خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە يېتىۋاتقانلىقىغا ئىككى يىل بولاي دېدى. مانا مۇشۇ مەزگىلدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختىنى ئەسلىدى. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون بۇ كۈننى خاتىرىلەپ، ئىلھام توختى قاچان قويۇۋېتىلگىچە، ئۇنىڭ مەسىلىسىنى داۋاملىق كۈن تەرتىپتە تۇتۇپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتى.
بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى 2014-يىلى 9-ئاينىڭ 23-كۈنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلغان سوتتا «بۆلگۈنچىلىك» بىلەن ئەيىبلىنىپ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىدى. ئەينى چاغدا بۇ ۋەقە زور غۇلغۇلا قوزغاپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە شۇنداقلا خەلقئارادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ كۈچلۈك تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ئۇنىڭغا ھۆكۈم ئېلان قىلىنغانلىقىغا ئىككى يىل تولغان مەزگىلدە، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇنىڭ مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق كۈن تەرتىپتە تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى ئەسكەرتمەكتە.
خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرى دىرېكتورى سوفى رىچاردسون خانىم ئىلھام توختىنىڭ ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنىڭ ئىككى يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تەشكىلاتنىڭ تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئىلھام توختىنىڭ شەرتسىز ھالدا قويۇۋېتىلىشى كېرەكلىكىنى تەلەپ قىلدى. ئۇ، باياناتىدا، ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ۋە مارتتىن ئېننالس فوندى جەمئىيىتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشىنى قارشى ئالغان ھەم مۇنداق دېگەن: «ئىلھام توختىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتى ۋە مارتېن ئېننالس فوندىنىڭ مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلىشى ئۇنى قوللاش ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشتىكى ياخشى بىر ئىشارەت. ئەمما، ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ھەقىقەتەن مۇقىملىق، ئىقتىسادىي تەرەققىيات يارىتىمەن دەيدىكەن ۋە كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىمەن دەيدىكەن، ئۇ ھالدا خىتاي ئۆزىنى ۋە باشقىلارنى ئىلھام توختىنى قويۇۋېتىش ئارقىلىق تارتۇقلىشى كېرەك» دەپ يازغان.
بۈگۈن سوفى رىچاردسون خانىم بىزنىڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ دېلوسىنىڭ ئىنتايىن سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە بىر دېلولىقىنى ئېيتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مېنىڭچە، ئىلھام توختىنىڭ دېلوسى ئىنتايىن مۇھىم ۋە سىمۋوللۇق خاراكتېرىگە ئىگە بىر دېلو. ئىلھام توختى تۈرمىگە قامىلىش ئەمەس بەلكى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى بىلەن بىر ئۈستەلدە ئولتۇرۇپ، قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرلارغا تەڭ-باراۋەر مۇئامىلە قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ، دېگەننى مۇزاكىرە قىلىدىغان بىر شەخس ئىدى. شۇڭا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر تۈرمىدە ياتقان مۇددەتكىچە بىز شىنجاڭنىڭ ۋەزىيىتىگە ئۈمىدسىز قارىساق بولىدۇ.»
ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ئەڭ مۇھىمى خىتاي قانۇنلىرىغا ئۇيغۇن ھالدا، بېكىتىلگەن قانۇن-تۈزۈملەر ئاساسىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى ئەسكەرتتى.
سوفى رىچاردسون خانىم ئېلان قىلغان باياناتىدا، شى جىنپىڭ ھاكىمىيەتكە كەلگەندىن بۇيان دۆلەتنى قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش تەشۋىق قىلىنسىمۇ، ئەمما كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرىنىڭ ئېغىر زەربىگە ئۇچرىغانلىقى، ئۇيغۇرلارغا قارىتىلىۋاتقان كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ، يەنى ئۇيغۇرلارنىڭ دىنى، مىللىي، ئىقتىسادىي ھوقۇقلىرىنىڭ ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئىلگىرىلەپ دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسەتكەن.
ئۇ يەنە، رايوندا خىتايلارغا نەپ يەتكۈزىدىغان سىياسەتلەر ۋە شۇنداقلا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ رايوندىكى ۋەزىيەتنى تېخىمۇ ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋاتقانلىقى ۋە بۇ ئارقىلىق يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىگە يول ئېچىۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان. ئەمما، سوفى رىچاردسون خانىم سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىنى قولغا ئېلىش ۋە ئۇنى ئېغىر جازالاش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن ئۇلارنىڭ ھوقۇقى توغرىسىدا مۇرەسسەلەشمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى، دەيدۇ.
سوفى خانىم مۇنداق دېدى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى "بۆلگۈنچىلىك" بىلەن ئەيىبلەپ قولغا ئېلىش ۋە ئۇنى تەلۋىلەرچە بۇنداق ئېغىر جازالاش ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۆھبەتكە ئولتۇرۇشقا چاقىرىۋاتقان تىنچلىقپەرۋەر ئۇيغۇر ئاۋازلىرىغا بىر سىگنال بېرىۋاتىدۇ. يەنى، مەيلى قانداق تېما بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، نېمە بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بىز سەن بىلەن سۆھبەتكە ئولتۇرمايمىز. ئۇخلاپ چۈشۈڭ. بۇنى ئەڭ ياخشىسى ئۇنتۇپ كەت" دېگەن سىگنالنى بېرىۋاتىدۇ. بۇ مېنىڭچە خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتى ئۈچۈن زور بىر خاتالىق.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندىمۇ ئىلھام توختىنىڭ ھېلىھەم تۈرمىدە يېتىشى كىشىلىك ھوقۇق دەۋاگەرلىرىگە زور ئۈمىدسىزلىك ئەپ كېلىدىغان بىر ئەھۋال، دەيدۇ.
سوفى رىچاردسون خانىم باياناتىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەقسىتىنىڭ ئىلھام توختىنى ئۇنتۇلدۇرۇۋېتىش ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. شۇڭا ئۇ، ئىلھام توختى ئۆمۈرلۈك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانغا 2 يىل تولغان مۇشۇ كۈنلەردە ھەرقايسى تەشكىلاتلاردىن ۋە دېموكراتىيە ياقىلىغۇچى دۆلەتلەردىن ئىلھام توختىنىڭ قويۇۋېتىلىشىنى تەلەپ قىلىشنى قەتئىيلىك بىلەن داۋام قىلدۇرۇشنى تەلەپ قىلدى. ئۇ مۇنداق دېدى :
«ئۇنىڭ ھۆرلۈكىنى تەلەپ قىلىشنى قەتئىي داۋاملاشتۇرۇش كېرەك. بۇ مېنىڭ بىردىن-بىر تەكىتلەيدىغىنىم. ئىلھام توختى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدايدىغان ۋە ھۆرمەت قىلىدىغان سىياسەتلەرنى تۇرغۇزۇشتا كەم بولسا بولمايدىغان بىر شەخس. شۇڭا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭغا ئوخشاش كىشىلەر بولماي تۇرۇپ، شىنجاڭدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈشتە بىر نەتىجىگە ئېرىشىش مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇققا كۆڭۈل بۆلىدىغان ھۆكۈمەتلەر ھەممىسى ئىلھام توختىنىڭ ئادۋوكاتلىقىنى قىلىشى كېرەك.»
ئىلشات ھەسەن ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتى ئەگەر ئىلھام توختى مەسىلىسىدىكى خاتالىقىنى تونۇغان تەقدىردە، بۇنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزى ئۈچۈن ياخشى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ شۇنداقلا ئامېرىكا ھۆكۈمىتىدىن ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.