خۇ جيا: «قىشلىق تەتىلدە ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسى ئۇنى يوقلىيالمايدۇ»

0:00 / 0:00

ئىلھام توختى خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن «مىللىي قۇتراتقۇلۇق ۋە دۆلەتنى پارچىلاش» جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۈرۈمچى تۈرمىسىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقىنىغا توپ-توغرا 4 يىل بولدى.

ئىلھام توختى 4 يىلدىن بۇيان، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى. ئۇنىڭغا ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، «باربارا گولدسىمىس ئەركىن يېزىش مۇكاپاتى»، «مارتېن ئەننالىس كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى»، «ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى قاتارلىق» خەلقئارالىق مۇكاپاتلار بېرىلدى. بۇ يىل ئىلھام توختىنى 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش تەييارلىق خىزمەتلىرى ئېلىپ بېرىلماقتا.

پۈتكۈل دۇنيا ئىلھام توختى مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي دائىرىلىرى ئۇنىڭغا ئائىت ھەرقانداق ئۇچۇرنى قامال قىلىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ئۇرۇق-تۇققانلىرىنىڭ سىرت بىلەن بولغان ئالاقىسىنى قاتتىق نازارەت ئاستىغا ئالماقتا.

تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، 2008-يىللىق «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» نىڭ ساھىبى خۇ جيا ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ نازارىتى ئاستىدا بېيجىڭدىن رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئائىلىسىنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋاللىرىنى ئاڭلاتتى.

2-فېۋرال كۈنى خۇ جيا ئەپەندى تېلېفونىنىڭ يەنىلا خىتاي ساقچىلىرىنىڭ نازارىتىدە تۇرۇۋاتقان ئەھۋالدا رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنىڭ 12-يانۋار كۈنى چۈشتىن كېيىن دوختۇرخانىدىن چىقىپلا ئىلھام توختىنىڭ بېيجىڭدىكى ئايالى گۈزەلنۇر ۋە بالىلىرى بىلەن كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خۇ جيا ئەپەندى يەنە ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ بالىلىرى بىلەن كۆرۈشۈش پۇرسىتىنىڭ ئاسان ئەمەسلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: «ئالدىنقى يېرىم يىلدا نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىنىڭ ساھىبى ليۇ شاۋبو ئەپەندىنىڭ ئۆلۈمى سەۋەبلىك مەنمۇ ئۈزلۈكسىز نازارەت ئاستىدا تۇردۇم. 12-يانۋاردىكى كۆرۈشۈشىمىز مېنىڭ يېرىم يىلدىن بۇيان تۇنجى قېتىم بۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن شۇ قەدەر يېقىن ئارىلىقتا تۇرۇپ يۈزتۇرانە كۆرۈشۈشۈم بولدى، مەن بۇنىڭدىن تولىمۇ سۆيۈندۈم.»

خۇ جىيا ئەپەندى يەنە 2017-يىلى يازلىق تەتىلدە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن گۈزەلنۇر بىلەن بالىلىرىنىڭ يۇرتىغا قايتالمىغانلىقى ۋە ئۈرۈمچى تۈرمىسىدىكى ئىلھام توختىنىمۇ يوقلىيالمىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ، بۇ يىل قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىدىكى قاتتىق تەقىپلەر سەۋەبىدىن گۈزەلنۇر خانىم بىلەن بالىلىرىنىڭ ئىلھام توختىنى يوقلاش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارالمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خۇ جيا مۇنداق دېدى: «بىلىشىمچە، بۇلتۇر 19-قۇرۇلتاي ئېچىلغانلىقى سەۋەبىدىن شىنجاڭ دائىرىلىرى رايوندا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئالدى. ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتى جىددىيلىشىپ كەتكىنى ئۈچۈن گۈزەلنۇرنىڭ يۇرتىدىكى تۇغقانلىرى ئۇلارنىڭ تەتىل مەزگىلىدە ئۇيغۇر دىيارىغا قايتىشىنى توسقان ئىكەن. گۈزەلنۇرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇ يەرنىڭ ۋەزىيىتىدىكى جىددىيلىك سەۋەبىدىن گۈزەلنۇر ۋە بالىلار بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىغا قايتالماپتۇ. ئۈرۈمچىگە بېرىپ تۈرمىدە جازا مۇددىتى ئۆتەۋاتقان ئىلھام توختىنىمۇ يوقلىيالماپتۇ. ھازىر شىنجاڭ ۋەزىيىتى يەنىلا شۇنداق چىڭ. شۇڭا سىزگە بېرەلەيدىغان ئۇچۇرۇممۇ بۇ يىل قىشلىق تەتىل مەزگىلىدە ئۇلار شىنجاڭغا قايتالمايدۇ. قىشلىق تەتىلنى يەنىلا بېيجىڭدا ئۆتكۈزىدۇ.»

خۇ جيا ئەپەندى يەنە ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان، ئۇيغۇر دىيارىدا ھەر خىل نازارەت ۋە بېسىملار كۈچەيتىلگىنى ئۈچۈن، گۈزەلنۇرنىڭ ئالدىنقى يىلى يۇرتىغا قايتىشتىن ئىلگىرى ئىلھام توختى بىلەن يېقىن دوستلۇق مۇناسىۋىتىدە بولغان بېيجىڭدىكى كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن بولغان تېلېفون ئۇچۇر ئالاقىسىنى ئۈزۈۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «گۈزەلنۇر ماڭا ئالدىنقى يىلى شىنجاڭغا قايتىشنىڭ ئالدىدا تېلېفونىدىن ۋويسېر، ۋاڭ لىشيوڭ ۋە مېنىڭ تېلېفون، ئۈندىدار قاتارلىق ئالاقە ئۇچۇرلىرىمىزنى ئۆچۈرۈۋېتىشكە مەجبۇر بولغانلىقىنى بىلدۈردى. چۈنكى شىنجاڭدا تەكشۈرۈش قاتتىق ئىكەن. يولدا كېتىۋاتقان ھەرقانداق كىشىنىڭ تېلېفونى تەكشۈرۈلىدىكەن. شۇڭا گۈزەلنۇر ھەر قېتىم يۇرتىغا قايتقىنىدا تۇغقانلىرى ئۇنىڭ بېيجىڭدا ئىشلىتىۋاتقان تېلېفونىنى ئىشلىتىشىگە يول قويمايدىكەن. مەن ئەلۋەتتە گۈزەلنۇرنىڭ ئەندىشىسىنى چۈشىنىمەن. چۈنكى ئىلھام توختىنىڭ ئاتۇشتىكى بىر تۇغقىنىنىڭ تېلېفونىدىن ئىلھامنىڭ رەسىمى چىقىپ قالغىنى ئۈچۈن ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى بىلىمەن.»

خۇ جيا ئەپەندى يەنە ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان گۈزەلنۇر ۋە بالىلارغا قارىتىلغان نازارەت كۈچەيتىلىپ، بۇ ئائىلىگە ھەرقانداق بىر ئۇيغۇرنىڭ يېقىنلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدىغان ۋەزىيەت شەكىللەنگەنلىكىنى، گۈزەلنۇر ۋە بالىلارنىڭ يېگانە، ياردەمسىز قالغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئەھۋالنىڭ گۈزەلنۇر ۋە بالىلارغا ئېغىر روھى بېسىم كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن كېيىن، گۈزەلنۇر ئۇنى يوقلاش ئۈچۈن شىنجاڭغا بارغىنىدا ۋە كەلگىنىدە مەن داۋاملىق ئايرودرومغا چىقاتتىم. شۇ قېتىم گۈزەلنۇرنى كۆرگىنىمدە ئۇنىڭ يىغلاپ ھالىدىن كەتكەن ئەھۋالىنى كۆرۈپ يۈرىكىم شۇ قەدەر ئېچىشقان ئىدى. ھازىر بۇ ئائىلىگە بېيجىڭدىكى ئۇيغۇرلار بېرىشتىن قورقىدۇ، گۈزەلنۇر ۋە بالىلار يېگانە، ياردەمسىز قالدى. مانا بۇ ئەھۋاللار مېنىڭ يۈرىكىمنى تېخىمۇ ئېزىدۇ. ئىلھامنىڭ چوڭ ئوغلى بابۇرنى بۇ قېتىم كۆرگىنىمدە خېلى چوڭ بولۇپ قاپتۇ. ئەمما دادىسى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان بۇ ئائىلىگە كەلگەن بېسىملار سەۋەبىدىن بولسا كېرەك، بابۇر كەمسۆز، ئويچان بولۇپ قاپتۇ. گۈزەلنۇرنىڭ ئەھۋالى تېخىمۇ ناچار. بۇلتۇر 10-دېكابىر ئىلھام توختىغا ‹ۋايمار كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى› بېرىلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرنى يەتكۈزەي دەپ تېلېفون قىلغىنىمدا، تېلېفونۇمنى ئالغان ئوغلى بابۇر ئاپىسى گۈزەلنۇرنىڭ قاتتىق ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. شۇ كۈنىدىكى گۈزەلنۇر بىلەن بولغان تېلېفون سۆھبىتىدىن ئۇنىڭ بۇ ئائىلىنىڭ ئېغىر ئىقتىسادىي يۈكى ۋە ھەر خىل روھى بېسىملار سەۋەبىدىن ئاغرىپ قالغانلىقىنى بىلگەن ئىدىم. ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلىنغاندىن بۇيان گۈزەلنۇرنى دائىم يىغلاپ يۈرگەن ھالەتتىلا كۆرىمەن. بۇ يىللاردا ئۇنىڭ كۈلكىسى يوق دېيەرلىك بولۇپ كەتتى. مانا، بۇ ئەھۋاللار مېنى ئەنسىرىتىدۇ ۋە يۈرىكىمنى ئېزىدۇ.»