ۋوئېسېر خانىم سەپەر خاتېرىسىنىڭ بېشىدىلا ئۇيغۇر دىيارىغا بولغان تەلپۈنۈشى ۋە مۇھەببىتىنى ئىپادىلەپ مۇنداق دەپ يازىدۇ: «شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن ئۇيغۇرچە ۋە خىتايچە يېزىلغان يول تاختىلىرى كۆز ئالدىمدا نامايان بولۇشى بىلەن ئۆزۈمنى ئۇيغۇر دىيارىنىڭ دەۋرۋازىسىدىن كىردىم دەپ ئويلىدىم. كۆپ-كۆك ئاسمان، بىر-بىرىگە گىرەلىشىپ كەتكەن تاغلار ئۈستىدە لەيلەپ يۈرگەن ئاپئاق بۇلۇتلار بەئەينى تىبەتنىڭ ئاسمىنىغا ئوخشايتتى. يىراقتىكى تەڭرىتاغ تىزمىلىرى لاسا ئەتراپىدىكى تاغلارنى ئەسلىتەتتى. مەندىكى بۇ خىل تۇيغۇلار شۇ تاپتا مەن تېخى قەدەم باسمىغان بۇ تۇپراقنى، بۇ يەردە ياشاۋاتقان خەلقنى ئۆزۈمگە يېقىن كۆررۈۋاتقىنىمدىن بولۇۋاتاتتى. ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان يۈرىكىمگە ئورناپ كەتكەن بىر ئاجايىپ تۇيغۇ، يەنى بۇ مۇقەددەس زېمىنغا بولغان قىززىقىشىم، تەلپۈنۈشۈم مۇ دەقىقىدە رېئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇراتتى. . .»

ۋوئېسېر خانىم سەپەر خاتىرىسىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى 13 كۈنلۈك تەسىراتىنىڭ خىتاي تاراتقۇلىرىدىكى «ناخشا-ئۇسسۇل ماكانى»، «مېۋە-چېۋە ماكانى» دېگەندەك تەشۋىقاتلارنىڭ چېگراسىدىن ھالقىپ كەتكەن، يەنە كېلىپ يۇقىرىقى تەشۋىقاتلاردىن ئىنتايىن پەرقلىق بولغان «رېئاللىق» بولغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ.

ۋوئېسېر خانىم سەپەر خاتىرىسىنىڭ «كۆرۈنۈشتە ناخشا-ئۇسسۇل ھەممىدىن مۇھىم» دېگەن قىسمىدا قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيەسىدىكى ئۇيغۇر رېستورانىدا كۆرگەن كەچلىك زىياپەت مەنزىرىسىنى مۇنداق دەپ تەسۋىرلەيدۇ: «مەززىلىك ئۇيغۇر تائاملىرى، ئۇيغۇر مۇقامىدىن ئارىيە ئېيتىۋاتقان ناخشىچى قىزنىڭ يېقىملىق ئاۋازى شۇنداقلا زالنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مەيداندا جۈپ-جۈپى بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشكەن ئۇيغۇرلارنىڭ يۈزلىرىدە ئەكس ئېتىۋاتقان تەبەسسۇم كىشىگە ئاجايىپ تۇيغۇ بەخش ئېتەتتى. مەن بۇ يەردە ئىلگىرى سەھنىلەردىلا كۆرگەن ئۇيغۇر ئۇسسۇلىنى بۈگۈن ئەڭ يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ كۆرۈۋاتاتتىم. بىزنىڭ زورىمىز بىلەن مەيدانغا چۈشكەن دانىيار پىشقان ئۇسسۇلچىلارغا خاس ئەپچىل پىرقىراشلىرى بىلەن كۆپچىلىك ئارىسىدىكى ئۇسسۇل چولپىنىغا ئايلانغان ئىدى. . .»

ئەمما ۋوئىسېر خانىم يەنە يۇقىرىقى بايانلارغا زىياپەت سورۇنىدا ئۇيغۇر سەپەردىشى دانىيار بىلەن بولۇنغان قىسقىچە سۆھبەتنى قىستۇرۇش ئارقىلىق ئۆزى تەۋىرلىگەن بۇ «خۇشال كەيپىيات» نىڭ كەينىگە يوشۇرۇنغان پۈتۈنلەي باشقىچە بىر خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ.

ۋوئېسېر خانىم مۇنداق دەپ يازىدۇ: «مەن قەدەھنى كۆتۈرۈپ دانىيارغا ‹ھەرقانداق بىر كىشى بۇ مەززىلىك تائاملارنى، جۇشقۇن ئۇسسۇللارنى كۆرگىنىدە ئۇيغۇرلار بەخت ئىچىدە ياشاۋېتىپتۇ دېگەن تۇيغۇغا كېلىدىكەن› دېگىنىمدە دانىيارنىڭ چىرايىدىكى تەبەسسۇم شۇ ھامان ئۆزگەردى. ئۇ ماڭا مۇنداق دەپ جاۋاب بەردى: ‹شۇنداق، كۆرۈنۈشتە مۇشۇنداق، بۇنداق سورۇنلاردا ئۇيغۇرلار ناھايىتى بەختلىك ياشاۋاتقاندەك كۆرۈنىدۇ، لېكىن بىزنىڭ يۈرىكىمىزگە ئورناپ كەتكەن ئازاب تۇيغۇسىنى كىشىلەر بىلمەيدۇ، بىز يىغلىغان چېغىمىزدىمۇ ھېچكىم بىزگە ھېسداشلىق قىلمايدۇ. . .›»

مەزكۇر زىيارەت خاتىرىسىنى ئوقۇغان ئىلشات ھەسەن ئەپەندى تىبەت يازغۇچى ۋوئېسېرنىڭ بۇ يازمىسىنىڭ ئارىدىن 15 يىل ئۆتكەندىن كېيىن، يەنى ئۇيغۇرلار سىياسىي، ئىقتىسادىي، دىنىي-ئېتىقاد ۋە مەدەنىيەت قاتارلىق جەھەتلەردە قاتتىق باستۇرۇلۇشقا ئۇچراۋاتقان، ھەتتا تۈركۈم-تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقان بۈگۈنكىدەك بىر ئېغىر ۋەزىيەتتە ئېلان قىلىشى، مۇھىم قىممەتكە ئىگە دەپ كۆرسەتتى.

ئۇيغۇر دىيارىنىڭ قۇمۇل، تۇرپان قاتارلىق جايلىرىدىن ئالغان تەسىراتىنى بىلدۈرگەن ۋوئېسېر خانىم خىتاي ئۇسلۇبىدىكى بىنالار كۆپەيگەن، ئاسفالت يوللار گىرەلىشىپ كەتكەن زامانىۋى شەھەر كوچىلىرىدا ئۆز تەسەۋۋۇرىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ چىرايىنى كۆرەلمىگەنلىكىنى ئەپسۇسلۇق بىلەن تىلغا ئالىدۇ. ئۇ تۇرپاندىكى كەچلىك بازاردا بىر ئۇيغۇر يىگىتىنىڭ ئۇلارنى بۇيلۇقتىكى رېستورانىغا بېرىش توغرىلىق ساپ خىتاي تىلىدا قىلغان تەكلىپىنى ئاڭلايدۇ. ئۇلار يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا خىتاي تىلى ۋە مەدەنىيىتى بىلەن شالغۇتلاشقان، ھەتتا پۈتۈنلەي خىتايلاشتۇرۇلىۋاتقان ئاتالمىش «مەدەنىيەتلىك شەھەر» لەرنى بەرپا قىلىۋاتقانلىقىغا دىققەت قىلىدۇ.

ۋوئېسېر خانىم ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا قىلغان 13 كۈنلۈك سەپەر ھاياتىدا ھۆكۈمەت تەرىپىدىن قۇرۇلغان ھەرقانداق بىر ساياھەت ئورنىنى زىيارەت قىلماسلىقىدىكى سەۋەپنىڭ دەل ھەقىقىي ئۇيغۇر ھاياتىنى كۆرۈش ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ يۈرەك سۆزلىرىنى ئاڭلاش ئۈچۈن بولغانلىقىنى، ئەمما بۇ ئارزۇسىغا يېتەلمىگەنلىكىنى بايان قىلىپ، مۇنداق يازىدۇ: «بىز بۇيلۇققا بارمىدۇق. 1980-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇر دىيارىدا كۆپ قېتىم زىيارەتتە بولغان ئېرىم ۋاڭ لىشيۇڭ بويلۇقنىڭ مەشھۇر ساياھەت نۇقتىسى ئىكەنلىكىنى بىلەتتى، ئەمما ئۇنىڭ پىرىنسىپىدا بېلەت سېتىلىدىغان ھەرقانداق بىر ساياھەت نۇقتىسىغا ئامال بار بارمىغان ياخشى. چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا بۇ سەپەرنىڭ ئەھمىيىتى قالمايتتى. ئەمما بىز سەپىرىمىزنىڭ ھەر قەدىمىدە دېگۈدەك جاي-جايلاردىن كەلگەن ساياھەتچىلەرگىلا ئۇچرىدۇق. يەرلىكلەرنىڭ نەزىرىدە بىز بەرىبىر ساياھەتچى ئىدۇق. ئۇلار بىزگە ئېتىبار قىلمايتتى، بىز بىلەن پەقەت ساياھەتچىلەرگىلا قىلىدىغان رەسمىيەت يۈزىسىدىنلا سالاملىشاتتى. ياغلىق تېڭىۋالغان ئاياللارنىڭ چىرايىدىكى ھەقىقىي ھېس تۇيغۇسىنى بىلگىلى بولمايتتى، ساقاللىق بوۋايلارنىڭ كۆڭلىدە نېمىلەرنى ئويلاۋاتقانلىقىنى بىلىش مۇمكىن ئەمەس ئىدى. ئۇيغۇرلارنىڭ كۆرپىلەر سېلىنغان مەپىلىك ئېشەك ھارۋىلىرىغا ئولتۇرۇپ، يالقۇنتاغنى بىر ھەپتە ئايلانغان ھالەتتىمۇ سىز ئۇلار بىلەن پاراڭلىشالماي ھەسرەتتە قالىسىز.»