بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 26-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق ئومۇمىي يىغىنى جەنۋەدە ئېچىلماقتا. يىغىن كۈن تەرتىپى بويىچە، 6-ئاينىڭ 19-كۈنى پەيشەنبە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ۋەكىللەرمۇ مەزكۇر يىغىننىڭ ئوخشاش بولمىغان ئىككى قېتىملىق يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم جىددىي مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويغان. بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى قېتىملىق ئوخشاش مەزمۇندىكى يىغىنلىرىدا، خىتاي ۋەكىللىرى داۋاملىق ئۇيغۇر ۋەكىللەرنىڭ سۆزلەش ھوقۇقىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ھەققىدە نۇرغۇن مۇراجىئەتلەردە بولۇپ، توسقۇنلۇق قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، مەقسىتىگە يېتەلمەي كەلگەن ئىدى.
دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىدىن ئىجرائىيە كومىتېت رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ بۈگۈنكى ئومۇمىي يىغىنىدا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئەڭ زور ئۇتۇقىنىڭ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش داۋامىدا خىتاي دىپلوماتلىرىنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماي تۇرۇپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى ئاڭلىتىپ ئۆزىنىڭ مەيدانىنى دەخلى-تەرۇزسىز ئىپادىلەش پۇرسىتى بولغانلىقى ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى.
تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.