ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 28 - فېۋرال جۈمە كۈنى مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا مەكتەپ دائىرىلىرى تەرىپىدىن ئاگاھلاندۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەكتەپ رەھبەرلىكى يىغىندا گەرچە گۈزەلنۇر خانىمنىڭ ئىسمىنى ئاشكارا تىلغا ئالمىغان بولسىمۇ، لېكىن چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغۇچىلارنىڭ كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم دائىرىلەرنىڭ ئېرى ئىلھام توختى مەسىلىسىدە ئۇنىڭغا ھەر خىل يوللار ئارقىلىق بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ ئاقلىنىپ چىقىشى ئۈچۈن قولىدىن كېلىدىغان بارلىق تىرىشچانلىقلارنى قىلىشقا تەييار ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جۈمە كۈنى چۈشتىن كېيىن مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئېچىلغان يىغىندا، مەكتەپ رەھبەرلىرى سۆز قىلىپ، ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارنى ئىلھام توختى مەسىلىسى توغرىلىق مۇنازىرە قىلماسلىققا دەۋەت قىلغان.
يىغىندا مەكتەپ رەھبەرلىرى يەنە، مەكتەپتىكى ھەرقانداق بىرەيلەننىڭ چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلسا، بۇنىڭدىن كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتكە ئۆزى مەسئۇل بولۇشى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
گۈزەلنۇر خانىم بايانىدا جۈمە كۈنى ئېچىلغان يىغىندا گەرچە ئۇنىڭ ئىسمى بىۋاستە تىلغا ئېلىنمىغان بولسىمۇ، ئەمما مەكتەپ دائىرىلىرىنىڭ ۋاستىلىق ھالدا ئۇنى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماسلىققا ئاگاھلاندۇرۇۋاتقانلىقىنى، لېكىن ئېرى ئىلھام توختىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىشىنىڭ بىردىن - بىر يولى خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
گزەلنۇر خانىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىلھام توختى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە بارغان ئادۋوكات لى فاڭپىڭ قاتارلىقلار ئىلھام توختى ئەپەندى بىلەن كۆرۈشەلمىگەنلىكى ئۈچۈن تۈنۈگۈن بېيجىڭغا قايتىپ كەلگەن.
گۈزەلنۇر خانىم يەنە، بېيجىڭدىكى دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرىنىڭ يەنىلا ئۇنىڭ ئۆيى ئەتراپىدا 24 سائەتلىك نازارىتىنى بوشاشتۇرمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىشىك ئالدىدا گۈزەتتە تۇرغان ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭ بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن كەلگەن ئادۋوكات لى فاڭپىڭ قاتارلىقلارنىڭ ئۆيگە كىرىشىگە يول قويمىغانلىقىنى بىلدۈردى.
گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ئىلھام ئەپەندى بىلەن بىر كۈندە تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلاردىن ئابدۇقېيۇم ۋە پەرھات خالمۇراتلارنىڭ ئاتا - ئانىلىرى بىلەن تېلىفوندا كۆرۈشكەنلىكىنى بىلدۈردى. گۈزەلنۇر خانىمنىڭ دېيىشىچە، نۆۋەتتە ئۈرۈمچىدە تۇرۇۋاتقان شۆھرەت تۇرسۇن ۋە پەرھات خالمۇراتنىڭ ئاتا - ئانىلىرىمۇ ئۈرۈمچى ساقچى دائىرىلىرىنىڭ رەت قىلىشى سەۋەبلىك بالىلىرى بىلەن كۆرۈشەلمىگەن. ئەمما ساقچىلار ئۇلارنىڭ بالىلىرى ئۈچۈن ئاپارغان كىيىم - كېچەك قاتارلىق نەرسىلەرنى قوبۇل قىلغان.
بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان ئىقتىساد پەنلىرى دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى ۋە ئۇنىڭ بىرقانچە نەپەر ئوقۇغۇچىسى بۇ يىل 15 - يانۋار كۈنى، بېيجىڭدا تۇتقۇن قىلىنغان. ئۈرۈمچى ساقچى ئىدارىسى ئىلھام ئەپەندى تۇتقۇن قىلىنىپ 41 كۈندىن كېيىن ئۇنىڭ «دۆلەتنى پارچىلاش جىنايىتى» گۇمانى بىلەن 20 - فېۋرال كۈنى رەسمىي قولغا ئېلىنغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئەمما غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ «تىنچلىق يولى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرىنى تەلەپ قىلغان زىيالىي» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، خىتاي دائىرىلىرىنى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئەھدىنامىسىگە رىئايە قىلىپ، ئىلھام توختىنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشكە، خىتاي پۇقرالىرىنىڭ پىكىر - ئەركىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرماقتا.
0:00 / 0:00