2017-يىللىق «ۋايمار ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى» ھەققىدە توختالغان پائالىيەتچىلەر: «ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنى يەنە بىر قېتىم تونۇتتى» دېيىشتى. خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا بېرىلگەن مەزكۇر مۇكاپاتنى تارقىتىش مۇراسىمى 10-دېكابىر گېرمانىيەنىڭ ۋايمار شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ۋە ھوقۇقلىرىنىڭ كاپالەتكە ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئاشكارا سورۇنلاردا سۆز قىلغان ھەمدە بۇ سەۋەبلىك ئۆمۈرلۈك قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىي ئىلھام توختى نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە ياتماقتا. ئەمما بۇ يىلقى «خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى خاتىرە كۈنى» مۇناسىۋىتى بىلەن گېرمانىيە ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ 23-نۆۋەتلىك «ۋايمار ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى» نى ئىلھام توختىغا بېرىشى دۇنيانىڭ ئىلھام توختىنى ۋە ئۇنىڭ تەشەببۇسلىرىنى ئىزچىل قوللاپ كېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قېتىم نامايان قىلدى. شۇنداقلا بۇ خەۋەر ھەرقايسى ئاخباراتلاردا تېگىشلىك يەر ئالدى.
مەلۇم بولۇشىچە، ئىلھام توختىنى مەزكۇر مۇكاپاتقا ساھىب قىلىپ كۆرسىتىشتە گېرمانىيەدىكى «تەھدىت ئاستىدىكى مىللەتلەر تەشكىلاتى» ۋە «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» كۆپ پائالىيەتلەردە بولغان. گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» نىڭ رەئىسى ئەنۋەرجان زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ مۇكاپاتنىڭ خاراكتېرى ھەققىدە قىسقىچە مەلۇمات بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇ قېتىم ئىلھام توختىغا ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتىنىڭ بېرىلىدىغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تارقالغاندىن كېيىن خىتاي ھۆكۈمىتى ھەر خىل ۋاسىتىلەرنى قوللىنىپ، ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنى بۇ قاراردىن يېنىشقا قىستىغان، ئەمما شەھەرلىك ھۆكۈمەت بۇنىڭغا پىسەنت قىلمىغان.
ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باياناتچىسى ئۇلرىخ دېلمان زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ ھەقتە سۆز قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ كۆپلىگەن توسقۇنلۇقلارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، ئەمما ئىلھام توختىغا مۇكاپات بېرىش ھەققىدىكى قارارىنى ئۆزگەرتمىگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇ بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا ئۆزلىرىنىڭ دېموكراتىك بىر مەملىكەتنىڭ ئەڭ ئەقەللىي ئۆلچەملىرى بويىچە بۇ مەسىلىنى مۇزاكىرە قىلغانلىقىنى، ئەمما بۇ جەرياندا مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بېرىش قارارىنى بىكار قىلىش ھەققىدە ھېچقانداق تەكلىپنىڭ ئوتتۇرىغا چۈشمىگەنلىكىنى، ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشتىن-ئاخىر بۇ مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بېرىش قارارىدا چىڭ تۇرغانلىقىنى تەكىتلىدى.
مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتناشقان كىشىلەر ئارىسىدا ئۇزۇندىن بۇيان ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئىزدىنىپ كەلگەن ھەمدە بۇ ھەقتە بىرنەچچە پارچە كىتاب يازغان ئىنگرىد خانىم ۋە ئۇنىڭ يولدىشىمۇ بار ئىدى.
ئىنگرىد خانىم ئۆزىنىڭ مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا ئولتۇرغاندىكى ھېس-تۇيغۇلىرىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: «ئەڭ دەسلەپ بولۇپ مەن بۇنىڭدىن بەكمۇ ھاياجانغا چۆمدۈم. نېمىشقا دېسىڭىز ئىلھام توختىنىڭ قىسمىتى ھەمدە ئۇنىڭ ھازىر قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىدىن مەن تولۇق خەۋەردار. ئەمما ۋايمار خەلقى ۋە بىر قىسىم ئاخباراتچىلار بۇ كىشى توغرىلىق، شۇنىڭدەك ئۇيغۇرلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مۇناسىۋىتى دېگەنلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان، دېسەكمۇ بولىدۇ. مانا ئەمدىلىكتە بۇ ئەھۋاللار ئاز دېگەندىمۇ بىر مەھەل ئاخباراتلاردىكى قىزىق نۇقتا بولىدۇ. ئىلھام توختىنىڭ قىلغان خىزمەتلىرى ھەمدە ئۇنىڭ شىجائىتى ھەققىدە كىشىلەرگە نۇرغۇن ئەمەلىي ئۇچۇرمۇ بېرەلەيدۇ. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ھەرقانداق كىشى دەرھاللا بۇنىڭ ئادەتتىكى بىر ۋەقە ئەمەسلىكىنى ھېس قىلالايدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ ۋەقە خىتايغا بۇنداق ئاسانلا بىر كىشىنىڭ ئابرۇيىنى يوق قىلىۋەتكىلى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ بېرەلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز خىتاينى ئاجايىپ قۇدرەتلىك ۋە باياشات بىر مەملىكەت، دەپ تەسەۋۋۇر قىلماسلىقىمىز لازىم. ئۇ يەردىكى ھەممىلا نەرسىنى ئىجابىي، دەپ كەتكىلى بولمايدۇ. مېنىڭچە بۈگۈن مۇشۇلارنى سۆزلەش ھەممىدىنمۇ مۇھىم، دەپ قارايمەن.»
ئۇنىڭ يولدىشى ۋىديارتو ئەپەندىمۇ بۇنىڭغا قوشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھېچنەرسە ئاڭلاپ باقمىغان كىشىلەر ئۈچۈن جانلىق بىر مەيدان دەرس بولغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «ئەلۋەتتە ۋېيماردىكى كىشىلەر ‹بۇ كىملەر؟ ھە، ئۇيغۇرلاركەن› دەيدۇ. مانا مۇشۇ يوسۇندا ئۇلار چامىنىڭ يېتىشىچە ئىلھام توختىغىمۇ ياردەم بېرىشنىڭ كويىغا چۈشىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى، ئۇلارنىڭ ۋەتىنى قەيەردە ئىكەنلىكىنى بىلمەيدۇ. ئۇلاردىن بۇ ھەقتە سورىسىڭىز ‹ھە، ئۇلار خىتايدا› دەيدۇ. شۇڭا ئىلھام توختى بۇ كىشىلەر ئۈچۈن بەكلا يېڭى بىر تېما. مانا ئەمدى ‹ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى› ۋە گېرمانىيەدىكى باشقا تەشكىلاتلار بۇ مەسىلىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ چىقتى.»
گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلاردىن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان شەرەپ مېھمانلىرىنىڭ بىرى. ئۇ يىغىندىن كېيىنكى سەپەر ئۈستىدە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ «ۋايمار ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى» غا ئېرىشكەنلىكىنى گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر ئىجابىي مۇھاجىرلار توپى سۈپىتىدە تونۇلۇۋاتقانلىقىنىڭ بەلگىسى، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
دولقۇن ئەيسا زىيارەت جەريانىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇكاپاتنى ئىلھام توختىغا بەرگۈزمەسلىك ئۈچۈن ۋايمار شەھەرلىك ھۆكۈمەتكە تەھدىت سېلىش، ئالداش، خاككېرلار ئارقىلىق ھۇجۇم قىلىش قاتارلىق ۋاسىتىلەرنى قوللانغانلىقىنى سۆزلەپ بەردى.
مەلۇم بولۇشىچە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ چارىلىرى دېموكراتىك قىممەت قارىشىنى ئاساس قىلىدىغان گېرمانىيەدە تېزلا سۇغا چىلىشىپ قالغان. بۇنىڭدىكى سەۋەبلەرنىڭ نېمە بولۇشى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا دولقۇن ئەيسا ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
ئىلھام توختىنىڭ قىزى جەۋھەر بەزى كۈتۈلمىگەن سەۋەبلەردىن بۇ قېتىمقى مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىغا قاتنىشالمىغان بولسىمۇ ئۆزىنىڭ بۇ قېتىمقى مۇكاپاتتىن بەكمۇ سۆيۈنگەنلىكىنى ئېيتتى.
ئۇنىڭدىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىزچىل ھالدا «بۇنداق بىر بۆلگۈنچى ئۇنسۇرغا ئىنسان ھەقلىرى مۇكاپاتى بېرىشكە بولمايدۇ» دەپ كەلگەنلىكى، ھەتتا ئىلھام توختى «تېررورلۇق» نى تەشۋىق قىلغان، دېيىشتىنمۇ يانمىغانلىقى ھەققىدە سورىغىنىمىزدا ئۇ بۇنى پەقەت بىر ئاساسسىز تۆھمەت، دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئاخىرىدا ئۇنىڭدىن ئۆزىنىڭ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشكەنلىكىدىن بىخەۋەر ھالدا ھازىر قاراڭغۇ تۈرمىدە يېتىۋاتقان دادىسى ئىلھام توختىغا دەيدىغان قانداق سۆزى بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا جەۋھەر ھامان بىر كۈنى دادىسى بىلەن جەم بولىدىغانلىقىغا ئىشەنچى بارلىقىنى بىلدۈردى.
مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپادىكى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى ۋە بەزى پۇقراۋىي تەشكىلاتلار نۆۋەتتە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى تېخىمۇ يۇقىرى دەرىجىلىك مۇكاپاتلارغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ئۈچۈن پائال ھەرىكەت قىلماقتا ئىكەن.
0:00 / 0:00