كەرىيدىن خىتاي زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇش تەلەپ قىلىندى

0:00 / 0:00

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، جون كەرىينى خىتاي زىيارىتىدە خىتاي يېڭى رەھبەرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش توغرىلىق كۈچلۈك سىنگال بېرىشكە چاقىردى.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جون كەرىي 13-14-ئاپرېل كۈنلىرى خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. ئۇنىڭ زىيارىتى شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو تەھدىتى كورىيە يېرىم ئارىلىنىڭ ۋەزىيىتىنى جىددىيلەشتۈرۈپ، ئۇرۇش پارتلاش خەۋپى پەيدا قىلغان ۋەزىيەتكە توغرا كەلگەن.

شۇڭا شىمالىي كورىيە جون كەرىينىڭ زىيارەت كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم مەسىلە ئىكەنلىكى شۈبھىسىز. بىراق كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ھەرگىز كەرىينىڭ كۈنتەرتىپىدىكى مۇھىم بولمىغان تېما بولۇپ قالماسلىقى كېرەك. كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جون كەرىينى مەزكۇر مەسىلە ھەققىدە ئاشكارا ئىپادە بىلدۈرۈشكە چاقىردى.

جون كەرىينىڭ شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرىگە توغرا كېلىدىغان ئىككى كۈنلۈك سەپىرى، ئۇنىڭ 1‏-فېۋرال ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىق ھوقۇقىنى ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان خىتايغا قىلىدىغان تۇنجى زىيارىتىدۇر.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل دىرېكتورى، دوكتور سوفىيە رىچاردسون خانىم ئەسكەرتىپ: ئۇ خىتاي پائالىيەتچىلىرىنىڭ تەقدىرى ۋە خىتايدىكى خەلقنىڭ ئۆز ھوقۇقىغا كاپالەتلىك قىلىش يولىدىكى ھەرىكىتى ئامېرىكا كۆڭۈل بۆلىدىغان ئاچقۇچلۇق مەسىلە ئىكەنلىكىنى ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇققا يۇقىرى ئۆلچەم بېكىتىشى كېرەك، دېگەن. رىچاردسون خانىمنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا بۇرۇن بۇ خىل زىيارەتلەردە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقى توغرىلىق ئارىلاشما سىگنال بېرىپ كەلگەن بولۇپ، كەرىينىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتىدە قەتئىي ۋە ئېنىق بايانات ئېلان قىلىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ باياناتتا كۆرسىتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى پۇقرالارنىڭ ئىپادىلەش، يىغىلىش، دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇشىنى رەت قىلىپ، ئۆكتىچىلەرنى ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنى سىستېمىلىق باستۇرۇپ كەلگەن. نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونى «دۆلەتنى ئاغدۇرۇشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىش» بىلەن ئەيىبلەپ، 11 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلغان. دائىرىلەر پائالىيەتچىلەرنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا پاراكەندىچىلىك سالغان. مەركىزى ۋە يەرلىك ھۆكۈمەت تىبەت ۋە ئۇيغۇر ئېلىدە داۋاملىق پەۋقۇلئاددە قوپال ۋە چەكلەش خاراكتېرلىك سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ، بۇ رايوندىكى خەلقنىڭ ئومۇمى تەلەپ ۋە تىنچ ئوتتۇرىغا قويغان دەرد -ئەلەملىرىنى ھەل قىلمىغان.

جون كەرىينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى جىددىي ۋە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان ئورگان ۋە شەخسلەر يالغۇز كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەمەس. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ت. كۇمار، جۇڭگو ياردەم جەمئىيىتىنىڭ مەسئۇلى فۇ شىچيۇ قاتارلىق شەخسلەر كەرىينىڭ زىيارىتى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، خىتاي رەھبەرلىرىگە كۈچلۈك سىگنال بېرىشنىڭ ياخشى پۇرسىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ت. كۇمارنىڭ قارىشىچە، ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە كەسكىن بولمىسا، خىتايغا خاتا سىگنال بېرىدۇ.

ئۇ ئەسكەرتىپ: ئالدىمىزدىكى مۇشۇ ھەپتىدە ئوباما ھۆكۈمىتىگە تېپىلغۇسىز بىر پۇرسەت كېلىدۇ. دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى كەرىي مۇشۇ ھەپتە خىتاينى زىيارەت قىلىدۇ. بۇ ئۇنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن بۇيان خىتايغا قىلغان تۇنجى زىيارىتى. ئۇ زىيارىتىدە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى ئۆز لايىقىدا ئېيتىشى لازىم. ئۇ، خىتاي رەھبەرلىرىگە خەلقئارا ئۆلچەمگە رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى خۇپىيانە ۋە ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك. ئامېرىكا قوغدايدىغان بۇ ئۆلچەم ئامېرىكىنىڭ ئۆلچىمى ئەمەس، خەلقئارا ئۆلچەم. كىشىلىك ھوقۇقنى ئوتتۇرىغا قويماسلىق خىتاي رەھبەرلىرىگە ۋە خەلقئارا جەمئىيەتكە ئامېرىكا خىتاينىڭ ئۆز پۇقرالىرىغا تۇتقان مۇئامىلىسىگە كۆڭۈل بۆلمىدى، دېگەن خاتا سىگنالنى بېرىدۇ. ئامېرىكا بىلەن خىتاي ب د ت خەۋپسىزلىك كېڭىشى ۋە كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر. بىراق ئامېرىكىنىڭ پەۋقۇلئاددە مەسئۇلىيىتى بار. ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەشكە ھوقۇقلۇق. بىز كەرىينىڭ بۇ قىممەتلىك پۇرسەتنى قولدىن بېرىپ قويماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز، دېگەن.

ت. كۇمار بۇ سۆزلەرنى ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ بىر كىشىلىك ھوقۇق شۆبە كومىتېتى چاقىرغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە تەكىتلىگەن. ئاۋام پالاتاسى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئافرىقا، يەر شارى سالامەتلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق، خەلقئارا ئورگانلار شۆبە كومىتېتى چاقىرغان يىغىنىدا يەنە، چېن گۇاڭچېڭ، گېڭ خې قاتارلىق ئۆكتىچىلەر، جېيرىد گەنسېر قاتارلىق پائالىيەتچىلەر گۇۋاھلىق بەرگەن. بۇ يىغىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى جون كەرىينى كىشىلىك ھوقۇقنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇشقا چاقىرىپ بايانات ئېلان قىلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

يىغىندا فۇ شىچيۇ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ئالغا سۈرۈش ئىشلىرىدا ئاكتىپ رول ئوينىشىنى تەلەپ قىلىپ: بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ كەلگۈسى 4 يىلدا بۇرۇنقى 4 يىلقىدىن تېخىمۇ ئەمىلى ئىلگىرىلەشكە ئېرىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئامېرىكا پرېزىدېنتى ۋە دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى جاسارەت كۆرسىتىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىنى كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسىنى ياخشىلاش، قانۇنغا رىئايە قىلىش، ئۇنىۋېرسال كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىنى قوبۇل قىلىشقا ئاشكارا ئۈندىشى كېرەك. ئامېرىكا ئەلچىخانىسى جۇڭگو دائىرىلەردىن تۈرمىدىكى ۋىجدان مەھبۇسلىرىنى يوقلاشنى تەلەپ قىلىشى، ئۇلارنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىنى قەرەللىك يوقلاپ تۇرۇشى، ئۇلارغا زۆرۈر ياردەملەرنى بېرىشى لازىم، دەپ كۆرسەتكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، جون كەرىينى كىشىلىك ھوقۇقنى سۆزلەشكەندە خىتاينىڭ ھۆكۈمىتى بىلەن چەكلىنىپ قالماسلىقنى تەلەپ قىلىپ، خەلق بىلەن كۈرىشىشكە چاقىرغان. ئۇنىڭ يەنە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنى بىر-بىرلەپ ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويۇپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارغا ئىشەنچ بېغىشلاشنى، خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئىلگىرىلەپ بېسىم ئىشلىتىشنى ۋە تىبەت رەھبىرى دالاي لاما بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىشنى تەلەپ قىلغان.

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى جون كەرىينىڭ خىتاي زىيارىتىدە قانداق مەسىلىلەرنى مۇزاكىرە قىلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلمىغان بولسىمۇ، بىراق دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچى پاترىك ۋېنترېل چارشەنبە كۈنى مۇخبىرلارغا ئەسكەرتىپ، كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىشنى ئالغا سۈرۈش، جۈملىدىن خىتاينىڭ بۇ جەھەتتىكى خاتىرىسىنى ئالغا سۈرۈش بىزنىڭ تاشقى سىياسىتىمىزنىڭ مۇھىم ھالقىسى، دەپ تەكىتلىگەن.

بىراق كەرىينىڭ زىيارىتى شىمالىي كورىيەنىڭ يادرو تەھدىتى جىددىي خەۋپ پەيدا قىلغان پەيتكە توغرا كېلىپ قالدى. بەزى ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ئەھۋالدا ئامېرىكىنىڭ خىتاي رەھبەرلىرىگە كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى دادىللىق بىلەن ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئۇنى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويۇش-قويالماسلىقى كەرىي ئۈچۈن زور سىناقتۇر.