شى جىنپىڭنىڭ ئىسپانىيە زىيارىتى ھارپىسىدا ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى پائالىيىتىنى جانلاندۇردى

0:00 / 0:00

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ باشلىقى ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ رادىيومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر تەشكىلات خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 28-29-نويابىر كۈنلىرىدىكى ئىسپانىيە زىيارىتى ھارپىسىدا ئۆز پائالىيەتلىرىنى جانلاندۇرغان.

ئەنۋەرجان ئەپەندىنىڭ بايانىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۆتكەن ھەپتە، ئۇ «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى ئۇلرىخ دېليۇس بىلەن بىرلىكتە، ئىسپانىيە پرېزىدېنتى پېدرو سانچېزغا ئىمزالىق مەكتۇپ يوللىغان.

«تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» نىڭ باشلىقى ئۇلرىخ دېليۇس ئەپەندىمۇ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 16-نويابىر كۈنى ئىسپانىيە پرېزىدېنتى پېدرو سانچېزغا ئەۋەتىلگەن ئىمزالىق خەتنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە توختىلىپ، مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شۇنداق بىز ئۆتكەن ھەپتە ئىسپانىيە ھۆكۈمىتىنىڭ پرېزىدېنتى پېدرو سانچېزغا يېزىلغان ئىمزالىق خەتنى يوللىۋەتتۇق. خەتتە ئۇنىڭ شى جىنپىڭنىڭ ئىسپانىيە زىيارىتى مەزگىلىدە ‹قايتا تەربىيىلەش مەركەزلىرى› نامىدىكى جازا لاگېرلىرىنىڭ ئەھۋالىنى شى جىنپىڭدىن سۈرۈشتۈرۈشىنى، نارازىلىق بىلدۈرۈشىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇ يەرلەرگە قامالغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىليونلىغان خەلقنى قويۇپ بېرىشىنى تەلەپ قىلىشىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. ئەمما سۆھبەتتىن ئىلگىرى بۇ مەكتۇبىمىزنىڭ قانچىلىك ئىجابىي نەتىجىسى بولىدۇ، بۇنى بىلمەيمىز. بۇلار، شى جىنپىڭ بىلەن ئىسپانىيە پرېزىدېنتىنىڭ سۆھبىتىدىن كېيىن ئېنىق بولىدۇ».

ئۇلرىخ دېليۇس ئەپەندى يەنە مەزكۇر ئىمزالىق خەتتە ئىلھام توختى مەسىلىسىنىڭمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «شۇنداق، خەتتە يەنە ئىلھام توختى مەسىلىسىنى تەكىتلەپ ئۆتتۇق، ئاساسىي مەسىلە ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ھەققىدە بولدى. ئىلھام توختىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈشنى تەلەپ قىلدۇق. يىغىنلاردا داۋاملىق تەكىتلەپ كېلىۋاتىمىز. ئىلھام توختى ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە ياۋروپا پارلامېنتى، فىرانسىيە ھۆكۈمىتى قاتارلىقلارنىڭ ئىنكاسلىرى بىرقەدەر جىددىي ۋە ئاكتىپ بولدى. ھازىر ھېچكىم ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولالمايۋاتىدۇ، ئۇنىڭ ئائىلە ئەزالىرىمۇ شۇنداق. بۇ ۋەزىيەت ۋە ئۇنىڭ ئەھۋالى بىزنى ئەندىشىگە سالماقتا».

ئەنۋەرجان ئەپەندى يەنە، ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسىنىڭ خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ ئىسپانىيە زىيارىتى مەزگىلىدە ئورۇنلاشتۇرغان باشقا پائالىيەتلىرى ھەققىدىمۇ توختالدى.

ياۋروپا ۋاقتى بويىچە 27-نويابىر كۈنى كەچ سائەت 6 لەردە ئىسپانىيە پايتەختى مادرىدقا يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن ئەنۋەرجان ئەپەندى ئۆزلىرىنىڭ 28-نويابىر كۈنىدىكى شى جىنپىڭنىڭ ئىسپانىيە زىيارىتى مەزگىلىدە ئۇنىڭغا قارشى ئۆتكۈزۈلىدىغان نارازىلىق نامايىشىغا جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش جەريانىدا ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى نامىدىن يېزىلغان، ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىنى تاقاپ، ئۇ يەرلەرگە قامالغان ئۇيغۇر قاتارلىق مىليونلارچە خەلقنى دەرھال قويۇپ بېرىش ۋە خىتاي تۈرمىسىگە ناھەق قامالغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىش تەلەپ قىلىنغان ئوچۇق خەتنىڭ 2000 پارچىدىن ئارتۇق كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىنىڭ مادرىد شەھەر ئاھالىسىغا تارقىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خەلقئارا خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە يەنە بىر قىسىم خەلقئارا تەشكىلاتلار، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى، تىبەت سۈرگۈندىكى ھۆكۈمىتى ۋە چەتئەللەردىكى خىتاي دېموكراتىك تەشكىلاتلىرى ئىسپانىيە ھۆكۈمىتى ۋە ئىسپانىيە پرېزىدېنتى پېدرو سانچېزنىڭ خىتاي رەئىسى بىلەن ئۆتكۈزىدىغان سۆھبەتلىرىدە خىتايدىكى ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ 28-29-نويابىر كۈنلىرىدىكى ئىسپانىيە زىيارىتىدە خىتاي بىلەن ئىسپانىيە ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى ئاساسلىق سۆھبەت تېمىسى بولىدىكەن. شى جىنپىڭنىڭ ئىسپانىيە زىيارىتى ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى «جازا لاگېرلىرى» نى تاقاش سادالىرى كۈچىيىۋاتقان مەزگىلگە توغرا كەلدى.