ئىلھام توختىغا بېرىلگەن ناھەق جازاغا قارشى تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرە شەھىرىدە نامايىش ئېلىپ بېرىلدى. نامايىشنى شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، تۈركىيە كادىرلار ئۇيۇشمىسى، مەزلۇم دەر جەمئىيىتى قاتارلىق ئۈچ تەشكىلات بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، نامايىشقا ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ كۆپ ساندا كىشى قاتناشتى.
نامايىشچىلار قوللىرىدا، ئىشغالىيەت يوقالسۇن، شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە ئەركىنلىك، شەرقىي تۈركىستانغا ئەركىنلىك، خىتاي ئۇيغۇرلارغا قارشى يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسىتىنى توختاتسۇن! دېگەنگە ئوخشاش شوئارلار يېزىلغان چوڭ ھەجىملىك پىلاكاتلارنى كۆتۈرگەن ھالدا، ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك دېگەنگە ئوخشاش شوئارلارنى توۋلاپ خىتاينىڭ ئەنقەرەدىكى باش ئەلچىخانىسى ئالدىغا توپلاندى.
نامايىشچىلار ئاتالمىش خىتاي سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلھام توختىغا ناھەق، دەلىل ئىسپاتى تولۇق بولمىغان جىنايەتلەرنى ئارتىش ئارقىلىق مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغانلىقىنى ئەيىبلىدى.
بەزى نامايىشچىلار قوللىرىدا ئىلھام توختى ۋە ئابدۇۋەلى ئايۇپنىڭ چوڭ ھەجىمدىكى رەسىملىرىنى كۆتۈرۈۋالغان بولۇپ رەسىملەرنىڭ ئاستىغا، ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك، ئابدۇۋەلى ئايۇپقا ئەركىنلىك دېگەندەك خەتلەر يېزىلغان.
نامايىش جەريانىدا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىلغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ ئەنقەرە شۆبە باشلىقى خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندى باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
باياناتتا خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندى، ئۈرۈمچى ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسىنىڭ ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاغا ھۆكۈم قىلىشى خىتايدا قانۇنسىزلىقنىڭ بىر مىسالى بولغانلىقىنى، بۇ،ئىلھام توختىغا ئوخشاش بىر ئالىم ۋە زىيالىينىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى ۋە «ناھەق مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ئىلھام توختى قېرىندىشىمىز ۋە شۇنىڭغا ئوخشاش باشقا تۇتقۇن قىلىنغان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قايتۇرۇپ ئېلىش ئۈچۈن خەلقئارا ساھەدىمۇ ئاخىرىغىچە كۈرەش قىلىمىز» دېدى.
خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندى مۇنداق دېدى: «خىتايلارنىڭ ياكى ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى قوغداش ياكى سۆز قىلىشىنى جىنايەت ۋە توپىلاڭچىلىق دەپ قارايدىغان ۋە ئەڭ ئېغىر ئۇسۇلدا جازالاش يولىنى تاللىغان خىتاي دائىرىلىرى، ئۈرۈمچى ۋە يەكەن ئېلىشقۇ ۋەقەلىرىگە ئوخشاش چوڭ ۋەقەلەرنىڭ قايتىدىن مەيدانغا كېلىشىنى خالايدۇ.
ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن كېيىن خىتاي بايرىقى كۆيدۈرۈلدى، نامايىشچىلاردىن بىر ھەيئەت خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئالدىغا قارا چەمبىرەك قويدى، قارا چەمبىرەكنىڭ ئۈستىگە شەرقىي تۈركىستانلىقلار جەمئىيىتى دەپ يېزىلغان. تۈركىيەدە قارا چەمبىرەك قويۇش ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىشلىگەنلىكنىڭ ئىپادىسىنى كۆرسىتىدۇ.
خەيرۇللاھ ئەپەندىگىل ئەپەندى، ئىلھام توختىنىڭ «مېنى، تۈرمىدە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالدى دېسە، ھەرگىزمۇ ئىشەنمەڭلار» دېگەن سۆزىنى تىلغا ئېلىپ، بۇ، ئۇنىڭ تۈرمىدە پسىخىك جەھەتتە قانچىلىك ئېغىر دەرىجىدە بېسىم ئاستىدا قالغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ، دېدى.
ئۈرۈمچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسىدە 9-ئاينىڭ 17-18-كۈنلىرى سوت ئېچىلغان بولۇپ، سوتتا ئىلھام توختى ئۆزىگە ئارتىلغان جىنايەتلەرنى رەت قىلىپ ئېتىراز بىلدۈرگەندىن كېيىن، سوت نەتىجىسىز ئاخىرلاشقان ئىدى. ئىلھام توختى 9-ئاينىڭ 23-كۈنىدىكى سوتتا پۈتۈن ئەيىبلەشنى رەت قىلغان بولسىمۇ، ئاتالمىش سوت مەھكىمىسى ئۇنىڭ بارلىق مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنى مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
بىز، بۇ نامايىش توغرىسىدا نامايىشقا قاتناشقان ئۇيغۇر زىيالىي ئازادجان بۇغرا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئازادجان بۇغرا ئەپەندى ئىلھام توختىنىڭ ناھەق تۈرمىگە قامالغانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ نامايىشقا قاتناشقانلىقىنى، قولىدىن چوڭ ئىش كەلمىسىمۇ، ئۆزىنىڭ بىر ئۇيغۇر بولۇش سۈپىتى بىلەن نامايىشقا قاتنىشىپ، ئىلھام توختىنى قوللىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنى ۋىجدانى ئالدىدا راھەت ھېس قىلغانلىقىنى ئىپادىلىدى.