مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرى داۋام قىلماقتا

0:00 / 0:00

مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرىگە نارازىلىق بىلدۈرۈپ ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا.

تۈركىيەدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئوخشىمىغان مەزمۇنلاردا ئىمزا توپلاپ نارازىلىق بىلدۈرۈش ياكى خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئەرز قىلىش پائالىيەتلىرى داۋاملىشىۋاتقىلى بىرقانچە ھەپتە بولدى. بۇ پائالىيەتكە تۈركىيەدىكى «ئۆلكۈ ئوچاقلىرى» كەبى تەسىرى چوڭ تۈرك تەشكىلاتلىرىمۇ قاتنىشىپ، تۈركىيە تەۋەسىدە سەپەرۋەرلىك ھەرىكەتلىرىنى قوزغىغانلىقى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كەڭ تەشۋىق قىلىنماقتا.

بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويۇۋاتقان «يېپىق تەربىيەلەش مەركىزى» گە، ساياھەت چەكلىمىسىگە، چەتئەلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتەندىكى ئائىلە-تاۋابىئاتلىرى بىلەن بولغان تۈرلۈك ئالاقىسىگە قارىتا پەيدا قىلغان توسالغۇلارغا، چەتئەلدىكىلەرنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنى گۆرۈگە ئېلىش، ئۇيغۇرلارنىڭ كومپيۇتېر ۋە يانفونلىرىنى تەكشۈرۈش، «قوشماق تۇغقان» سىياسىتى قاتارلىقلارغا نارازىلىق بىلدۈرۈشنى تېما قىلغان ئىدى.

يېقىندا گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر جامائىتىمۇ ئۆزلۈكىدىن ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرىنى باشلىۋەتتى. بۇلارنىڭ ئىمزا توپلاش جەدۋىلىگە يۇقىرىقى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلۈش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى «قۇرئان كەرىم» ۋە جاينامازلارنىڭ يىغىۋېلىنغانلىقى، دىنىي بېسىملارنىڭ ھەددىدىن زىيادە ئارتىپ، مەۋجۇت ئۇيغۇر مەسچىتلىرىنىڭ خىتاينىڭ تەشۋىقات مۇنبىرىگە ئايلىنىپ قالغانلىقى، ئۇيغۇر تىلىنىڭ يەسلىلەردىن تاكى ئالىي مەكتەپلەرگىچە چەكلەنگەنلىكى قاتارلىق مەزمۇنلار تولۇقلاپ كىرگۈزۈلگەن ئىدى.

بۇ ئىمزا قويۇش جەدۋىلى گېرمانىيە باش مىنىستىرى ئانجىلا مېركىل ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى سىگمار گابرىئېل ئەپەندىگە قارىتىپ تەييارلانغان بولۇپ، ئۇيغۇرلار گېرمانىيە ھۆكۈمىتىدىن گېرمانىيە پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزلىرىنىڭ كىشىلىك ھەق-ھوقۇقلىرىغا كاپالەتلىك قىلىشنى تەلەپ قىلىشقان.

بۇ خىلدىكى ئىمزا تولاش پائالىيىتىنى د ئۇ ق ياكى باشقا سىياسىي تەشكىلاتلارنىڭ سەپەرۋەرلىكى بىلەن ئەمەس، بەلكى «خەلقنىڭ ئاۋازى» سۈپىتىدە ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىپ قانات يايدۇرۇشىنىڭ قىممىتىنى تەكىتلىگەن د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى، بۇ پائالىيەتنى پۈتۈن دۇنيادىكى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا ئومۇملاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتى ئاياللار ۋە بالىلار بۆلۈمى ھەمدە تەشكىلات مالىيە بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ھەلچەم مەمتىمىن خانىممۇ بۇ خىلدىكى ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ، مۇھاجىرەتتىكى ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ قولىدىن نېمە كەلسە شۇنى قىلىش ئارقىلىق ۋەتىنىگە، خەلقىگە مەسئۇل بولۇش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر ئىمزا توپلاش پائالىيىتىگە د ئۇ ق نىڭ گېرمانىيەدىكى رەھبەرلىرىمۇ قىزغىن ئاۋاز قوشتى. ميۇنخېن شەھىرىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر رېستوران ۋە ئاشپۇزۇللىرى بۇ ئىمزا توپلاش پائالىيىتىنى ۋاكالىتەن بېجىرمەكتە. ئىمزا جەدۋىلىگە قول قويغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، ۋەتەندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن بولغان ئالاقىلىرىنىڭ قاچاندىن باشلاپ ئۈزۈلۈپ قالغانلىقى قاتارلىق مەزمۇنلارنى تولدۇرۇپ قول قويماقتا.

«ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى» نىڭ رەئىسى، د ئۇ ق دىنىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ مۇدىرى، «ئۇيغۇر ئۆلىمالار بىرلىكى» نىڭ ئەزاسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىممۇ بۇ ھەقتە توختىلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتىكى باستۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ سەۋرى- تاقەتلىرىنى تاشۇرۇۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتتى.

مەلۇم بولۇشىچە، د ئۇ ق خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ 2017-يىلى 4-ئايدىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان 60 تۈرلۈكتىن ئارتۇق قانۇنسىز ۋە دەرىجىدىن تاشقىرى باستۇرۇش سىياسەتلىرى، ئىجرائاتلىرى ھەققىدە دوكلات ھازىرلىماقتىكەن. يۇقىرىقى ئىمزا پائالىيەتلىرىدە تىلغا ئېلىنغان تېمىلار بۇ دوكلاتتا يەر ئالغان مەزمۇنلارنىڭ پەقەت بىر قىسمىنىلا تەشكىل قىلىدىكەن. د ئۇ ق ئۆزلىرىنىڭ تەپسىلىي دوكلاتلىرىنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى تەشكىل قىلغان مۇھىم نۇقتىلارنى ب د ت، ياۋروپا پارلامېنتىدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كەلمەكتىكەن.