تۈركىيەنىڭ بارتىن شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان ئىسمائىل غاسپىرالى تۈرك دۇنياسى ئاخباراتچىلار يىغىنىنىڭ 31 - ئۆكتەبىردىكى قىسمىدا ئۇيغۇر دىيارىدىمۇ قان تۆكۈلۈۋاتقانلىقى، ئەمما بۇلار ئاخباراتتا كۆپ خەۋەر قىلىنمىغانلىقى ئۈچۈن دۇنيانىڭ پەرۋا قىلماي كېلىۋاتقانلىقى، شۇڭا ئورتاق بىر تۈرك دۇنياسى ئاخبارات ئاگېنتلىقى قۇرۇلۇش كېرەكلىكى توغرىسىدا تەكلىپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
يىغىنىنىڭ بۈگۈنكى قىسمى زۇلۇمغا ئۇچرىغان تۈركلەر توغرىسىدا ئۇيۇشتۇرۇلغان بولۇپ، ئىراق، سۈرىيە تۈركمەنلىرى، قىرىم، بۇلغارىيە ۋە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تۈركلەرنىڭ سىياسىي، ئىجتىمائىي قىيىنچىلىقلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
تۈركىستانلىقلار مەدەنىيەت ۋە ئىجتىمائىي ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەكبەر ياسا، «ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ تۈركىستانغا كۆرسەتكەن تەسىرى ۋە ئۆزبېكلەرنىڭ جەدىدىزم ھەرىكىتى توغرىسىدا» توختالدى.

ئۇ سۆزىدە يەنە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا بارغانلىقىنى، ئۆزبېكىستان ۋە تۈركىستان جۇغراپىيىسىگە ۋىزا ئېلىپ بېرىشنى ئېغىر كۆرگەنلىكى ئۈچۈن بارمىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە چوقۇم ۋىزا ئالماستىن بارىدىغان شارائىتنىڭ كېلىدىغانلىقىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
يىغىندا شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا مەخسۇس بۆلۈم ئايرىلغان بولۇپ، بۇ يىغىنغا شەرقىي تۈركىستانلىق پېشقەدەم ئاخباراتچى خىزىربەك غەيرۇتۇللاھ رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا ئۇيغۇر يازغۇچى پروفېسسور سۇلتان مەخمۇت قەشقەرلى «ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ جەدىدىزم ۋە يېڭىچە مائارىپ پىكرىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا كۆرسەتكەن تەسىرى» دېگەن تېمىدا سۆز قىلدى.

ئىستانبۇل تەرەققىيات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور نائىم تۆمۈر ئەپەندى، ئىسمائىل غاسپىرالىنىڭ پىكىرلىرى ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئومۇمىي مەسىلىلىرى توغرىسىدا توختالدى. دوكتور نائىم تۆمۈر ئەپەندى، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ 1924 - يىلىغىچە «تۈركىستان» دەپ ئاتىلىدىغانلىقىنى، شۇنىڭدىن كېيىن سوۋېتلەر ئىتتىپاقىنىڭ مۇداخىلە قىلىشى بىلەن «ئوتتۇرا ئاسىيا» دەپ ئۆزگەرتىلگەنلىكىنى، شۇنىڭ ئۈچۈن «ئوتتۇرا ئاسىيا» دېمەستىن «تۈركىستان» دەپ ئاتىلىشى كېرەكلىكى تەكىتلەندى.