ئېلان قىلغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى ئىنسان ھوقۇقى تەشكىلاتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ ۋەكىللىرى، ياۋروپا ئىتتىپاقى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ھەمدە خىتايدىكى ئۆكتىچى زاتلار ئارقا-ئارقىدىن باياناتلار ئېلان قىلىپ، خىتاي كوممۇنىستىك ھاكىمىيىتىنىڭ ئۆزلىرى قول قويغان خەلقئارالىق ئىنسان ھوقۇقى ئەھدىنامىسى شۇنداقلا خىتاينىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇنلىرىنى دەپسەندە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنى ھەق-ھوقۇقلىرىنى دۆلەتنىڭ ئاپتونومىيە قانۇنلىرى ئاساسىدا قوغداشنى تەشەببۇس قىلغان بىر ئۇيغۇر زىيالىيسىغا زىيانكەشلىك قىلغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەشتى.
خەلقئارالىق «ئىنسان ھوقۇقىنى كۆزىتىش» تەشكىلاتى خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىشى، ئىنسان ھوقۇقى ئەھدىنامىسى ۋە دېموكراتىيىگە قىلىنغان ھاقارەت، دەپ كۆرسەتتى.
ئىلھام توختىنىڭ ھېچقاچان زوراۋانلىق ھەرىكەتلەرگە قۇتراتقۇلۇق قىلمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن خوڭكوڭ پەن-تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىتاي مىللەتلەر سىياسىتى مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى بېررى سائۇتمان دۇنيادىكى كۆپلىگەن سىياسىيونلار ۋە ئالىملارنىڭ ئىلھام توختىنى مۆتىدىل گۇرۇھقا تەۋە زىيالىي دەپ قارايدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر ئىلى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ تېخىمۇ قىيىنلىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
بارلىق ئۇيغۇرلار دېگۈدەك ئۇيغۇر ئىلىدا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق توقۇنۇشلار خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان ئىرقىي كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ نەتىجىسى دەپ قارايدۇ. بۇنداق بىر شارائىتتا مىللەتلەر ئارا باراۋەرلىك ۋە ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلھام توختىنىڭ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئۆمۈرلۈك تۈرمىگە تاشلىنىشى ئۇيغۇر ئىلىدىكى توقۇنۇشلارنى تېخىمۇ ئەۋج ئالدۇرۇش رولىنى ئوينايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئاۋسترالىيە «گرايفىس ئاسىيا ئىنستىتۇتى»نىڭ سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى مايكىل كىلارك فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بەرگەن باياناتىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتايلار ئارىسىدىكى جىدەل-ماجىرالارنى ھەل قىلىشتا كۆۋرۈكلۈك رولى بولغان ئىلھام توختىنى جازالاش ئارقىلىق بۇ كۆۋرۈكنى كۆيدۈرۈپ تاشلىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
«دېموكراتىك خىتاي فىرونتى» نىڭ رەھبىرى چېڭ شۆ ئۆز تەشكىلاتى نامىدىن بەرگەن باياناتىدا مۇنداق دەيدۇ: «كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ مىللەتلەر ئارا ئىناقلىق ۋە ئىتتىپاقلىقنى تەشەببۇس قىلىپ كېلىۋاتقان ئىلھام توختى ئۈستىدىن چىقارغان سوت ھۆكۈمى ئۇيغۇر خەلقىنى قورقۇتۇشنى مەقسەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتكە بولغان قارشىلىقىنى تېخىمۇ يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈپ، ئاقىۋەتتە پۈتۈن خىتاي مەملىكىتى بويىچە كوممۇنىستىك ھاكىم مۇتلەق تۈزۈمگە قارشى خەلق ئىنقىلابىنىڭ باشلىنىشى بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. ئىلھام توختىنىڭ سوتلىنىشى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ زاۋاللىققا يۈزلەنگەنلىكىنىڭ سىمۋولى بولۇپ قالغۇسى.»
خىتايدىكى ئۆكتىچى زىيالىي شيا شياۋچاڭ «ئۇيغۇر زىيالىيسىنى ئېغىر جازاغا ھۆكۈم قىلىش كوممۇنىستىك ھاكىمىيەتنىڭ ئەجەل ھۇدۇقۇشىدا قالغانلىقىنى كۆرسەتتى» ناملىق ماقالىسىدە ئۇيغۇرلارنىڭ «ھەرە ئۈلەر ۋاقتىدا ئاچچىق چاقىدۇ» دېگەن ئەقلىيە سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، كوممۇنىستىك خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدەنىيىتى ۋە دىنىي ئېتىقادىغا زىيانكەشلىك قىلىپلا قالماستىن، ئۇيغۇر ئىلىدىكى بايلىقلارنى تالان-تاراج قىلىۋاتىدۇ، مىليونلىغان خىتاي كۆچمەنلىرىنى يۆتكەپ كېلىپ ئۇيغۇر ياشلىرىنى ئىشسىز قالدۇرۇۋاتىدۇ، نۆۋەتتە ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئىچكى ئۆلكىلىرىدىلا ئەمەس، ئۇيغۇر ئىلىدىمۇ ئىرقىي كەمسىتىشكە ئۇچراۋاتىدۇ، مانا مۇشۇنداق ئاچچىق قىسمەتلەر ھامان بىر كۈنى ئۇيغۇر خەلقىنى خىتايدىكى ھەر مىللەت خەلقى ھەمدە دۇنيادىكى تىنچلىقنى،دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان دۆلەت ۋە خەلقلەر بىلەن بىرلىكتە كوممۇنىستىك ھاكىم مۇتلەق تۈزۈلمىنى يوقىتىشتىكى ئاۋانگارت قوشۇنغا ئايلاندۇرغۇسى دەپ يازىدۇ.
خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئۈستىدىن چىقارغان ھۆكۈمىنىڭ ماھىيىتى، بۇ سوت ھۆكۈمىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئارىسىدا پەيدا قىلىدىغان ئەكس تەسىرى ھەمدە ئۇيغۇر ئىلىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ۋەزىيىتىدە يۈز بېرىشى مۇمكىن بولغان ئېھتىماللىقلار ھەققىدىكى كۆز قاراشلىرىنى بىلىش مەقسىتىدە د ئۇ ق نىڭ قازاقىستاندىكى ۋەكىلى، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تونۇلغان سىياسەتچى قەھرىمان غۇجامبەردىگە مىكروفونىمىزنى ئۇزاتتۇق.