تۇتقۇن «ئۇيغۇر ئىسمائىل» نىڭ تۇتۇلۇشىغا ئىسىم «خاتالىقى» سەۋەب بولغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

0:00 / 0:00

ئاڭلىغۇچىلىرىمىزدىن بىرى رادىيومىزغا ئىنكاس يوللاپ، كۈنەس ناھىيىسىنىڭ ئارالتۆپە يېزىسىدىن «تەربىيىلەش» كە ئەكىتىلگەنلەر ئارىسىدا ئۇيغۇر ئىسمائىل ئىسىملىك بىر كىشىنىڭمۇ بارلىقى، ئۇ كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشىغا ئۆزىنىڭ ئىسمىدىن باشقا، بىر قىزىغا «مۇسلىمە» دەپ ئىسىم قويغانلىقىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى مەلۇم قىلدى. مۇخبىرىمىزنىڭ ئېنىقلىشى داۋامىدا ئۇيغۇر ئىسمائىلنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، ئۇنىڭ ئارالتۆپە يېزىسىنىڭ قاراسۇ كەنتىدىن ئىكەنلىكى ۋە نۆۋەتتە «تەربىيىلەش لاگېرى» دا ئىكەنلىكى دەلىللەندى.

بىز ئىنكاستىكى ئۇچۇرغا ئاساسەن كۈنەس ناھىيە ئارالتۆپە بازارلىق ساقچىخانىغا تېلېفون قىلدۇق. ساقچىخانا خادىمى بۇ ھەقتە مەلۇمات بېرەلمىگەندىن كېيىن ئارالتۆپە يېزىلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ مۇدىرىغا تېلېفون قىلدۇق. مۇدىر ئۇيغۇر ئىسمائىلنىڭ يەكەندە بىر مەزگىل پاختا زاۋۇتتا ئىشلىگەنلىكى ۋە چاپچالدا تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. رادىيومىزغا ئىنكاس يوللىغۇچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئىسمائىل ئاتالمىش ئىسىم خاتالىقى سەۋەبىدىن تۇتۇلغان. ئەمما مۇدىر، ئۇيغۇر ئىسمائىلنىڭ تۇتۇلۇشىغا ئۆزىنىڭ ياكى قىزى مۇسلىمەنىڭ ئىسمى سەۋەب بولغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى.

يېزىلىق ساقچىخانا خادىمى ئۇيغۇر ئىسمائىلنىڭ كىملىكى ھەققىدىمۇ مەلۇمات بېرەلمىگەندىن كېيىن، يېزىلىق ئاياللار مۇدىرىغا تەكرار تېلېفون قىلدۇق؛ ئۇ ئۇيغۇر ئىسمائىلنىڭ ئارالتۆپە بازىرىنىڭ قاراسۇ كەنتىدىن ئىكەنلىكىنى دەلىللىدى.

ئۇيغۇر رايونىدىن ئىلگىرى ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلاردا، دىنىي پۇراق كۈچلۈك ئىسىملارنىڭ چەكلەنگەنلىكى، پەرزەنتلىرىگە چەكلەنگەن ئىسىملارنى قويغۇچىلارغا پەرزەنتلىرىنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرۈلگەنلىكى دەلىللەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ بۇيرۇقنى ئىجرا قىلمىغانلارنىڭ قانداق جازاغا دۇچ كەلگەنلىكى تېخى ئاخباراتقا ئاشكارىلانمىغان. يەنە جەمئىيەت خەۋەرلىرىدە «ئۇيغۇر، كۈرەش، ئۈمىد» قاتارلىق ئىسىملارنىڭمۇ مىللىي پۇرىقى كۈچلۈك دەپ قارىلىپ چەكلەنگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، ئەمما ئۇچۇرنىڭ راستلىقى دەلىللەنمىگەن ئىدى.

كانادادىكى سىياسىي كۆزەتكۈچى رۇقىيە تۇردۇش خانىم، بۈگۈن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، كۈنەس ئارالتۆپىدىكى تۇتقۇنلار توغرىلىق بەرگەن خەۋەرلىرىمىزگە، يەنى، ئاتالمىش ئىسىم خاتالىقى ۋە چېكىتى بار ئۇيغۇرلار بىلەن ئالاقىلىشىش خاتالىقى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنىش ۋەقەلىرىگە ئاساسەن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ئۈستىدىن مۇلاھىزە ئېلىپ باردى.

ئۇ، بۇ تۈردىكى جازالاشلارنىڭ مەقسىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا، ۋەھىمە پەيدا قىلىش، ئۆزئارا بىر-بىرىدىن ئۈركۈتۈش ۋە تەشكىللىنىش ئىقتىدارىنى ئۇجۇقتۇرۇش ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى. خىتاينىڭ ئاخىرقى ھېسابتا چوتنى خاتا سوقۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان رۇقىيە خانىم، خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» پىلانى سەۋەبلىك، رايوننى بۇنداق يېپىق ھالەتتە ئۇزۇن مەزگىل ئىدارە قىلىپ بولالمايدىغانلىقىنى، ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي كۈتۈۋاتقان مۇقىملىقنىڭ بۇ خىل تەدبىرلەر بىلەن مەڭگۈ كاپالەتكە ئىگە بولمايدىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.