23-ماي دۈشەنبە كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە تۈركىيەنىڭ ساھىبخانىلىق قىلىشى بىلەن ئىستانبۇلدا دۇنياۋى ئىنسانپەرۋەرلىك ئالىي يىغىنى باشلاندى. يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش سېكرېتارى بان كىمون بىلەن 60 دۆلەتنىڭ رەھبەرلىرى، ئاممىۋى تەشكىلات ۋەكىللىرى، ئاكادېمىك تەتقىقاتچىلار ۋە خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بولۇپ 6 مىڭدىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى. بۇ يىغىن 5-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئىككى كۈن داۋام قىلدى.
خەلقئارا ئىنسانپەرۋەرلىك ھەمكارلىشىش سىستېمىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىنغان يىغىندا تۈركىيە جۇمھۇر رەئىسى رەجەپ تاييىپ ئەردوغان ئېچىلىش نۇتقى سۆزلىدى.
يىغىندا ئاساسلىقى دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەملىشىش سىستېمىسى قۇرۇش مۇزاكىرە قىلىندى.
ئەردوغان سۆزىدە: «كۆچمەنلەر مەسىلىسى توغرىسىدا ئەمدى ھەممە بىردەك قولىنى تاشنىڭ ئاستىغا قويۇش كېرەك، ئەگەر ئورتاق نىشان ۋە پرىنسىپ بويىچە خىزمەت ئىشلىسەك مۇۋەپپەقىيەت قازىنىمىز» دېدى. ئۇ، «قوللىرى قانغا بويالغان دىكتاتورلارنى تاشلاپ قويمايمىز، جازاسىز قالماسلىقى ئۈچۈن قولىمىزدىن كەلگەننى قىلىمىز» دېدى.
ئەردوغان سۆزىدە يەنە، تۈركىيە، ئافاد، تىكا، تۈرك قىزىل ئاي ۋە باشقا ئىدارە، جەمئىيەتلەر بىلەن تەرەققىياتنى ئاساس قىلغان ھالدا ئىنسانپەرۋەرلىك ياردەم پائالىيەتلىرىنى تېخىمۇ ئاشۇرۇپ ئورۇنلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئىشىكىمىزنى ھېچقاچان ئىنسانىيەتكە تاقىمايمىز، دېدى.
ئەردوغان سۆزىدە يەنە مۇساپىر-كۆچمەنلەر ئۈچۈن تۈركىيەنىڭ 10 مىليارد دوللاردىن ئارتۇق نەق پۇل سەرپ قىلغانلىقىنى، بۇنىڭدىن خەلقئارا جامائەتنىڭ ئاران 400 مىليون دوللار ياردەم قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى بان كىمون سۆز قىلىپ، «ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىن بۇيان ھازىرغىچە ئۆيلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇرلانغانلارنىڭ سانى بارغانسېرى ئېشىۋاتىدۇ، ھەر يىلى ئېھتىياجلار ئېشىۋاتىدۇ ۋە ماددىي ياردەم پۇلى يەتمەيۋاتىدۇ» دېدى.
كۇۋەيت ئەمىرى شەيخ ساباھ ئەلئەھمەد ئەلجابىر، ئىستانبۇلدا ئېچىلغان دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك يىغىنىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا سۆز قىلىپ، پۈتۈن دۇنيانىڭ قارمۇ-قارشى ھالغا كەلگەنلىكىنى، بۇ قىيىنچىلىقلاردىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن مۇشۇنىڭغا ئوخشاش يىغىنلارنىڭ ئېچىلىشىدىن مەمنۇن بولغانلىقىنى ئىپادىلىدى.
ئەھمەت ساباھ يەنە مۇنداق دېدى: «بۇ يىغىن بىر تۈركۈم كرىزىس ۋە تەبىئىي ئاپەتلەر ئوتتۇرىغا چىققاندىن كېيىن ئېچىلدى. بۇ ھادىسىلەرنىڭ ھەممىسى كۆچمەن-مۇساپىرلارنىڭ ۋە يۇرتلىرىنى تەرك ئېتىشكە مەجبۇر بولغان ئىنسانلارنىڭ سانىنى ئاشۇردى.»
بۈگۈن دۇنيادا 60 مىليون ئىنساننىڭ ناھايىتى قىيىن ئەھۋال ئاستىدا تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىنى، 200 مىليوندىن ئارتۇق ئىنساننىڭ ئاچلىق ئىچىدە ياشاۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن ئەھمەت ساباھ،«شۇ سەۋەبتىن كرىزىسلار ۋە توقۇنۇشلارغا خاتىمە بېرىلىشى كېرەك. ياردەم خىزمەتلىرىنى تىز سۈرئەتتە ئەمەلىيلەشتۈرۈشىمىز كېرەك. بۇ شەكىلدە پالاكەتلەرنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان ئىنسانلارنىڭ ئېھتىياجلىرىنى تىز سۈرئەتتە ھەل قىلالايمىز. شۇنىڭ ئۈچۈن ئىنسانپەرۋەرلىك پائالىيەتلەرنى جانلاندۇرۇشىمىز كېرەك» دېدى.
دۇنيا ئىنسانپەرۋەرلىك ئالىي يىغىندا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پىكىر-تەكلىپ ۋە مۇزاكىرىلەر ئاساسلىقى، توقۇنۇشلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە خاتىمە بېرىش. ئۇرۇش قانۇنلىرىغا ھۆرمەت قىلىش. ئېھتىياجلار ئۈچۈن كۈرەش قىلىش. نامراتلىققا خاتىمە بېرىش ئۈچۈن ئوخشىمايدىغان بىر يول ئىزدەش. ئىنسانپەرۋەرلىك ئۈچۈن سەرمايە سېلىش دېگەن تېمىلارنى ئاساس قىلغان ھالدا ئېلىپ بېرىلدى.
يىغىندا يەنە كۆچمەن مۇساپىرلارنىڭ قىيىنچىلىق مەسىلىلىرى ۋە سۈرگۈن توغرىسىدا مۇزاكىرە قىلىندى، خۇسۇسەن كۆچمەن ئاياللار ۋە ئۆسمۈرلەرگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈش تەكىتلەندى.
2 كۈن داۋام قىلغان يىغىن ئاخىرىدا تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى رەئىسى ئەردوغان بىلەن ب د ت باش كاتىپى بان كىمون مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئۇيۇشتۇردى. بۇ يەردە ئەردوغان يىغىندا ئېلىنغان قارارلارنىڭ ئىجرا قىلىنىشىنى كۆزىتىدىغانلىقىنى، بېرىلگەن ۋەدىلەرگە ئەمەل قىلىشنىڭ ئىنسانپەرۋەرلىك ۋەزىپىلىرىنىڭ بىر پارچىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
ئۇ، ئىنسانىي كرىزىسلارنى ھەل قىلىش ئالدى بىلەن ب د ت ئەزا دۆلەتلىرىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ مۇنداق دېدى: «توغرا ۋە ھەل قىلغۇچ چارىلەرنى خەلقئارالىق تەشكىلاتلار، ئىجتىمائىي جەمئىيەتلەر ۋە كرىزىسقا دۇچ قۇربان ئىنسانلار ھەمكارلىشىش ئارقىلىق ھەل قىلالايمىز. مۇنداقچە ئېيتقاندا، دۇنيانىڭ قەيىرىدە ياشايلى، ئارتۇق ھېچ بىرىمىز ئىنسانى كرىزىسلارنىڭ تەسىرىنىڭ سىرتىدا قالالمايمىز. بۇلار قوراللىق توقۇنۇشلار، تېررورلۇق ھۇجۇملار، تەبىئىي ئاپەتلەر، ئىقلىم ئۆزگىرىشى قاتارلىق پۈتۈن ئىنسانى كرىزىسلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېگرالار، ئۇزاق مۇساپىلەر، ئېگىز قەلئەلەر، شوخىلىق توسۇقلار بىزنى بۇ مەسىلىلەردىن ئۇزاق تۇتالمايدۇ. ئىنسانلارنىڭ سۈرگۈن مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىش ئۈچۈن دۇنياۋى ۋىجداننى ھەرىكەتكە ئاتلاندۇرۇشىمىز كېرەك. بىزلەرنىڭ، ئەۋلادلىرىمىزنىڭ، نەۋرىلىرىمىزنىڭ ۋە ئىنسانلارنىڭ كەلگۈسىدىكى پۈتكۈل نەسىللەرگە مۇناسىۋەتلىك بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىش چارىلىرى توغرىسىدا ئىككى كۈنلۈك يىغىندا خىزمەت قىلدۇق.»
ئەردوغان سۆزىدە يەنە تۈركىيەنىڭ، بالقانلاردىن ئوتتۇرا ئاسىياغىچە، ئافرىقىدىن ئوتتۇرا شەرققىچە كەڭ جوغراپىيەدە ياردەم پائالىيەتلىرى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇلارنى تارىخى مۇناسىۋەتلەر سەۋەبىدىن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى، ئەمما بۇنى ئىنسانىيەت ئالدىدىكى بىر مەسئۇلىيەت تويغۇسى بىلەن ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىدى.
رەجەپ تاييىپ ئەردوغان 2013-يىلى ئۈرۈمچىنى زىيارەت قىلغان ئىدى ۋە نەچچە مىڭ ئۇيغۇرنى تۈركىيە پۇقرالىقىغا قوبۇل قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.
يىغىندا دىققەت تارتقان بىر نۇقتا بولسا، موڭغۇلىستاندا ياشايدىغان خوتون تۈركلىرى بولۇپ خوتون تۈركلىرى مۇزىكا ئۆمىكى ئۆزلىرىنىڭ مىللىي كىيىملىرى بىلەن يىغىندا سەنئەت كۆرسەتتى. خوتون تۈركلىرى ئالتاي خانگاي دەپمۇ ئاتىلىدىكەن. ئۆمەك باشلىقى گانبۇن مۇخائى مۇخبىرلارغا مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەردە مۇسۇلمان خوتون تۈركلىرىگە ئائىت مورىن خور دەپ ئاتىلىدىغان مىللىي مۇزىكا بىلەن خوتونلارنىڭ خەلق ناخشىلىرىنى تەقدىم قىلدۇق. خوتونلار دېھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خەلق بولغاچقا ناخشا-ئۇسۇللىرىمىز ئاساسلىقى دېھقانچىلىقنى تەسۋىرلەيدۇ. خوتون خەلقى موڭغۇلىستاننىڭ UVS ۋىلايىتىنىڭ تارىئالان ناھىيىسىدە ياشايدۇ.»
خەۋەرلەردە بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە تەرەققىيات ۋە ھەمكارلىق ئىدارىسى تىكا تەرىپىدىن خوتۇن خەلقىگە ئىجتىمائىي ياردەم قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
0:00 / 0:00