ئۆتكەن ھەپتە پاتىگۇل غۇلام قاتارلىق 5 - ئىيۇل غايىپلىرى ئانىلىرىغا ئاتاپ ناخشا ئىجاد قىلغان جوئې خامىلتون ئەپەندى، 22 - ئاپرىل كۈنى يەنە نۆۋەتتە خىتاي تۈرمىسىدە يېتىۋاتقان ئىلھام توختى ئەپەندىگە ئاتاپ يېزىلغان ناخشىسىنى ئېلان قىلدى.
جوئې خامىلتون ئەپەندى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ قىسقىغىنا بىرنەچچە كۈن ئىچىدىكى پارتلاش خاراكتېرلىك ناخشا ئىجادىيىتىگە، ئۇيغۇرلارنىڭ ھەققانىيەت ۋە ئادالەت ئۈچۈن كۈرەش قىلىش روھى ئىلھام بولغانلىقىنى تەكىتلەپ، بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيىتىدە ئۇيغۇرلارغا بېغىشلاپ تېخىمۇ كۆپ ناخشىلارنى ئىجاد قىلىش نىيىتىدە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
خەلقئارادا تونۇلغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى، شوتلاندىيىلىك مۇزىكانت، جوئې خامىلتون ئەپەندى،17 - ئاپرىلدىن 22 - ئاپرىلغىچە بولغان بەش كۈن ئىچىدە «ئانىنىڭ يىغىسى»، «ئادالەت ئۈچۈن» ۋە ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختى ئەپەندىگە بېغىشلىغان«سەن ئۆيگە قايتقۇچە» ناملىق ناخشىلىرىنى ئېلان قىلدى.
تىبەتلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى قوللاپ ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ۋە دۇنيادىكى كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىلارغا مەدەت بېرىپ ئىجاد قىلغان ناخشىلىرى بىلەن ئاۋسترالىيە ۋە غەربىي ياۋروپا دۆلەتلىرىدە تونۇلغان مۇزىكانت جوئې خامىلتون ئەپەندىنىڭ قىسقىغىنە بىر ھەپتە ئىچىدە، پەقەت ئۇيغۇرلارغىلا ئاتاپ ئۈچ پارچە ناخشىنى ئېلان قىلىشى، ئۇنى بىلىدىغان، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنى سۆيۈپ ئاڭلايدىغان چوقۇنغۇچىلارنى ھەيران قالدۇرغان بولسا، بۇ ئۈچ ناخشىسىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنى ھاياجانغا سالدى.
«سەن ئۆيگە قايتقۇچە» ناملىق بۇ ناخشا يۇتۇپ تورىغا قويۇلۇش بىلەنلا، بۇ ناخشىنى ئاڭلىغۇچىلار ۋە ناخشىنى باشقا ئاممىۋى تور بېكەتلىرىگە كۆچۈرۈپ تارقاتقۇچىلارنىڭ سانى تېزلىكتە ئاشتى.
جوئې خامىلتون ئەپەندىنىڭ ناخشىلىرىنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلار ئاممىۋى تور بېكىتى فېيسبوئوك، تۋىتېر قاتارلىقلاردا مۇزىكانت جوئې خامىلتوننىڭ ناخشىلىرىنى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە كۆچۈرۈپ تارقىتىش بىلەن بىللە، جوئې ئەپەندىگە ئۇچۇر يېزىپ ئۇنىڭغا بولغان چەكسىز ھۆرمىتى ۋە تەشەككۈرىنى ئىپادىلىدى. يەنە بەزىلەر جوئې ئەپەندىنىڭ بۇندىن كېيىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ناخشىلارنى ئىجاد قىلىشىنى ئارزۇ قىلىدىغانلىقىنى ۋە ئۇنىڭ ناخشا پىلاستىنكىلىرىنى سېتىۋېلىپ ساقلايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ناخشا ھەققىدە ئىنكاس يازغۇچىلار، جوئې ئەپەندىنىڭ ناخشىسغا يۇقىرى باھا بېرىپ، ئۇنىڭ ناخشىلىرىنىڭ مەزمۇن جەھەتتىنلا ئەمەس، بەلكى بەدئىلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى بىلەنمۇ ئۆزلىرىنى مەپتۇن قىلغانلىقىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ناخشىسىنى ئىشتىياق بىلەن، ھاياجان بىلەن ھەتتا كۆز - يېشىنى توختىتىۋالالمىغان ھالەتتە ئاڭلىغانلىقىنى بايان قىلغان.
رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان جوئې ئەپەندى، ئۆزىنىڭ بىر ھەپتە ئىچىدە ئېلان قىلغان ناخشىلىرىدىن ئاخىرىقى ناخشىسى يەنى ئىلھام توختىغا بېغىشلانغان «سەن ئۆيگە قايتقۇچە» ناملىق ناخشىسى يۇتۇپ تورىغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئىجاد قىلغان ناخشىلىرىنىڭ ئاڭلاش قېتىم سانىنىڭ بۇ قەدەر تېزلىكتە ئېشىشى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇرلارغا ئاتاپ يەنىمۇ كۆپ ناخشا ئىجاد قىلىش ئىستىكىنى قوزغىغانلىقىنى بىلدۈردى.
جوئې ئەپەندى ئىلھام ئەپەندىگە بېغىشلاپ يېزىلغان «سەن ئۆيگە قايتقۇچە» ناملىق ناخشىسى ھەققىدە توختىلىپ،«ئىلھام ئەپەندىنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ھەق - ئادالەت تەلەپ قىلىشتەك روھى مېنى قايىل قىلدى، ئۇنىڭغا بولغان ھۆرمىتىمنى ئاشۇردى. شۇڭا بۇ ناخشامدا ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن ئادالەت، باراۋەرلىك تەلەپ قىلىش روھىنى، بېسىم - قورقۇتۇشلارغا،ئىنسان ئىشەنگۈسىز ھالدىكى قىيىن - قىستاقلارغا قارىتا تىز پۈكمەس قەيسەرلىكىگە مەدھىيە ئوقۇدۇم. چۈنكى ئىلھام ئەپەندىنى دۇنيا جامائىتىنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشتۈرگەن نەرسە دەل ئۇنىڭ ئۆز خەلقى ئۈچۈن قۇربان بېرىشكە تەييار پىداكارلىقى ۋە ئەشۇ خىل ئالىجاناپ پەزىلىتى. مەن ئىلھام ئەپەندىنى مېنىڭ قەلبىمدىكى ھەقىقى قەھرىمان دەپ بىلىمەن. مەن يەنە ئۇنى ھەقىقەت ئۈچۈن، باراۋەرلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىۋاتقان، ئىزدىنىۋاتقان ۋە بۇ يولدا تۈرمىلەردە ئازاپ تارتىۋاتقان سانسىزلىغان ئۇيغۇر پىداكارلىرىنىڭ سىمۋولى دەپ قارايمەن. شۇڭا ناخشام ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇيغۇرلارنىڭ مېنىڭ ناخشىلىرىم ھەققىدە يازغان ئىنكاسلىرى مېنى ھاياجانلاندۇردى، ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىمۇ كۆپ ناخشا ئىجاد قىلىشقا ئىلھاملاندۇردى» دېدى.
خامىلتون يازغان «سەن ئۆيگە قايتقۇچە» ناملىق بۇ ناخشا تېكىستىنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى تۆۋەندىكىچە:
سەن ئۆيگە قايتقۇچە
ئىزدىدىڭ بىز ئۈچۈن يېڭى بىر ھايات.
ئىگىلمەس روھىڭ ھەم غەيرىتىڭ بىلەن،
ئېرىشتىڭ ئەلئارا چەكسىز ھۆرمەتكە ،
ئادالەت،مۇھەببەت ھەم سەۋرىڭ بىلەن.
مۇپتىلا بولدۇڭسەن قىيىن - قىستاققا،
ئىنسان ئىشەنگۈسىز ئازاپ قىسمەتكە،
سېنىڭ پاك ۋىجدانىڭ، سەمىمى روھىڭ،
بەزى نامەرتلەرنى سالدى ھەسەتكە.
ئىشىكنى كەڭ ئېچىپ كىرىپ كېلىسەن،
شۇنداق بىر كۈنلەر كېلىدۇ ھامان،
ئۈمىدتە، ئىشەنچتە كۈتىمىز سېنى،
روھىمىز، ئويىمىز سەندە ھەر زامان.
قايتۇرما:
نۇر چاچتى ئەتراپقا پاك مۇھەببىتىڭ،
چىراق، شام ياقىمىز كۈندۈز ۋە كىچە.
نامىڭنى ياد ئېتىپ يازىمىز كۆككە،
تاكى سەن ھۆر بولۇپ ئۆيگە كەلگىچە...
0:00 / 0:00