چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇر قىزلىرى قىز ستۇدېنتلارنىڭ ۋەتىنىدە خىزمەت تېپىشتا تېخىمۇ كەمسىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى 15 - ماي كۈنى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا جەمئىيەتتىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. ئۇقتۇرۇشتىكى ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغان دۆلەت خىزمەتچىلىرى سانىنىڭ بۇ يىل 11.8% گە چۈشۈپ قېلىشىدەك ئەھۋال، نۆۋەتتە تور بېكەتلىرىدە «ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مىللىي كەمسىتىش خاھىشى» دەپ ئەيىبلەنمەكتە.

5 - ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن، غەرب ئەللىرىدىكى مەلۇم دۆلەتتە ئوقۇش ۋە خىزمەت بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرى رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، خىتايدا ئۇيغۇر ستۇدېنتلارنىڭ خىزمەت تېپىش جەريانىدا ئوخشىمىغان دەرىجىدىكى يەكلەشكە ئۇچرايدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئۇيغۇر مىللىتىدىن بولغان قىز ستۇدېنتلارنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ بارغانچە ئېغىرلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان غەرب دۆلەتلىرىگە ئوقۇش ئۈچۈن چىقىپ، يەرلىشىپ قالغان ئۇيغۇر ياشلىرى بارغانچە كۆپەيمەكتە. بۇ ئەھۋال ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى قوزغاپ كېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلىلەرنىڭ بىرى. ئۇيغۇر ئېلىدىن غەرب دۆلەتلىرىگە كېلىپ،ئانا يۇرتىدىن يىراق يەرلەردە كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئۆزلىرىنىڭ غەرب دۆلەتلىرىدە قېلىشىدىكى سەۋەبلەرنى ھەر خىل ئىزاھلاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما كۆپىنچىلىرى ئالىي مەكتەپلەرنى تۈگەتكەن ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان كەمسىتىش خاراكتېرىدىكى سىياسەت ۋە ئىقتىدارىغا لايىق خىزمەت ئىمكانىيىتى بولماي ئۇزۇن ۋاقىت ئىشسىز قېلىشتەك ۋەزىيەت ئۇلارنىڭ چەتكە چىقىپ ئوقۇش ۋە خىزمەت قىلىش يولىنى تاللىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرمەكتە.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئىككى نەپەر ئۇيغۇر قىزى نۆۋەتتە غەرب ئەللىرىدىكى مەلۇم دۆلەتتە ئۆزىنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالىنى ئىزدەۋاتقان ياشلار. ئۇلار بايانىدا ئۆزلىرىنىڭ ئانا يۇرتى ۋە ئۇرۇق - تۇغقانلىرىدىن ئايرىلىپ چەتئەلگە چىقىش يولىنى تاللىشىدىكى سەۋەبلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئالىي مەكتەپنى تۈگەتكەندىن كېيىن ئۇزۇن مۇددەت ئىشسىز قالغانلىقىنى، شۇڭا ئاتا - ئانا، ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنىڭ بارلىق بىساتلىرىنى يىغىپ ئۇلارنى غەرب دۆلەتلىرىگە ئۆز ئىستىقبالىنى تېپىشقا يولغا سالغانلىقىنى بىلدۈردى.

رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان بۇ قىزلار ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ خىتايلار بىلەن ئوخشاش دەرىجىدىكى ئالىي مەكتەپ سەۋىيىسى، ھەتتا تېخىمۇ يۇقىرى ئۇنۋانلىرى بار تۇرۇقلۇق، ئىش ئىزدەپ بارغان ئورۇنلاردا ئۆزىدىن تۆۋەن مەكتەپلەردە ئوقۇغان خىتاي ئوقۇغۇچىلار ئېرىشكەن پۇرسەتكە ئېرىشەلمەسلىكىدەك ئەھۋالنىڭ ئومۇمى كەيپىياتقا ئايلانغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ قىزلار ئۆز بايانلىرىدا يەنە، خىزمەت ئىزدەش جەريانىدا يولۇققان ئەھۋاللارنى بايان قىلىپ، نۆۋەتتە خىزمەت ئىزدەۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرى ئىچىدە قىزلارنىڭ خىزمەتكە ئېرىشىش پۇرسىتىنىڭ تېخىمۇ ئازلىقىنى، قىزلارغا قارىتىلغان كەمسىتىشنىڭ ئوغۇللارغا قارىغاندا ئېغىرلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئاپتونوم دائىرىلىرى چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان 2013 - يىللىق جەمئىيەتتىن خىزمەتچى قوبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشىدا بۇ يىل ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىسىدىن جەمئىي 7757 نەپەر خىزمەتچى قوبۇل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مەلۇم بولۇشىچە بۇ يىل قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىلەر ئىچىدە ئۇيغۇرلاردىن قوبۇل قىلىنىدىغان خىزمەتچىلەرنىڭ ئاران917 نەپەر ئىكەنلىكى ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، تور بېكەتلىرىدە نارازىلىق ئىنكاسلىرى كۆپلەپ يېزىلدى. مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندى ئۇيغۇربىز تورىدا بۇ ئەھۋالنى ئەيىبلەپ،«بۇ سانلىق مەلۇماتلار، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ دۆلەت خىزمەتچىلىرىنى قوبۇل قىلىشتا ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا مىللىي كەمسىتىش سىياسىتىنى ئىپادىلىگەنلىكىنى كۆرسىتىپ تۇرۇپتۇ. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى نۆۋەتتە چوڭ خىتايچىلىق ئىدىيىسى ئەۋج ئالغان رايونغا ئايلىنىپ قالدى. بۇنى قوبۇل قىلغىلى بولمايدۇ. دائىرىلەر بۇ مەسىلىنى دۆلەت ئىچىدە بەلگىلەنگەن قانۇن ھەم خەلقئارا قانۇن بويىچە تۈزىتىشى كېرەك!» دېگەن ئىدى.