جۇڭگو پۇقرالار كۈچى: ئىلھامغا بېرىلگەن جازا ئۇيغۇر-خەنزۇ ئۆز-ئارا يارىشىش ئېھتىمالىنى تېخىمۇ يوققا چىقىرىدۇ

0:00 / 0:00

خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ ئامېرىكىدىكى «جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» ناملىق تەشكىلاتى باياناتىدا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوتنىڭ ئاتاقلىق ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختىغا بەرگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى تەنقىدلەپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى ئىلھام توختىنى دەرھال ۋە شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدە خىتايغا بېسىم ئىشلىتىشكە چاقىردى.

«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتى جۇڭگو مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ مەزكۇر دوتسېنتنىڭ ئادىل سوتلانمىغانلىقىنى، ئىككى كۈنلۈك سوتتا ئۇنىڭغا ئارتىلغان «جىنايەتلەر»نى ئىسپاتلايدىغان ھېچقانداق دەلىل ئوتتۇرىغا قويۇلمىغانلىقىنى، ھېچقانداق بىر گۇۋاھچى قاتناشتۇرۇلمىغانلىقىنى تەكىتلەپ، سوتنى ساختىپەزلىك، دەپ تەنقىد قىلدى.

باياناتتا كۆرسىتىشىچە، ئىلھام توختى كۆپ ھاللاردا خىتاينىڭ شىنجاڭدىكى ھەرىكىتىنى تەنقىدلەپ كەلگەن ئۇيغۇر-خەنزۇ مۇناسىۋەتلەر سىياسىتىدىكى كۆزگە كۆرۈنەرلىك ئوبزورچى بولۇپ، ئۇنىڭ غەيرىي زوراۋانلىق پىكرى خىتاي ئىلىم ساھەسىدە ئۇيغۇر-خەنزۇ مۇناسىۋەتلىرىدىكى كۆۋرۈك، دەپ قارىلىپ كەلگەن.

«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى دوكتور ياڭ جيەنلىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئىلھام توختىنى جازالاپ، ئۇيغۇر-خەنزۇ ئوتتۇرىسىدىكى كۆرۈككە بۇزغۇنچىلىق قىلغان. ئۇ، بۇنىڭ ئۇيغۇر-خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى يارىشىشقا تېخىمۇ قاتتىق بۇزغۇنچىلىق قىلىشىدىن ئەندىشە قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ياڭ جيەنلى: بۇ قېتىمقى بۇزغۇنچىلىق خەنزۇلار بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ھېسسىيات جەھەتتىكى مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشىدىن ئەندىشە قىلىمەن. بەلكى، ئىككى تەرەپتىكى كەلگۈسىدىكى ئۆز-ئارا يارىشىشىنى تېخىمۇ يوققا چىقىرىشى مۇمكىن، دېدى.

لېكىن، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىغا بەرگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئاقلاپ، ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇق تەلەپ قىلغان ۋە خىتاينى ئاساسىي قانۇن، ئاپتونومىيە قانۇنىدىكى ئالاقىدار ھەق-ھوقۇقلارغا ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىپ كەلگەن مەزكۇر ئۆكتىچى زاتنىڭ جىنايەت شايكىسى قۇرۇپ، قانۇنغا خىلاپلىق قىلغانلىقى ۋە بۆلگۈنچىلىك بىلەن شۇغۇللانغانلىقىدا چىڭ تۇرماقتا.

خىتاي مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لو لىمىڭ، پەيشەنبە كۈنى ئاخبارات يىغىنى ئۆتكۈزۈپ، ئىلھام توختىنىڭ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىشى ۋە جازالىنىشى، ئۇنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنغان ياكى قىلىنمىغانلىقى مەسىلىسى ئەمەس. ئۇنىڭغا بېرىلگەن جازا ئەدلىيە تەرتىپى ۋە قانۇن-بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن بېرىلدى، دېگەن.

ھالبۇكى، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى تەنقىد قىلغان دۆلەتلەرگە دىپلوماتىك نارازىلىق بىلدۈرگەن. خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرى خۇا چۈنيىڭ، چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ بۇ دۆلەتلەرگە رەسمىي نارازىلىق بىلدۈرگەنلىكىنى ئاشكارىلىغان. ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تەنقىد قىلىپ، ئۇنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلغان. پرېزىدېنت ئوباما، ئىلھام توختىغا ئوخشاش كىشىلەرنىڭ ئەركىنلىككە ھەققى بارلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

بىراق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختىنىڭ سوتىدا ئېغىر ئادالەتسىزلىك مەسىلىسى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ھوقۇقىغا ھۆرمەت قىلىنمىغان. دوكتور ياڭ جيەنلى، ئىلھام توختىنىڭ سوتىدا قانۇن تەرتىپكە رىئايە قىلىنمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: قانۇن تەرتىپ مەسىلىسىدە ئېغىر مەسىلە بار. بۇنى ئادۋوكاتمۇ ئوتتۇرىغا قويدى. بۇنىڭ بىرى، ئۇ مەخپىي يەرگە سولىنىپ، ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلىنمىدى. سەن ئالدى بىلەن ئۇنىڭ ئۆزىنى ئاقلاش ھوقۇقىنى تارتىۋالدىڭ. ئىككىنچىسى، ئۇ ئىلھامنى ئۈرۈمچىگە ئېلىپ بېرىپ سوتلىدى. ئۈرۈمچىنىڭ ئىلھامنى سوتلاش ھوقۇقى بارمۇ-يوق؟ چۈنكى، ئۇ بېيجىڭ نوپۇسىدا. بۇلارنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ سوتىدا ناھايىتى زور مەسىلە بارلىقىنى كۆرسىتىپ تۇرىدۇ. چۈنكى، قانۇنى پرىنسىپتىن ئالغاندا قانۇنى تەرتىپتە مەسىلە چىقسا، دېلودا مەسىلە چىقىدۇ. بىز شۇنى كۆردۇق، ئىلھامنىڭ دېلوسىدا بەك كۆپ قانۇنى تەرتىپ مەسىلىسى كۆرۈلدى. بۇ شۇنى چۈشەندۈرىدۇ، جۇڭگو ھۆكۈمىتى قانۇنى تەرتىپنى ئاستىن-ئۈستۈن قىلىش ئارقىلىق ئىلھامغا «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى»نى ئارتتى. بۇنى بىز ھەممىمىز ناھايىتى ئېنىق كۆرۈپ يەتتۇق.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، غەرب ئەللىرى ۋە خىتاي دېموكراتلىرىنىڭ قارىشىچە، ئىلھام توختى زوراۋانلىقنى قوللىمايدىغان، ئۇيغۇرلارغا كىشىلىك ھوقۇق، ئاپتونومىيە تەلەپ قىلىپ، بۇ پىكرىنى خىتاي قانۇن رامكىسى ئىچىدە تىنچ يوللار بىلەن ئىپادىلەپ كەلگەن مۆتىدىل مەيداندىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى.

بىراق تەنقىدچىلەر، مۆتىدىل پىكىردىكى بۇنداق بىر زىيالىينى باستۇرۇش ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى ئۈمىدسىزلىككە ئىتتىرىپ، ئۇلارنى رادىكاللاشتۇرىدىغانلىقىنى ۋە دۇنيادىكى رادىكال ھەرىكەتلەردىن ئۈمىد كۈتۈشكە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن. بەزى خەلقئارا پائالىيەتچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، بۇ، نۆۋەتتە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسىگە جىددىي ئىنكاس قايتۇرۇشىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى.

دوكتور ياڭ جيەنلى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خاتالىقى ئۇيغۇرلاردىكى مۇستەقىللىق ئىدىيەسىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: ئىلھام جۇڭگو رامكىسى ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان ياكى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، مىللىي ئېكسپىلاتاتسىيە ۋە ئاپتونوم مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى تەشەببۇس قىلىپ كەلگەن. بۇ جۇڭگو ئاساسىي قانۇنىنىڭ روھىدىن ئالغاندا ھېچقانداق قانۇنغا خىلاپ ئەمەس. جۇڭگو ھۆكۈمىتى ھەتتا بۇنىڭدىن خۇرسەن بولۇشى كېرەك ئىدى. بىراق بىز بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋالالايمىز، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەدىسى پۈتۈنلەي يالغان. ئۇ ھەرقانداق كىشىلىك ھوقۇقتىن قورقىدۇ. بۇنداق بىر مۆتىدىل ئۇيغۇر زىيالىيسىغا زەربە بېرىش تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرنىڭ ئىشەنچىنى يوقىتىدۇ. تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇردا مەن نېمە ئۈچۈن سېنىڭ بىلەن ياشىشىم كېرەك، مۇستەقىل بولسام تېخىمۇ ياخشى كۈن كۆرىمەنغۇ، دېگەن پىكىرنى كۈچەيتىدۇ. بۇنىڭ چوقۇم شۇنداق تەسىرى بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە، مەن قانچىلىك ئۇيغۇرنىڭ مۇستەقىللىق خالايدىغانلىقىنى بىلمەيمەن. لېكىن مەن شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق قول سىياسىتى، ئارقا-ئارقىدىن سادىر قىلىۋاتقان خاتالىقى ئۇيغۇرلارنى مۇستەقىللىققا ئىتتىرىۋاتقان مۇھىم پىشاڭ، دېدى.

«جۇڭگو پۇقرالار كۈچى» باياناتىدا يەنە، ئىلھام توختىنىڭ مەھكۇم قىلىنىشى ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قىلىنغان يەنە بىر قېتىملىق زوراۋانلىق، دەپ تەنقىدلىگەن شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي باستۇرۇشى ۋەيرانچىلىق ۋە قالايمىقانچىلىق ئېلىپ كەلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، بىراق بىز، ئۇيغۇر قېرىنداشلار بىلەن مۈرىنى-مۈرىگە تىرەپ، ئۇلارنىڭ شۇنداقلا بىزنىڭ ئەركىنلىك ۋە ئىززەت ھۆرمىتىمىز ئۈچۈن تېخىمۇ قاتتىق كۈرەش قىلىمىز، دېگەن.