2016-يىللىق مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتىدىن كېيىن، ياۋروپا بىرلىكى ھەم ئامېرىكا ئىلھام توختى مەسىلىسىگە باشقىچە كۆڭۈل بۆلدى ۋە مەخسۇس قارارلار قوبۇل قىلدى.
خىتاي تۈرمىسىدىكى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى 2016-يىلى 10-دېكابىر «كىشىلىك ھوقۇقنىڭ نوبېل مۇكاپاتى» دەپ ئاتالغان مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئىلھام توختى مەسىلىسى خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا تېخىمۇ دىققەتكە سازاۋەر تېمىغا ئايلانغان ئىدى. بولۇپمۇ، ياۋروپا بىرلىكى ۋە ئامېرىكىنىڭ 2016-يىللىق خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان باياناتلىرى خەلقئارادا ۋە ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا تەسىر قوزغىدى.
مەلۇم بولغىنىدەك، 9-دېكابىر كۈنى ياۋروپا بىرلىكىگە ئەزا 28 دۆلەتنىڭ خىتاي پايتەختى بېيجىڭدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرى خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئېلان قىلغان ئورتاق باياناتىدا ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.
10-ئۆكتەبىر خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىلھام توختىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان خەلقئارادا تەسىرى زور بولغان 10 شەخسنى قويۇپ بېرىش پائالىيىتى باشلىدى.
ئامېرىكىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى ماكىس ئەپەندىمۇ خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى كۈنى مۇناسىۋىتى بىلەن ئەلچىخانا تور بېتىدە ئېلان قىلغان باياناتىدا، ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ ئۆتتى.
ھەممىدىنمۇ دىققەت چېكىدىغىنى، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ 15-دېكابىر كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختى توغرىلىق قوبۇل قىلغان قارارىدۇر. ئىلگىرى، يەنى 2014-يىلى 23-سېنتەبىر كۈنى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغاندا، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى، ئامېرىكا كونگىرىسى ھەمدە گېرمانىيە، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىش ھەققىدە بايانات ياكى چاقىرىقلار ئېلان قىلغان بولسىمۇ، ھازىرغا قەدەر ھېچبىر دۆلەت رەسمىي قارار قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلمىغان ئىدى.
ياۋروپا پارلامېنتى 15-دېكابىر قوبۇل قىلغان «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2016-يىلى 15 -دېكابىردىكى لارۇڭ گار-تىبەت بۇددىزم ئاكادېمىيىسى ۋە ئىلھام توختى توغرىسىدىكى قارارى» ناملىق 3026-نومۇرلۇق 13 ماددىلىق قارارىنىڭ 9-ماددىسىدا مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىلھام توختىنىڭ بۆلگۈنچى ئاتىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى قاتتىق ئەيىبلەيمىز. ئۇنىڭ سوتىدا قانۇنىي تەرتىپلەرگە رىئايە قىلىنمىغانلىقى ۋە ئاقلىنىش ھەقلىرىگە ھۆرمەت قىلىنمىغانلىقىدىن ئىنتايىن ئەپسۇسلىنىمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆز قانۇنلىرىغا كۆرە، ئۇنىڭ ئايدا بىر قېتىم ئائىلىسىدىكىلەر تەرىپىدىن يوقلىنىش ھەققىگە ھۆرمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز.»
قارارنىڭ 10-ماددىسىدا تېخىمۇ ئېنىق قىلىپ مۇنداق دېيىلىدۇ: «ئىلھام توختى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرىنى دەرھال ھەمدە شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى چاقىرىق قىلىمىز، بەلكى ئۇنىڭ ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىنىڭ ئەسلىگە كەلتۈرۈلۈشىنى ۋە ئۇنىڭ دۆلەت ئىچى ھەمدە سىرتىدا ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىنىشىنى سورايمىز.»
ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارى ياۋروپا ئىتتىپاقى دائىرىسىدىكى 28 دېموكراتىك دۆلەتنىڭ ئىرادىسىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، بۇنداق بىر قارارنىڭ قوبۇل قىلىنىشى چەتئەللەردىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئارىسىدا زور تەسىر قوزغىدى.
ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى باربارا لوخبېھلېر خانىم دۇنيا جامائىتىنىڭ ھېسداشلىقىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكىگە ۋەسىلە بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا بىرلىكى، ئامېرىكا قوشما شتاتلىرى ۋە بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەر بۈگۈن پروفېسسور ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئورتاق ئاۋازدا باياناتلار بەرمەكتە. ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قېتىمقى قارارىنى باشلىنىش دەپ قاراش مۇمكىن. ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مۇجادىلە 2017-يىلى تېخىمۇ كۈچىيىدۇ. خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بىلەن بىرلىكتە، دۇنيا جامائىتىنىڭ تاكى ئىلھام توختى ئەركىنلىككە ئېرىشكەنگە قەدەر كۈرەشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
باربارا لوخبېھلېر خانىم يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىلھام توختىغا ئېغىر دەرىجىدە ھەقسىزلىق قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىپ ئۆتتى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «2014-يىلى يانۋار قولغا ئېلىنغان ئىلھام توختى ئەپەندى، شۇ يىلى 23-سېنتەبىردە بۆلگۈنچى ئاتىلىپ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا يولۇقتى. ئەركىنلىك، دېموكراتىيە، باراۋەرلىكنى تەلەپ قىلغان بىر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى بۈگۈن خىتاينىڭ قاراڭغۇ زىندانىدا ياتماقتا. ئىلھام توختى باشلىق ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خىتايدىكى بارلىق ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ ئەركىنلىكى، كىشىلىك قىممىتىگە كۆڭۈل بۆلۈش، دېموكراتىك قىممەت قارىشىغا ساھىب بولغان غەرب دۆلەتلىرىنىڭ ۋەزىپىسىدۇر.»
ئۇيغۇر سىياسىي ئەربابلىرىدىن ئەركىن ئالىپتېكىن ئەپەندى مۇنداق دېدى: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 15-دېكابىر قوبۇل قىلغان ئىلھام توختىغا مۇناسىۋەتلىك بۇ قارارى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي ۋە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە قارىتا مەيدانىنىڭ ئوچۇقچە جاكارلىنىشى ھېسابلىنىدۇ. ياۋروپا بىرلىكى ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ھەققىدە قارارلار قوبۇل قىلغان ۋە باياناتلار ئېلان قىلغان بولسىمۇ، خىتاينىڭ مىللىي سىياسىتىنى بۇ قەدەر ئېنىق ھەم كەسكىن ئەيىبلىمىگەن، ئىلھام توختى ھەم ئۇيغۇرلارغا بولغان ھېسداشلىقىنى بۇ دەرىجىدە ئاشكارا ئىپادە قىلمىغان ئىدى. 15-دېكابىردىكى بۇ قاراردا ياۋروپا پارلامېنتى خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان ۋە تىبەتتە يۈرگۈزۈۋاتقان مىللىي سىياسىتىنىڭ خاتا بولغانلىقىنى، ئىلھام توختى كەبى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە ھەقسىزلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەت خەلقلىرىنىڭ بۈگۈنى ھەم كېلەچىكىنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ ھەرقاچان نازارەت ئاستىدا تۇتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. دېمەككى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ياۋروپا بىرلىكىدە كۈنتەرتىپتە تۇتۇلىدىغان بىر دەۋر باشلانماقتا، دەپ ئويلايمەن ھەمدە بۇ قارار مۇناسىۋىتى بىلەن ئىلھام توختى ھەم بارلىق ئۇيغۇرلارنى تەبرىكلەيمەن.»
ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىنىڭ مەسئۇللىرىدىن فىرانسىيەلىك خىتايشۇناس، پروفېسسور مارى ھولىزمان خانىم ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارىدىن كۆپ سۆيۈنگەنلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بۇ قارارىدىن كۆپ خۇرسەن بولدۇم. ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئالدىمىزدا قىلىدىغان نۇرغۇن ئىشلار بىزنى كۈتۈپ تۇرماقتا. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىمزا توپلاش كومپانىيەسىنى قانات يايدۇرۇۋاتىدۇ. ھەر بىر ئۇيغۇر بۇ كومپانىيەگە ئىمزا قويۇشنى مىللىي بۇرچ ھېس قىلىشى لازىم دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتىكى، ئىلھام توختى گۇرۇپپىسىمۇ بۇ جەھەتتە تېگىشلىك ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىدۇ. ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى يولىدىكى پائالىيەتلەر بۇندىن كېيىن تېخىمۇ كەڭ قانات يايدۇرۇلىدۇ.»
خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىخ دېلىيۇس ئەپەندىمۇ، 15-دېكابىردىكى بۇ قارارنى تەبرىكلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا بىرلىكىنىڭ بۇ قارارى ئىلھام توختىنىڭ ئەركىنلىكى ئۈچۈن بېسىلغان زور ئىجابىي قەدەم، بەلكى، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ ياۋروپا بىرلىكىدە مۇھىم تېما سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىنىڭ مۇقەددىمىسى، دەپ ئويلايمەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ياۋروپا بىرلىكىنى خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە تېخىمۇ دادىل بولۇپ، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى، ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرنىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى پائال ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي ئۈستىدىن كۈچلۈك بېسىم يارىتىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»
ياۋروپا پارلامېنتى 15-دېكابىر قوبۇل قىلغان 3026-نومۇرلۇق 13 ماددىلىق قارارىنىڭ ئەسلەتمىسىدە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ تىبەتلەر ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە ھازىرغىچە قوبۇل قىلغان تۈرلۈك قارارلىرىنىڭ مەزمۇنلىرى بايان قىلىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك ئەسلەتمىدە، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ 2011-يىلى 10-مارت قەشقەر قەدىمىي شەھىرىنىڭ ۋەيران قىلىنىشىغا قارشى «قەشقەرنىڭ ھالى ۋە مەدەنىي مىراس» ناملىق قارار قوبۇل قىلغانلىقى، 2014-يىلى 23-سېنتەبىر ئىلھام توختىنىڭ مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا يولۇققانلىقىغا قارشى ئىلھام توختىنى دەرھال شەرتسىز قويۇپ بېرىش ھەققىدە بايانات ئېلان قىلغانلىقى، ئىلھام توختىنىڭ 2016 -يىلى 11-ئۆكتەبىر مارتېن ئەننالىس مۇكاپاتىغا ئېرىشكەنلىكى، 2016-يىلى سېنتەبىردە بولسا ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىلگەنلىكى ئەسكەرتىلگەن ئىدى.