ئىزمىردىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيىتىدە تۈركلەرنىڭ قەسەمياد ئەنئەنىسى قوللىنىلدى

0:00 / 0:00

تۈركىيەدىكى رامزان ئېيى مەزگىلىدىكى ئۇيغۇرلارنى قوللاش پائالىيەتلىرىگە ھەر خىل پارتىيە-گۇرۇھلار، ئاممىۋى تەشكىلاتلار ئىچىدە مىللەتچى گۇرۇھلارمۇ قاتناشقان بولۇپ، كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ پارتىيە-گۇرۇھلار ۋە ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنىڭ بەزىلىرىدە دىنىي پىكىرلەر مۇھىم سالماقنى ئىگىلىسە، بەزىلىرىدە كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئېتىقاد ھوقۇقى پىكىرلىرى، يەنە بەزىلىرىدە بولسا مىللەتپەرۋەرلىك ھەم ۋەتەنپەرۋەرلىك ئىدىيىلىرى ئاساسىي ئېقىم ئىدى.

تۈركىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان پائالىيەتلەر ئۈستىدە تەھلىل يۈرگۈزگۈچى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمى تۈركىي خەلق ۋە ئۇلارنىڭ تۈركلەر ۋە باشقا ھەر قايسى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر بىلەن بولغان ئېتنىك، تارىخ، مەدەنىيەت ۋە دىن ئورتاقلىقلىرىنى ئاساس قىلىپ، تۈركىي مىللىي قېرىنداشلىق نۇقتىسىدىن ئۇيغۇرلارنى قوللاش ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان ۋەزىيىتىگە ھېسداشلىق كۆزى بىلەن قاراش تۈركلەرنىڭ قوللاش پائالىيەتلىرىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمىدۇر. ھەتتا تۈركىيە رەھبەرلىرىدىن سۇلايمان دەمىرەل، رەجەپ تايىپ ئەردوغان ۋە باشقىلارمۇ كۆپ قېتىم ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەر ئارىسىدىكى ئېتنىك قېرىنداشلىقىنى تەكىتلىگەن ئىدى.

ئۇيغۇر داۋاسى يېقىنقى يىللاردىن بېرى تۈركىيەدە ھەر خىل سىياسىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار قوللاپ قۇۋەتلەيدىغان بىر داۋا ھالىغا كەلمەكتە. بولۇپمۇ، بۇ يىلنىڭ بېشىدىن بېرى ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيىتى ناھايىتى جانلىنىپ كەتتى. تايلانددىن تۈركىيەگە كەلگەن مۇساپىلارنى قوللاش، ئۇلارغا ياردەم بېرىش، ئۇلار ئۈچۈن ئىئانە توپلاش جەھەتتە نۇرغۇن پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلدى. مۇشۇنداق سەزگۈر ۋەزىيەتتە، رامزان ئېيىدا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنىڭ دىنىي ئىبادەت ئەركىنلىكىنى چەكلىگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەر تۈرك جامائەتچىلىكىدە ناھايىتى چوڭ غۇلغۇلا قوزغىدى ۋە ھەر خىل سىياسىي ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار نامايىش ئۇيۇشتۇرۇپ خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان سىياسىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى. بۇ نامايىشلارنىڭ بىرى، 7-ئاينىڭ 5-كۈنى ئىزمىرنىڭ قىبرىس شېھىتلىرى كوچىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى. «‏5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەس»نى خاتىرىلەش ھەم خىتاينىڭ رامزان ئېيىدا ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قاراتقان دىنىي بېسىمىغا نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ نامايىشنى ئىزمىردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان «ئۈلكۈ ئوجاقلىرى»، «ئالپەرەن ئوكاقلىرى» ۋە «تۇرانجى ھەرىكەت مۇنبىرى »ئۇيۇشتۇرغان ئىدى.

نامايىشنىڭ ئاخىرىدا گۈندوغدۇ مەيدانىدا قەسەم بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۇزۈلدى. تەخمىنەن 5 يۈز كىشى قېتىلغان بۇ قەسەم مۇراسىمىدا ھەممە بىردەك «ئۇلۇغ تۈركنىڭ تەڭرىسىگە، ئال بايراقنىڭ لەپىلدىشىگە، كۆك بايراقنىڭ سايىسىگە قەسەم قىلىمەن؛ قۇتلۇق تۇران غايىسىگە، تۈركنىڭ شانلىق قائىدىسىگە قەسەم قىلىمەنكى...» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن قەسەمياد قىلىشتى.

ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، بۇ قەسەملەر ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ تۈرك مىللەتچى ھەرىكىتىنىڭ مۇھىم بىر پارچىسى بولۇپ قالغانلىقىنى كۆرسىتىدىكەن. چۈنكى قەسەم تېكىستىدىكى «كۆك بايراقنىڭ سايىسىگە قەسەم قىلىمەنكى» دېگەندەك مەزمۇنلار ئۇيغۇر داۋاسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قەسەم تەڭرى ياكى مۇقەددەس دەپ قوبۇل قىلىنغان بىر كىشىنى، بىر نەرسىنى گۇۋاھ كۆرسىتىپ بىر نەرسىنى قىلىش ياكى قىلماسلىق ھەققىدە بېرىلىدىغان سۆزدۇر. قەسەم پۈتۈن مەدەنىيەتلەردە قەدىمدىن بېرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن ئىجتىمائىي ھادىسە. شەخسلەر، ئىجتىمائىي تەشكىلاتلار، بولۇپمۇ سىياسىي پارتىيىلەر، گۇرۇھلار ئارىسىدا ھازىرمۇ مۇھىم پونكىتسىيىگە ئىگە. پارتىيە، تەشكىلات ۋە گۇرۇپپا ئەزالىرىنىڭ مەلۇم بىر نىشانغا، يېتەكچى ئىدىيىگە ۋە بىر-بىرىگە بولغان ساداقىتىنى كۈچلەندۈرىدىغان، ئۆتەشكە تېگىشلىك بۇرچىنى خاتىرلىتىدىغان، كۈرەش ئىرادىسىنى كۈچلەندۈرىدىغان رولغا ئىگە. قەسەمنىڭ خىلمۇ خىل شەكىل، تۈر ۋە مەزمۇنلىرى بولىدۇ. قەدىمكى تۈرك ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىدە قىلىچ قاتارلىق نەرسىلەرنى گۇۋاھ كۆرسىتىش ئارقىلىق قەسەم بېرىلەتتى. چۈنكى بۇ نەرسىلەر مۇقەددەس دەپ قارىلاتتى. بۇ نەرسىلەرنىڭ مۇقەددەس بولۇشى تۆمۈر بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىدى. تۆمۈر رەڭگىنىڭ كۆك بولۇشى مۇناسىۋىتى بىلەن، قەدىمكى كۆك تەڭرى ئېتىقادى بويىچە، مۇقەددەس دەپ قارالغان. مەخمۇت قەشقىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» دا «بۇ كۆك كىرسۇن، قىزىل چىقسۇن» شەكلىدىكى قەسەمنى «سۆزۈمدە تۇرمىسام (يەنى يالغان سۆزلىسەم (تۆمۈر مەندىن ئۆچىنى ئالسۇن دېمەكتۇر. چۈنكى ئۇلار تۆمۈرگە تەزىم قىلىدۇ.» دېگەندەك سۆزلەر بىلەن ئىزاھلىغان.

قەدىمكى تۈركلەر تۆمۈردىن باشقا يەنە دەرەخ ۋە يىغاچنى گۇۋاھ كۆرسىتىش ئارقىلىقمۇ قەسەم قىلغان. مەسىلەن تاياق ئۈستىدىن ئاتلاش ئارقىلىق قىلىنغان قەسەمدە بۇ ئېتىقاد بار. چۈنكى قەدىمكى تۈرك ئېتىقادى بويىچە، دەرەخمۇ مۇقەددەس ھېسابلىناتتى. قەسەمدە پەقەت مۇقەددەس نەرسىلەرنىڭ بولۇشىلا كۇپايە ئەمەس، سۆزنىڭ بولۇشى شەرت قىلىنغان. زىيارەتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئېگە ئۇنىۋېرسىتېتى تۈرك دۇنياسى تەتقىقات نستىتۇتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى، دوتسېنت دوكتور مۇۋاففاق دۇرانلى ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى:
«قەدىمكى تۈركلەردە قەسەم خېلى مۇھىم بىر ئۇقۇم. بىر كىمنىڭ سەۋەبسىز قەسەم قىلىشى ياخشى ئەمەستى. چۈنكى سۆز ئاغزاكى مەدەنىيەت ئۈستۈن بولغان دەۋرلەردە ناھايىتى مۇھىمدى. تۈرك مەدەنىيىتىدە سۆزنىڭمۇ روھى بار دەپ ئېتىقاد قىلىناتتى. نۇرغۇن تۈرك گرۇپپىلىردا مۇقەددەس نەرسىلەر ئۈستىگە قەسەم قىلىش ئومۇمىي بىر ئەھۋالدى. قىلىچ ئۈستىگە، تۇپراق ئۈستىگە، بەزى قوۋملەردە ئاتەشكە قەسەم قىلىش ئادىتى بولغان.»
ھۆرمەتلىك ئاڭلىغۇچىلار، قەسەمدىكى «تۈركنىڭ تەڭرىسى»، «ئال بايراقنىڭ لەپىلدىشى»، «كۆك بايراقنىڭ سايىسى»، «كۆك كىرىپ قىزىل چىقسۇن» دېگەندەك مەزمۇنلار قەدىمكى تۈركلەرنىڭ كۆك تەڭرى ئېتىقادى ۋە شامانىزم ئېتىقادى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، تۈركلەرنىڭ، جۈملىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ چوڭقۇر تارىخىي ۋە مەدەنىي يىلتىزىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.