گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى 19-ئۆكتەبىر كۈنى رادىيومىزنىڭ تېلېفون زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تەشەببۇسى ۋە تەشكىللىشىدە ئىسپانىيەنىڭ مەشھۇر ساياھەت رايونلىرىنىڭ بىرى بولغان مېنۇركا ئارىلىدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان «ئىلھام توختىنىڭ تەقدىرى ۋە ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم» ناملىق يىغىن ھەققىدە مەلۇمات بەردى.
ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر پائالىيەتتە ئىلھام توختىنىڭ تەقدىرىگە نىسبەتەن خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى جەلپ قىلىش، خىتاي ھۆكۈمىتىگە بېسىم ئىشلىتىش شۇنداقلا ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان نۆۋەتتىكى قىيىن ۋەزىيەتنى ئاڭلىتىش مەقسەت قىلىنغان ئىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، شۇ جاي ۋاقتى جۈمە كۈنى كەچ سائەت 8 دىن 10 غىچە داۋاملىشىدىغان بۇ پائالىيەت خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيە شۆبىسىدىكى ئەزاسى تىم دىياس ئەپەندىنىڭ تەشەببۇسى ۋە كۈچ چىقىرىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان ئىكەن. شۇ كۈنىدىكى پائالىيەتكە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ مېنۇركا ئارىلىدىكى شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ماركو گارانسا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلغان.
پائالىيەتتە ئەنۋەرجان ئەپەندى ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە نۆۋەتتە بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ جاز لاگېرلىرىغا قامالغانلىقىدەك ئېغىر ۋەزىيەت ھەققىدە دوكلات بەرگەن. شۇندىن كېيىن ئىلھام توختى ھەققىدە تەييارلانغان 20 مىنۇتلۇق ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلىپ، يىغىن قاتناشچىلىرى ئىلھام توختى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئىگە قىلىنغان.
بۇ قېتىمقى پائالىيەتنى تەشكىللىگۈچىلەردىن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيە شۆبىسىدىكى ئەزاسى تىم دىياس ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «مەن خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەتراپىمدىكى دوستلىرىمغا دائىم ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات ئاڭلىتىشقا تىرىشىۋاتىمەن. نەچچە يىلدىن بۇيان بۇ ھەقتە ئىزدىنىۋاتىمەن. بۈگۈنكى پائالىيەتتىمۇ ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ئاڭلىتىلماقچى. بىز مۇشۇنداق پائالىيەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۇ يەردە نېمە ئىشلارنىڭ يۈز بېرىۋاتقانلىقىنى، خىتاي تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختى ۋە بۇلتۇردىن باشلاپ خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۈركۈم-تۈركۈملەپ جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ رىيال ۋەزىيىتىنى ئاڭلىتىشقا تىرىشىپ كېلىۋاتىمىز. بەلكىم ھازىر بۇ خىل جازا لاگېرلىرىغا قامىلىۋاتقان ئۇيغۇرلار تېخىمۇ كۆپ بولۇشى مۇمكىن، بۇ بەكلا ئېچىنىشلىق ئەھۋال. بۈگۈنكى پائالىيەتكە ‹ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى› دىن ئەنۋەرجان ئەپەندى ۋە ئىلگىرى تايلاند ۋە خوڭكوڭدا دىپلومات بولۇپ تۇرغان خىتاي ئىشلىرى مۇتەخەسسىسى خۇئان مانۇئېل ئەپەندىلەرنى دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلدۇق. ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان بۇ خىل ۋەزىيەتكە سۈكۈت قىلماسلىقىمىز كېرەك دەپ ئويلايمەن.»
مەزكۇر پائالىيەتتە دوكلات بېرىشكە تەكلىپ قىلىنغان پروفېسسور خۇئان مانۇئېل ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، مۇنداق دېدى: «شۇنداق، مەن خىتاينىڭ ‹بىر يول بىر بەلۋاغ› ئىستراتېگىيىسى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بەردىم. چۈنكى خىتاي ھۆكۈمىتى ‹شىنجاڭ› دەپ ئاتاۋاتقان بۇ جاي، يەنى ئۇيغۇرلار ياشاۋاتقان بۇ زېمىن خىتاي ئۈچۈن مۇھىم ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيەتكە ئىگە بىر جاي. مېنىڭ بىلىشىمچە، خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا ھازىر قاتتىق كونتروللۇق ۋە باستۇرۇش سىياسىتى يۈرگۈزۈۋاتىدۇ. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش ئارقىلىق بۇ جاينى ھەقىقىي كونترول قىلىش مەقسىتىگە يېتەلمەيدۇ. بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ‹يېڭى يىپەك يولى› ئىستراتېگىيەسىنىڭ قۇربانىغا ئايلانماقتا. خىتاي ئۆزىنىڭ كېڭەيمىچىلىك سىياسىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن بۇ جايدىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئىنسان ئىشەنگۈسىز دەرىجىدىكى باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزمەكتە. بۇ بەك ئېچىنىشلىق ئەھۋال، مەن پۈتكۈل ئۇيغۇرلارغا بۇ زۇلۇمدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مەدەت تىلەيمەن!»
مەلۇم بولۇشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئىسپانىيە شۆبىسى بىرقانچە يىلدىن بۇيان ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇرۇش پائالىيەتلىرىنى بىر قانچە قېتىم ئېلىپ بارغان ئىكەن. ئۇلار بۇلتۇرمۇ ئىسپانىيەنىڭ يەنە بىر ساياھەت ئورنى بولغان مالوركا ئارىلىدا ئىلھام توختى ھەققىدە مەخسۇس دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزگەن ئىكەن. ئەينى چاغدىكى پائالىيەتكىمۇ خەلقئارادا ئىلھام توختى مەسىلىسى ۋە ئۇيغۇرلار تېمىسى بويىچە ئىزدىنىۋاتقان بىر تۈركۈم تەتقىقاتچىلار ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى قاتناشقان ئىكەن.
