ئىستانبۇلدا «شېھىتلار كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى
2019.02.06
5-فېۋرال كۈنى ئىستانبۇلدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى بىلەن «غۇلجا ۋەقەسى» نىڭ 22 -يىللىقىنى خاتىرىلەش «شېھىتلار كېچىسى» پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
مۇراسىم «قۇرئان كەرىم» تىلاۋىتىدىن كېيىن ئىستىقلال مارشى ئوقۇش بىلەن باشلاندى. مۇراسىمدا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئېچىلىش سۆزى سۆزلىدى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان «غۇلجا ۋەقەسى» دە شېھىت بولغانلارنى ۋە يېقىنقى يىللاردا شېھىت بولغان مۇھەممەد سالىھ داموللام، ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم، ئابلەت مەخسۇم، ئابدۇلھەمىت داموللام ۋە كېرەم ئابدۇۋېلى قاتارلىق دىنى ئالىملارنى خاتىرىلەش، ئەسلەش ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان ئۇيغۇرلارنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئىز قالدۇرۇپ كەتكەن ۋە شەرقىي تۈركىستان داۋاسىغا كۈچ بېرىۋاتقان چوڭ ھادىسىلەردىن بىرىنىڭ «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
مۇراسىمدا ھۆججەتلىك فىلىم كۆرسىتىلگەندىن كېيىن شەرقىي تۈركىستان ئالىملار بىرلىكىنىڭ رەئىسى دوكتور ئاتاۋۇللا شەھيار سۆز قىلدى. ئۇ غۇلجا شېھىتلىرى ۋە يېقىن زاماندا خىتاي تۈرمىلىرىدە شېھىت قىلىنغان مۇھەممەد سالىھ داموللام قاتارلىق دىنىي ئالىملارنىڭ ھاياتلىرى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «مەن ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنى ياخشى تونۇيمەن، ئۇلارنىڭ بەزىلىرى ساۋاقداشلىرىم، سەپداشلىرىم، بەزىلىرى ئۇستازلىرىم ئىدى. ئۇلارنىڭ ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدا ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرى كۆپتۇر. ئۇلارنىڭ ئىلىملىرىدىن پايدىلاندۇق، پىكىر-تەپەككۇرلىرىدىن پايدىلاندۇق. ئۇلار ئىلىم-مەرىپەت ئۆگىتىش بىلەنلا چەكلىنىپ قالماستىن، بەلكى دىن، ۋەتەن، مىللەتنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى، مۇستەقىللىقنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى، قانداق كۈرەش ئېلىپ بېرىش كېرەكلىكىنى، نېمە ئۈچۈن بۇ يولدا جېنىنى پىدا قىلىش ۋە شېھىت بولۇش كېرەكلىكىنى ئۆگەتتى. ئۇلار باشقىلاردىن بۇ ئالاھىدىلىكلىرى بىلەن پەرقلىق بولغاچقا بۈگۈن بۇ يەردە ئۇلارنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈۋاتىمىز. بىز يەنە پۈتكۈل شەرقىي تۈركىستاندا ھازىرغىچە شېھىت بولغان پۈتكۈل شېھىتلارنى خاتىرىلەيمىز. شېھىتلار ھەممىمىزنىڭ ئىلھام مەنبەسىدۇر. بىزلەرنى جانابىي ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئىزىدىن مېڭىشقا نېسىپ قىلسۇن، ئۇلارغا رەھمەت-مەغپىرەت قىلسۇن، ياتقان يېرى جەننەتتە بولسۇن.»
كېيىن ئاق پارتىيەسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى نامزاتى ئۆمەر ئەرسوي، جۇمھۇرىيەت خەلق پارتىيەسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى نامزاتى ئادىل مەمەتجان، سائادەت پارتىيەسىنىڭ زەيتىنبۇرنۇ شەھەر باشلىقى نامزاتى مىكائىل ئەپەندى قاتارلىقلار سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان بېسىم سىياسەتلىرىنى تەنقىد قىلدى ۋە ئۇيغۇرلارنى قوللايدىغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.
مۇراسىم جەريانىدا يەنە ئۇيغۇر ئۆسمۈرلەر شېھىتلارنىڭ روھىغا بېغىشلانغان نەسىر ۋە شېئىرلارنى دېكلاماتسىيە قىلدى.
مۇراسىمدا يەنە بىر قانچە ئاممىۋى تەشكىلات رەھبەرلىرى قىسقىچە سۆز قىلغاندىن كېيىن، غۇلجا ۋەقەسى توغرىسىدا ۋەقەگە بىۋاسىتە شاھىت بولغانلار بىلەن يېقىن ئۆتكەن قاسىمجان داموللام سۆز قىلدى. قاسىم جان داموللام 1997-يىلىدىكى 5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسىنىڭ مەرھۇم ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىتنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئېلىپ بېرىلغانلىقىنى ۋە ئابدۇخېلىل ئابدۇمىجىت قاتارلىق نۇرغۇن ياشلارنىڭ شۇ ۋەقەدە شېھىت بولغانلىقىنى بىلدۈردى.
قاسىمجان داموللام سۆزىدە يەنە غۇلجا ۋەقەسىدىن كېيىن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىك ئىرادىسىنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئىپادىلىدى.
كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاندىن تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئابدۇلئەھەد ھاپىز مەرھۇم ئابلەت مەخسۇم ھاجىمنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ھەبىبۇللا كۈسەنى مەرھۇم مۇھەممەد سالىھ داموللام توغرىسىدا سۆز قىلدى. دوكتور ئالىمجان بۇغدا مەرھۇم دىنى ئالىم ئابدۇلھەكىمخان مەخسۇم توغرىسىدا سۆز قىلدى. دوكتور ئابدۇراخمان جامال قەشقەرلى ئابدۇلھەمىت داموللامنىڭ ھايات ئىش-ئىزلىرى توغرىسىدا سۆز قىلدى. ئاخىرىدا مەرھۇم كېرەم ئابدۇۋېلى توغرىسىدا ئۇنىڭ ساۋاقدىشى ۋە سەپدىشى بولغان ئابدۇلكەرىم كۇچار سۆز قىلىپ، مەرھۇمنىڭ ھاياتى ۋە ئىش-ئىزلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.
مۇراسىم ئاخىرىدا دىنى ئالىم نىياز ھاجىم داموللامنىڭ قول كۆتۈرۈشى بىلەن يىغىن ئەھلى بىردەك شېھىتلار ئۈچۈن دۇئا قىلدى.
يىغىن زالىنىڭ ئالدىدا ئۇيغۇر مەدەنىيەت كۆرگەزمىسى ئېچىلغان بولۇپ، كۆرگەزمىگە خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرى ۋە لاگېرغا قامالغان ئابدۇرېھىم ھېيت قاتارلىق ئۇيغۇر سەنئەتچىلىرى، دىنى ئالىملار ۋە دوكتور-پروفېسسۇرلارنىنگ رەسىملىرى قويۇلغان ئىدى.