ئىلھام توختى قامالغىنىغا 4 يىل بولغاندا دۇنيانىڭ ئۇنى ئۇنتۇپ قالماسلىقى چاقىرىق قىلىندى

0:00 / 0:00

21-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر زىيالىسى ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «مىللى قۇتراتقۇلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلغانلىقىغا 4 يىل تولغاندا گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش» گۇرۇپپىسى بايانات ئېلان قىلىپ، دۇنيا جامائەتچىلىكىنى تۈرمىدىكى ۋىجدان مەھبۇسى ئىلھام توختىنى ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىرىق قىلىندى.

مەزكۇر گۇرۇپپىنىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ باياناتنى ئېلان قىلىشتىكى مەقسەتلەر ھەققىدە توختالدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى مەزكۇر باياناتنى ئېلان قىلىش ئارقىلىق خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىھام توختى دېلوسىغا غەرپ دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ دىققىتىنى يەنىمۇ مەركەزلەشتۈرۈشنى، ئۇيغۇر دىيارىدا مىليونلارچە ئۇيغۇر جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بۈگۈنكىدەك بىر تارىخىي دەۋردە ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

2008-يىللىق «ساخاروف كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى، نۆۋەتتە بېيجىڭدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەقىبى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خىتاي كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جيا ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلۇق ئورناتقان خىتاي پائالىيەتچىلىرىدىن بىرى.

خۇ جيا ئەپەندى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىنمۇ پۇرسەت بولسىلا دوستى ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنى يوقلاپ كېلىشنى ئۆزىگە ئادەت قىلغان بولۇپ، ئۇ 4 يىلدىن بۇيان رادىيومىز ئۇيغۇر بۆلىمى ۋە باشقا خەلقئارا تاراتقۇلارغا ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەھۋالى توغرۇلۇق داۋاملىق مەلۇمات بېرىپ كەلمەكتە.

ئەمما بۇ قېتىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان خۇ جيا ئەپەندى بۇ يىل يازلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۆزى ئۈزلۈكسىز ھالدا ساقچىلار تەرىپىدىن نازارەت قىلىنىپ، بېيجىڭدىكى ئۆيىگە نەزەربەند قىلىنغانلىقى ۋە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇرنىڭمۇ سىرت بىلەن بولغان بارلىق ئۇچۇر-ئالاقىسى ئۈزۈلگەنلىكى ئۈچۈن يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ئىلھام توختى ئائىلىسى بىلەن بولغان ئالاقىسىنىڭمۇ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جيا مۇنداق دېدى: «بۇ يىل يازلىق تەتىلدە مەن ئىلھام توختىنىڭ بالىلىرىنى يوقلاپ كېلىشنى پىلانلاپ 7-ئاينىڭ ئاخىرى ۋە 8-ئاينىڭ بېشى ھەمدە 9-ئاينىڭ بېشىدا بالىلارنى يوقلاپ كېلىش ئۈچۈن تەييارلاندىم. 4-نومۇرلۇق بالىلار پوتبول توپى ۋە چوڭلار توپى بولۇپ، 2 دانە پوتبول توپى ئالدىم. ئۆزۈم پوتبولنى ياقتۇمىساممۇ، ئەمما بالىلار بىلەن بىللە پوتبول تېپىپ ئۇلارنى خۇشال قىلىش ئۈچۈن مەخسۇس پۇتبول ئايىغىمۇ سېتىۋېلىپ، پوتبول تېپىشنى مەشىق قىلدىم. ئىلھام توختىنىڭ ئوغلى بابۇر ماڭا ئۇچۇر يوللاپ، ئۆزلىرىنىڭ مېنى كۈتىۋتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. چۈنكى ئىلگىرى ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشكەن چېغىمىزدا ئۇنىڭ بىردىن بىر خۇشال بولىدىغان ۋاقتى ئىككى ئوغلى بىلەن بىللە پوتبول تېپىپ بالىلارنى خۇشال قىلىش ئىدى. ئەپسۇس، مەن پۈتكۈل يازلىق تەتىل بويى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۆيۈمدە مىرزا قاماقتا بولغىنىم ئۈچۈن بالىلارنى يوقلاپ بارالمىدىم. ئۇلار بىلەن بىللە پۇتبول تېپىشكىمۇ ئىمكانىيىتىم بولمىدى.»

خۇ جيا ئەپەندى يەنە ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇرنىڭ ئۇيغۇرلار بىلەن نورمال ئالاقىدە بولۇشى چەكلەنگەندىن باشقا يەنە ئۇنىڭ تېلېفونى 24 سائەت ساقچىلارنىڭ نازارىتىدە بولغىنى ئۈچۈن گۈزەلنۇرنىڭ ھەرقانداق تېلېفوننى قوبۇل قىلمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ بۇنداق شارائىتتا ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشنىڭ تېخىمۇ تەسلەشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «مەن ئىلھام توختىنىڭ ئائىلىسىنىڭ نېمە ئۈچۈن بۇ يىل شىنجاڭغا قايتىپ ئىلھام توختىنى يوقلىيالمىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى بىلىش ئۈچۈن تىرىشتىم. بالىلارنىڭ ئوقۇش مەسىلىسىنىمۇ سۈرۈشتۈرۈپ، ئۇلارغا ياردەم قىلىشنى ئويلىغان ئىدىم. ئەمما گۈزەلنۇرنىڭ تېلېفونى نازارەتتە بولغاچقا ھازىر ئۇ ھېچقانداق تېلېفوننى ئالالمايدۇ. شۇڭامۇخبىرلارنىڭلارنىڭ ئۇنى زىيارەت قىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس.»
كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى خۇ جىيا ئەپەندى يەنە ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىڭ خەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىنى داۋاملىق سۈرۈشتۈرۈشكە چاقىردى: «ھازىر گۈزەلنۇرنىڭ ئۆزىمۇ داۋاملىق تەقىب ئاستىدا بولغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەن ئىلگىرىكى چاغلاردىكىدەك بىۋاسىتە ئالاقىلىشىشقا مۇمكىن بولمىدى. مانا مۇشۇنداق بىر ئەھۋالدا بىزنىڭ ئاۋازىمىزنى چىقىرىشىمىز، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ھەرقانداق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ئەھۋالىنى خىتاي ھۆكۈمىتىدىن جىددىي سۈرۈشتۈرۈشى كېرەك دەپ ئويلايمەن.»

خۇ جيا ئەپەندى بايانىدا يەنە ئىلھام توختىنىڭ بۇلتۇر خىتاينىڭ لىياۋنىڭدىكى تۈرمىسىدە جىگەر راكى بىلەن ئۆلگەن نوبېل مۇكاپاتى ساھىبى لىيۇ شاۋبودەك ئاقىۋەتكە قېلىشىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. شۇڭا خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئىلھام توختىغا ئائىت خەۋەرلەرنىڭ داۋاملىق بېرىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىن ئامېرىكا ۋە ياۋروپا ئەللىرىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ تۈرمىدىكى ۋەزىيىتىنى داۋاملىق سۈرۈشتۇرۇپ تۇرۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەقىبى ئاستىدا تۇرۇۋاتقان خۇ جيا ئەپەندىدەك خەلقئاراغا تونۇلغان بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنىڭ ئۆز ئاۋازى ئارقىلىق خەلقئارا جەمئىيەت ۋە خىتاي خەلقىنى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىشى ھازىرقىدەك مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر جاز لاگېرلىرىغا قامىلىپ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۇچراۋاتقان ۋەزىيەتنى دۇنياغا ئاڭلىتىشتا تېخىمۇ زور ئۈنۈم بېرىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئېلشات ئەپەندى بايانىدا يەنە خىتايدا مىليونلىغان ئۇيغۇر «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» نامىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قامالغان بۈگۈنكىدەك بىر تارىخىي مەزگىلىدە تېخىمۇ كۆپلىگەن خىتاي زىيالىيلىرىنىڭ ئاۋازى ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسى ھۆكۈمرانلىقى ئاستىدا ياشاۋاتقان خىتاي خەلقىنى ئويغىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى ۋە تەخىرسىزلىكىنى تەكىتلىدى.