ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 27-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنىدا ئامېرىكا، گېرمانىيە ۋە ئەنگلىيە قاتارلىق دۆلەتلەر خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى ناھەق تۇتقۇن قىلغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇ قىلغانلىرىنىڭ ئىنسان ھوقۇقىغا خىلاپ ئىكەنلىكىنى، ئۇنى دەرھال قويۇۋېتىشنى ئوتتۇرىغا قويغان.
بۇ يىغىنغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا قاتنىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، مەزكۇر دۆلەتلەر خىتاينىڭ ھازىر ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا بىلەن پېتېر ئەپەندى يىغىندا سۆز قىلىپ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى شۇنداقلا قىرغىنچىلىق قىلمىشىنى ئاڭلاتقان.
دولقۇن ئەيسانىڭ ئېيتىشىچە بۇ قېتىمقى يىغىندا نۇقتىلىق ھالدا شام ئىراق ئىسلام دۆلىتى تېررور تەشكىلاتى، سۈرىيە مەسىلىسىدىن باشقا ئۈچىنچى بولۇپ خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئىلھام توختى ئۈرۈمچىدە سوتلىنىشتىن بىر كۈن بۇرۇن بىرلەشكەن دۆلەتلەردە ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئۇيغۇر مەسىلىنىڭ خەلقئارادىكى ئورنىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكى ۋە بۇنىڭ سوت ئۈچۈن ئىجابىي رولى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.