9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى جەنۋەدە باشلاندى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014.11.24
uyghur-rehberlirini-terbiyelesh-1.jpg

9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 24-نويابىر، جەنۋە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-rehberlirini-terbiyelesh-2.jpg

9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 24-نويابىر، جەنۋە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-rehberlirini-terbiyelesh-3.jpg

9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 24-نويابىر، جەنۋە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-rehberlirini-terbiyelesh-4.jpg

9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 24-نويابىر، جەنۋە. RFA/Erkin Tarim

uyghur-rehberlirini-terbiyelesh-5.jpg

9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىدىن كۆرۈنۈش. 2014-يىلى 24-نويابىر، جەنۋە. RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئۇيۇشتۇرۇشى ۋە مەركىزى جەنۋەدىكى «كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن جەنۋە» ناملىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ ھەمكارلىقىدا چاقىرىلغان 9-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى 11-ئاينىڭ 24-كۈنى ئەتىگەن شىۋېتسارىيىنىڭ جەنۋە شەھىرىدە رەسمىي باشلاندى.

«بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى (ب د ت) ئىنسان ھەقلىرى مېخانىزمى : ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تەجرىبىلەر، رىقابەتلەر ۋە پۇرسەتلەر» تېمىسىنى چۆرىدىگەن ئاساستا ئېلىپ بېرىلىدىغان بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا، د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتىنىڭ رەئىسى، د ئۇ ق دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى رىياسەتچىلىك قىلدى.

شۋېتسارىيە ۋاقتى 8:30 دا باشلانغان يىغىندا ئالدى بىلەن شەرقىي تۈركىستاننىڭ مىللىي مارشى ئورۇندالدى، مارش ئورۇندالغاندا، دۇنيادىكى 10 دىن ئارتۇق دۆلەتتىن كەلگەن ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ئورۇنلىرىدىن تۇرۇپ مارشقا جور بولۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

يىغىندا ئالدى بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ئېچىلىش نۇتقى سۆزلەپ، بۇ كۇرسنىڭ يەنە بىر قېتىم مۇۋەپپەقىيەتلىك ئېچىلغانلىقىنى تەبرىكلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا، بۇ قېتىمقى ياش ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە ۋە خەلقئارا قانۇن بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىنى تەشكىللەشكە ياردەم قىلغان ھەر قايسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئورگانلىرى،مۇناسىۋەتلىك مۇتەخەسسىس ۋە شەخسلەرگە ھەمدە بۇ كۇرسقا قاتنىشىش ئۈچۈن يىراق ئەللەردىن كەلگەن كۇرس قاتناشقۇچىلىرىغا شۇنىڭدەك ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان ھەر قايسى ئورۇنلارغا رەھمەت ئېيتىپ، كۇرسىنىڭ غەلىبىلىك بولۇشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈردى.

رابىيە قادىر خانىم سۆزىدە يەنە، ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسى ئىستىقبالى، شۇنداقلا مىللىي ھەرىكەتنىڭ كەلگۈسى ۋارىسلىرى ئىكەنلىكىنى، ۋەتەن ئىچىدىكى خەلق دۇچ كېلىۋاتقان قىرغىنچىلىق، زۇلۇم ۋە بېسىملار كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقان، دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن بۈگۈنكى ھالقىلىق پەيتتە، ۋەتەن سىرتىدىكى ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ھەر زامان خەلقنىڭ دەردىگە دەرمان، قايغۇسىغا ئورتاق بولۇپ، ئۆزىنى تۈرلۈك بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. ئۇ يەنە ياشلارنىڭ ئۆزلىرىنى يېتىلدۈرۈشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ، ۋەتەن سىرتىدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى ئۈچۈن بىر كىشىلىك ھەسسە قوشۇشى كېرەكلىكىنى، تەكىتلەپ ئۆتتى.

كۇرس رەسمىي باشلانغاندىن كېيىن، مەركىزى ئورگىنى جەنۋەدىكى «كىشىلىك ھوقۇق ئۈچۈن جەنۋە» ناملىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى، خەلقئارا قانۇن مۇتەخەسسىسى ئادرىيان كلاۋۇد زوللەر ئەپەندىم، خەلقئارا سىستېما ۋە ب د ت نىڭ قۇرۇلمىسى ھەققىدە تەپسىلىي ۋە ئەتراپلىق مەلۇمات بېرىپ ئۆتتى.

ئادرىيان ئەپەندىم دوكلاتىنىڭ بېشىدا قىلغان سۆزىدە، خىتاينىڭ مۇستەملىكىسى ئاستىدىكى ئۇيغۇر، تىبەت قاتارلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ ب د ت تەركىبىدىكى ھەرقايسى ئورگانلار بىلەن قويۇق ئالاقە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ تەقدىر مەسىلىسىنى ھەل قىلىشتا خەلقئارالىق ئورگانلارنىڭ رولىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇھىم رول ئوينايدىغانلىقىنى، شۇڭا ئۇيغۇر سىياسىي پائالىيەتچىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ ب د ت نىڭ ئورگانلىرى ۋە رولى، شۇنداقلا خەلقئارالىق قانۇن-پرىنسىپلار ھەققىدە ئەتراپلىق مەلۇماتقا ئىگە بولۇشى لازىملىقىنى تەكىتلەپ ئۆتتى.

بۈگۈنكى كۇرسىنىڭ ئىككىنچى باسقۇچى بولسا، ب د ت ئىنسان ھەقلىرى كېڭىشى ئۇنىڭ مېخانىزمى، ب د ت نىڭ ئالاھىدە خادىملىرى بىلەن مۇناسىۋەت قۇرۇش ئۇسۇللىرى؛ ب د ت ئەھدىنامە ئورگانلىرى قاتارلىق مەزمۇنلاردا دەرس ئۆتۈلدى.

يۇقىرىقى مەزمۇنلاردا دوكلات بېرىلگەندە، شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىگە بىرلەشتۈرۈلگەن ھالدا ناھايىتى كەڭ تۈردە مۇھاكىمە ۋە سۆھبەت ئېلىپ بېرىلدى، ئۇيغۇر ۋەكىللىرى بۇنىڭدىن ئىنتايىن مەمنۇن بولۇشتى ۋە بۈگۈنكى كۇرس ئارقىلىق، ئۇيغۇر داۋاسىغا مۇناسىۋەتلىك كۆپلىگەن بىلىم ۋە مەلۇماتلارغا ئىگە بولغانلىقىنى ئىپادىلەشتى.

بۇ قېتىمقى كۇرس 11-ئاينىڭ 26-كۈنى كەچكىچە داۋام قىلىدۇ. ئۇيغۇر ياش ۋەكىللەر 11-ئاينىڭ 25-26-كۈنلىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرى بىلەن بىرلىكتە ب د ت نىڭ جەنۋەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانلىرىدا مۇھىم ئۇچرىشىش ۋە پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بارىدۇ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.