تۈركىيەدىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار خىتاينى ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىردى

0:00 / 0:00

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختى توغرىسىدىكى سوتنىڭ ھۆكۈمىگە ئېتىراز بىلدۈردى. سوت جەريانىنىڭ ئوچۇق بولماسلىقى، ئاخباراتچىلارنىڭ قاتنىشىشىغا رۇخسەت قىلماسلىقى، سوتقا قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغان چەتئەللىك دىپلوماتلارنىڭ سوت مەھكىمىسىگە كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقى ئەڭ كۆپ تەنقىد قىلىنغان مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى.

تۈركىيە مەتبۇئاتلىرىدا، ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ياۋروپا ئىتتىپاقى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ، خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئادالەتسىزلىك دەپ باھا بەرگەنلىكى ۋە ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشكە چاقىرىق قىلغانلىقى مۇھىم خەۋەر قاتارىدا تارقىتىلغان بولسىمۇ، تۈركىيەنىڭ ھازىرغىچە بۇ ھەقتە رەسمىي بىر بايانات ئېلان قىلماستىن، سۈكۈتتە تۇرۇشىنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا ھېچ قانداق ئۇچۇر بېرىلمىدى.
ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئىجتىمائىي ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىمۇ قاتتىق ئېتىرازلارغا ۋە تەنقىدكە ئۇچرىدى. كۆپلىگەن كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ۋە يازغۇچىلار خىتاي دائىرىلىرى ئۆزىنىڭ بىر نېلسۇن ماندىلاسىنى ئىجاد قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

تۈركىيە مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيىسىدىن پارلامېنت ئەزاسى سىنان ئوغان ئەپەندى تۈركىيە پارلامېنتىدا سۆز قىلىپ، تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئىگە چىقمىغانلىقىنى، خۇسۇسەن ئىلھام توختى مەسىلىسىدە تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ سۈكۈتتە تۇرغانلىقىنى تەنقىد قىلدى ۋە پارلامېنت تارمىقىدىكى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: بۇ يەردە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى ئايخان سەفەرئۈستىنگە خىتاب قىلىمەن، دۇنيادا نۇرغۇن ۋەقەلەر يۈز بېرىدۇ، ئەمما تۈركلەرگە قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىسكەنجە ۋە ھاقارەتلەرگە قارىتا تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى ھېچ ئىش بولمىغاندەك بەخىرامان ئولتۇرىدۇ، شەرقىي تۈركىستاندا تۈرك ۋە مۇسۇلمان بولغانلىقتىن باشقا ھېچ قانداق بىر جىنايىتى بولمىغان ۋە 70 ياشلىق ئانىسى بىلەن تۈرمىگە قامالغان ئىلھام توختىغا ئىسكەنجە قىلىنىۋاتىدۇ، ئۇ ناھەقچىلىككە ئۇچراۋاتىدۇ، ئەمما تۈركىيە پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بىر تال قىلىنىمۇ تەۋرەتمەي سۈكۈتتە تۇرۇۋاتىدۇ، سىلەر تۈركىيە كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى بولۇش سۈپىتىڭلار بىلەن ئىسكەنجىگە ۋە ناھەقچىلىككە ئۇچرىغان تۈركلەرنى بۇ كومىتېتنىڭ مەسىلىسى قاتارىغا ئالمامسىلەر؟ كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىنىڭ باشلىقى ھۆرمەتلىك ئايخان سەفەرئۈستىن ئەپەندىنى بۇ پارلامېنت مۇنبىرىگە چىقىپ تۈرك خەلقىگە چۈشەنچە بېرىشكە چاقىرىق قىلىمەن.

شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا دائىر باياناتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئىنسان ھەقلىرى تەشەببۇسچىسى ئىلھام توختى، خىتاي مەھكىمىسى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئىلھام توختى، خىتاي قانۇنلىرى ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ قانۇنلىرىغا تايىنىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ‏-ھوقۇقلىرى ۋە ئەركىنلىكىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن بۆلگۈنچى ئاتىلىپ جازاغا تارتىلدى. ئىلھام توختىنىڭ خىتايغا قارشى ھەرىكەت قىلغان ياكى نامايىش ئورۇنلاشتۇرغان ھېچبىر ھەرىكەت ۋە تەشكىلات بىلەن ئالاقىسى يوقلۇقىنى خىتاي دائىرىلىرىمۇ ياخشى بىلىدۇ. ئىلھام توختى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان بېسىم سىياسىتى ۋە ھەقسىزلىقلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە ماقالىلەر ئېلان قىلىش ئارقىلىق ھەقىقەتنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇيغۇرلار ئۈچۈن خىتاي ئاساسىي قانۇنى تەرىپىدىن ئېتىراپ قىلىنغان ھەق ۋە ئەركىنلىكنى قوغدىدى. ئۇنىڭ ماقالىلىرىنىڭ ھېچبىرىدە شەرقى تۈركىستاننى خىتايدىن ئايرىش ياكى خىتاينى پارچىلاشقا ئوخشاش ئىدىيەنىڭ يوقلۇقى ناھايىتى ئوچۇقتۇر، پەقەت ئاساسىي قانۇنغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك بېرىلىشىنى، ھەقسىزلىق قىلىنماسلىقىنى تىلغا ئالغانلىقى ئۈچۈن قاماققا ئېلىندى.

بىز شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، خىتاينىڭ ئىلھام توختىغا قىلغان بۇ ناھەق جازاسىنى ئەيىبلەيمىز ۋە لەنەت ئوقۇيمىز. ئىلھام توختىنىڭ ھېچ قانداق جىنايىتى يوقتۇر. ئۇ پەقەت ھەق سۆزلىگەنلىكى ئۈچۈن جازاغا تارتىلدى. خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا تۆھمەت قىلىۋاتىدۇ ۋە جىنايەتچى كۆرسىتىش ئۈچۈن يالغان ۋە ساختا دەلىللەرنى ئىسپات قىلىۋاتىدۇ. ئىلھام توختى بىر زىيالىي، ئۇيغۇرلاردىن يېتىشىپ چىققان ئىقتىسادشۇناس پروفېسسور ۋە تەتقىقاتچى، ئىلھام توختى پەقەت ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىنسانى ھەق ۋە ئەركىنلىكى بىلەن ياشىشىنى، خىتايلار قانداق ئەركىن ياشىسا، ئۇيغۇرلارنىڭمۇ ئوخشاش شەكىلدە ئەركىن ۋە ھۆرلۈكى بىلەن ياشىشىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

ئىلھام توختىنى پەقەت شەرقى تۈركىستانلىقلار ئەمەس، باشقا نۇرغۇن خىتايلارمۇ ناھايىتى ياخشى كۆرىدۇ ۋە ھۆرمەت قىلىدۇ. ئىلھام توختى ئەسلىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىدە خىتاي دائىرىلىرىنىڭ كەمچىلىك ۋە خاتالىقلىرىنى ئەسلەتكەنلىكى، ھەقىقەتنى بايان قىلغانلىقى، خىتايلار بىلەن ئۇيغۇر تۈركلىرىنى تىنچلىققا ئېلىپ كېلىشكە تىرىشقانلىقى ئۈچۈن خىتاي ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتىشنىڭ ئورنىغا، ئۇنى تۈرمىگە تاشلىدى ۋە مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى. خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسىي قانۇنغا ۋە خىتاي دائىرىلىرىگە بولغان ئىشەنچىنى يەنە بىر قېتىم يوقاتقان بولدى. بۇنىڭدا يوقىتىپ قويغىنى خىتاي بولدى، چۈنكى خىتاي شەرقى تۈركىستاندا ۋە خەلقئارادا ئۆزىنىڭ ئېتىبارىنى يوقاتقان بولدى. نۇرغۇن خەلقئارا تەشكىلاتلار بۇ ناھەق جازاغا ئېتىراز بىلدۈردى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئادىل قارىمايدىغان، مىللەتچىلىك، تەرەپبازلىق مەيدانىنى كۆرگەن بولدى.

پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ ھېچقانداق جىنايىتى يوق، ئۇ ھەقىقەتنىڭ قوغدىغۇچىسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازى ۋە ئۈمىد مەنبەسى بولغان ئىدى. ئىلھام توختىنى قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئاۋازىنى بوغۇش، ئەركىنلىك، تىنچلىق ۋە ئىنسان ھەقلىرىنى دەپسەندە قىلىش ھېسابلىنىدۇ.

بىز شەرقى تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشىنى سىياسىي، ئادىل بولمىغان ۋە ھەق-ھوقۇق دەپسەندە قىلىنغان ناھەق بىر جازا دەپ قارايمىز. خىتاينىڭ ئىلھام توختىنى شەرتسىز ئەركىن قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىمىز.

تۈرك ئوجاقلىرى تەشكىلاتى ئەفيۇن قاراھىسار شۆبە رەئىسى دوكتور ياۋۇز ئوسمان ئەپەندى ئىلھام توختى توغرىسىدا خىتايغا بولغان نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ بايانات ئېلان قىلدى.

باياناتتا مۇنداق دېيىلگەن: ئۇنىڭ جىنايىتى تىنچ ئۇسۇل بىلەن ئۆز خەلقىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى مۇداپىئە قىلىشقا ئۇرۇنغان، ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈلگەن بېسىم سىياسەتلەرنى ئىپادە ئەركىنلىكىنى قوللىنىپ ئوچۇق ۋە جاسارەتلىك ھالدا ئوتتۇرىغا قويۇشتىن ئىبارەت جىنايىتى بولغان پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ، ۋەتەننى پارچىلاش، بۆلگۈنچىلىك قىلىش بىلەن جازالىنىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقى ۋە مال-مۈلكىنىڭ توڭلىتىلغانلىقى ئېلان قىلىندى. بىزنىڭ سۈكۈتتە قېلىشىمىز ۋە پەرۋاسىزلىقىمىز ئۇيغۇر خەلقىنى چوڭقۇر قايغۇغا سالدى، ئاخبارات ۋە تېلېۋىزىيە قاناللىرىمۇ تۇتۇلغان، تۈرمىگە قامالغان ۋە ئۆلتۈرۈلگەن مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارغا يېتەرلىك دەرىجىدە ئەھمىيەت بەرمىدى. شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ئىچىمىزنى ئازابلايدىغان ئەھۋالىنى كۆرمەسكە سېلىش بىزنى تارىخى بىر خاتالىققا ۋە ئۇۋاللىققا دۇچار قىلىدۇ.

دەرھال دۆلەت ۋە خەلق بولۈش سۈپىتىمىز بىلەن، باشتا ب د ت ۋە ئامېرىكا قاتارلىق خەلقئارا جامائەتنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، سوت قارارىنىڭ ئادىل بولمىغانلىقىنى ۋە ئىلھام توختىنى ئاقلاش ئۈچۈن قەدەم بېسىلىشى كېرەك. نالە-پەرياد قىلغانلار ئالدىدا ئېغىزلار سۈكۈت قىلسىمۇ، ۋىجدانلار سۈكۈتتە تۇرالمايدۇ. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا زۇلۇم ئاستىدا ئىڭراۋاتقان كىشىلەرگە ياردەم قىلغان ۋە كۆڭۈل بۆلگەنگە ئوخشاش جىنايىتى پەقەتلە مۇسۇلمان ۋە تۈرك بولغان قېرىندىشىمىز ئىلھام توختىنى قوتۇلدۇرۇش ئۈچۈنمۇ كۆڭۈل بۆلۈشىمىز كېرەك.