جەنۋەدە شى جىنپىڭغا قارشى نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە جايلاشقان ب د ت بىناسى ئالدىدا ئۇيغۇرلار، تىبەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى شى جىنپىڭغا قارشى بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى.

د ئۇ ق نىڭ تەشەببۇسى ۋە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن 16-يانۋار كەچ سائەت 12 دە ئىككى ئاپتوموبىلدا ميۇنخېن شەھىرىدىن يولغا چىققان بىر قىسىم ئۇيغۇرلار 17-چېسلا جەنۋە شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ، بۇ يەردىكى ئۇيغۇرلارغا قوشۇلۇپ تىبەتلىكلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بىلەن بىرگە، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا قارشى ب د ت ئالدىدا بىرلەشمە نامايىش ئېلىپ باردى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭنىڭ بۇ قېتىمقى شىۋېتسارىيە زىيارىتى خىتاينىڭ 8 يىلدىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق زىيارىتى ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ئۈچ كۈندىن بۇيان شىۋېتسارىيەنىڭ بېرىن، زۇرۈك شەھەرلىرىدە تىبەتلىكلەر ئۇنىڭغا قارشى نامايىشلار ئۆتكۈزۈپ كەلگەن ئىدى. بۇ نامايىشلار جەريانىدا 30 دىن ئارتۇق تىبەتلىك شىۋېتسارىيە ساقچى دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان بولسىمۇ، بىر كۈن تۇتۇپ تۇرۇلۇپ قويۇپ بېرىلگەن. شىۋېتسارىيە ھۆكۈمىتى قارشى كۈچلەرگە قاتتىق پوزىتسىيە تۇتقان ئىدى.

شى جىنپىڭ بۇ قېتىمقى شىۋېتسارىيە زىيارىتىدە، 17-يانۋار ب د ت دا خەلقئارا ئىقتىسادىي فورۇم يىغىنىدا سۆز قىلىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇر، تىبەت نامايىشچىلىرى بۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:30 ئۆتكەندىلا ب د ت ئالدىغا يىغىلىپ نامايىشلىرىنى باشلىۋەتتى. ب د ت بىناسىغا ئالدىدىكى مەيدانغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان مۇنبەردە سۆزگە چىققان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەر شى جىنپىڭنىڭ باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئۈستىدىن شىكايەتلەر قىلدى. ھاۋا ئادەتتىن تاشقىرى ناچار ھەم قاتتىق شامال چىقىپ سوغۇق جاندىن ئۆتۈۋاتقان بولسىمۇ، نامايىش تاكى 15:30 ئۆتكىچە تۆت سائەت داۋاملاشتى. بىز بۇ قېتىمقى نامايىش مەيدانىدا تۇرۇپ، بەزى ئۇيغۇر ۋە تىبەتلىكلەرنى زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ كۆڭۈل سۆزلىرىنى ئاڭلاش پۇرسىتىگە ئېرىشتۇق.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ قېتىمقى نامايىشنىڭ ئەھمىيىتىگە يۇقىرى باھا بەردى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىمۇ نامايىشنىڭ مەقسىتى ھەققىدىكى پىكىرلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ ئۆتتى. ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرغۇنجان ئالاۋۇدۇن ھاجىم بۇ نامايىش ئارقىلىق ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ ئىرادىسىنى ب د ت ئالدىدا بىلدۈرۈپ ئۆتۈشكە مۇۋەپپەق بولغانلىقىنى تىلغا ئالدى. گېرمانىيەدىن بۇ نامايىشقا كەلگەن ئابدۇۋاھاپ ئەپەندىمۇ يۈرەك سۆزلىرىنى بايان قىلدى. گېرمانىيەدىن كەلگەن ئابلىكىممۇ كۆڭۈل سۆزلىرىنى بىلدۈردى. شىۋېتسارىيەدە ياشاۋاتقان تۇرسۇنجان ئەپەندىمۇ ئىككى كەلىمە سۆز قىلدى.

نامايىش مەيدانىنىڭ يەنە بىر تەرىپىدە فا لۈنگوڭچىلارمۇ لوزۇنكىلىرىنى تىكلەپ ئايرىم نامايىش قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ سېپىگە قوشۇلغان بىر گېرمان ئايالمۇ نەق مەيداندا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ سىياسىتىگە قارشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. سېلۋىيا ئىسىملىك بۇ خانىم مۇنداق دېدى: «مەن شى جىنپىڭنىڭ فالۈنگوڭچىلارغا سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى ئىرادەمنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن بۇ مەيدانغا كەلدىم. كۆردۈمكى، بۇ يەردە شى جىنپىڭنىڭ زۇلۇمىغا ئۇچرىغان تېخىمۇ كۆپ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرمۇ ئۆز ئىرادىلىرىنى نامايان قىلىش ئۈچۈن يىغىلىپتۇ. بىز ھەممىمىز زورلۇق ۋە زوراۋانلىققا قارشى ئىنكاس قايتۇرۇۋېتىپتىمىز. مەن شى جىنپىڭنىڭ بۇ خەلقئارا ئىقتىسادىي مۇنبىرىدە سۆز قىلىش سالاھىيىتى يوق دەپ قارايمەن. ھۆكۈمىتىمىزنىڭمۇ شى جىنپىڭغا بۇنچىۋالا ئېتىبار بىلەن قارىشىنى قوبۇل كۆرمەيمەن.»

نامايىش جەريانىدا مۇنبەرگە تەكلىپ قىلىنغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە سېلىۋاتقان زۇلۇمىغا قارشى جاراڭلىق نۇتۇق سۆزلەپ، نامايىش ئەھلىنىڭ كۈچلۈك ئالقىشلىرىغا ئېرىشتى. نامايىشتىن كېيىن شىۋېتسارىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئاندېلى ئەپەندى باشچىلىقىدىكى شىۋېتسارىيەدىكى ئۇيغۇرلار گېرمانىيەدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار شەرىپىگە داستىخان سالدى.