ئىلھام توختىغا تۈرك دۇنياسى ئىنسان ھەقلىرى ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىش قارار قىلىندى

0:00 / 0:00

تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى تەرىپىدىن تەسىس قىلىنغان «ئىسمائىل گاسپىرالى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نى ئىلھام توختىغا بېرىش قارارلاشتۇرۇلدى. بۇ مۇكاپات شىمالى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيىتى دۆلەت باشلىقى دەرۋىش ئەروغلۇ، قىرىم تاتارلىرىنىڭ لىدىرى مۇستافا جەمىل قىرىملىئوغلۇ، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى پاشايېۋا خانىمغا ئوخشاش سىياسەتچىلەردىن باشقا يەنە 7 ياشلىق ئۇيغۇر مۇجاھىت قەشقەرلىگىمۇ بېرىلىدىكەن.

2014-يىلى ب د ت مەدەنىيەت، ئىلىم-پەن ۋە مائارىپ تەشكىلاتى تەرىپىدىن «ئىسمائىل گاسپىرالى يىلى» بولۇپ ئېلان قىلىنغانلىقى مۇناسىۋىتى بىلەن تۈرك دۇنياسىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا بۇ ھەقتە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى ئىسمائىل گاسپىرالى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرماقچى. يىغىن ئاخىرىدا «ئىسمائىل گاسپىرالى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى ۋە ژۇرنالىستلار مۇكاپاتى» تارقىتىلماقچى.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە بۇ مۇكاپات تۈرك دۇنياسىدا تەسىس قىلىنغان خەلقئارالىق تۇنجى مۇكاپات بولۇپ، بۇ مۇكاپاتنىڭ ئىلھام توختىغا بېرىلىشى ئالاھىدە ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەن.

بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گۈنگۆر ئارسلان ئەپەندى يىغىن توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى:
«2014-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مەدەنىيەت ۋە مائارىپ كومىتېتى تەرىپىدىن ئىسمائىل گاسپىرالى يىلى ئېلان قىلىندى. 2014-يىلى ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ ۋاپات بولغانلىقىغا 100 يىل بولغان يىل بولغاچقا قىرىم، تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىدە ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. بىز تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى بىلەن بارتىن ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى بىرلىكتە ئىسمائىل گاسپىرالى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بىلەن ئىسمائىل گاسپىرالى ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىنى تارقىتىمىز. بىزنىڭ بۇ يىغىنىمىز 10-ئاينىڭ 30-31-كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ بارتىن ۋىلايىتىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. بۇ ئىككى كۈنلۈك يىغىندا 19-ئەسىرنىڭ ئاخىرى 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قىرىمدا ياشىغان بۈيۈك پەيلەسوف، ژۇرنالىست، يازغۇچى ئىسمائىل گاسپىرالىنىڭ ھاياتى، ئىدىيىسى ۋە ئۇنىڭ تۈرك دۇنياسىغا كۆرسەتكەن تەسىرى توغرىسىدا مۇلاھىزىلەر يۈرگۈزۈلىدۇ. بۇ يىغىن بارتىن ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلىدۇ.»

تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار جەمئىيىتى رەئىسى گۈنگۆر ياۋۇزارسلان ئەپەندى، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ تۈرك دۇنياسىدىن كۆپ ساندا سىياسەتچى، ژۇرنالىست ۋە زىيالىيلارغا بېرىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«ئىسمائىل گاسپىرالى ژۇرنالىستلىق ۋە ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى تۇنجى قېتىم 11-ئاينىڭ 1-كۈنى چوڭ مۇراسىم بىلەن بېرىلىدۇ. 2014-يىلى بېرىلىدىغان مۇكاپاتلار ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ۋە ژۇرنالىستلىق مۇكاپاتى. بۇ مۇكاپات بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەن-مائارىپ كومىتېتىنىڭ ياردىمى بىلەن ئەمەلىيلەشتۈرۈلىدۇ. بۇ يىلقى ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى سىپرۇس تۈرك جۇمھۇرىيەتى رەئىسى دەرۋىش ئەروغلۇغا، قىرىم تاتارلىرىنىڭ لىدىرى ئابدۇجەمىل قىرىموغلۇغا بېرىلمەكچى. ئىراق تۈركمەن قۇرۇلتىيىغا، ئەزەربەيجان پارلامېنت ئەزاسى پاشايېۋا خانىمغا، سۈرىيە تۈركمەنلىرى مىللىي قۇرۇلتىيىغا ۋە تۈرك دۇنياسى ئۈچۈن قەلەم تەۋرىتىۋاتقان كۆپ ساندا ژۇرنالىستلارغا بۇ مۇكاپاتنى بېرىمىز»

ئۇ يەنە، تۈرمىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختى بىلەن چەتئەلدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تونۇتۇۋاتقان مۇجاھىت قەشقەرلىگىمۇ بۇ مۇكاپاتنى بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ مۇنداق دېدى:
«خىتايدا تۈرمىدە يېتىۋاتقان يازغۇچى ۋە ئىلمىي تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىگە تۈرك دۇنياسى ژۇرنالىستلار ئەركىنلىك مۇكاپاتى بېرىمىز. ھەممىمىزگە مەلۇم بولغىنىدەك ئىلھام توختى خىتاي زۇلۇمى ئاستىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇر تۈركلىرىنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى مۇھىم بىر شەخس. بىز 4 ياشتىن بېرى تۈركىيەدە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىپ تۈركلەرنىڭ قەلبىدە ئورۇن ئالغان مۇجاھىت قەشقەرلىگىمۇ بۇ مۇكاپاتنى بېرىشنى مۇۋاپىق كۆردۇق.»

بۇ ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ئىككىنچى خەلقئارالىق چوڭ مۇكاپات ھېسابلىنىدۇ.