30 - ئىيۇل بامدات نامىزىدىن كېيىن قەشقەر ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىر ھېيتگاھ مەيدانىدا پىچاقلاپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك خەۋىرى رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا تارقالغاندىن كېيىن، جۈمە تاھىر ھەققىدە خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ۋە غەرب مەتبۇئاتلىرىدا ئوخشىمىغان باھالار بېرىلدى.
خىتاي ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا جۈمە تاھىر «جۇڭگودىكى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ئۈچۈن ھەسسە قوشقان بەشتە ياخشى دىنىي ئۆلىما» دەپ تەرىپلەنگەن بولسا، غەرب مەتبۇئاتلىرىدا جۈمە تاھىرنىڭ بىر دىنىي ئۆلىما تۇرۇقلۇق، خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىغانلىقى بايان قىلىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي كوممۇنىست ھۆكۈمىتى ئۈچۈن ئىشلەيدىغان دىنىي ئۆلىمالارنى قوبۇل قىلمايدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.
دىققىتىڭلار مۇخبىرىمىز مېھرىباننىڭ پروگراممىسىدا بولسۇن.
رويتېرس ئاگېنتلىقى 30 - ئىيۇلدىكى خەۋىرىدە، شۇ كۈنى ئەتىگەن فرانسىيىلىك بىر ساياھەتچىنىڭ قەشقەر ھېيتگاھ مەيدانىدا قانغا مىلىنىپ ياتقان بىر ئادەمنى كۆرگەنلىكىنى ۋە قەشقەردە تۇيۇقسىز ساقچى - ئەسكەرلەر كۆپىيىپ، قەشقەر ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيلەشكەنلىكىنى، ئەمما ئۆلگۈچىنىڭ كىملىكى ئېنىق ئەمەسلىكىنى خەۋەر قىلغاندىن كېيىن، رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ئېنىقلاش ئارقىلىق ئۆلگۈچىنىڭ ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خاتىبى ئىمام جۈمە تاھىر ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىدى. 30 - ئىيۇل بۇ خەۋەر رادىئومىز ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن، خەلقئارادىكى مەتبۇئاتلاردا جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمى ۋە ئۇنىڭ نېمە ئۈچۈن ئۆللتۈرۈلگەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەر ئانالىزلار كۆپەيدى.
جۈمە تاھىر ئوتتۇرا ئاسىيادىلا ئەمەس، بەلكى پۈتكۈل مۇسۇلمان ئەللىرىدە داڭلىق بولغان 400 يىلدىن ئارتۇق تارىخقا ئىگە، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىمام. ئۇ يەنە خىتاي دۆلەتلىك ۋە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئۆتەپ كېلىۋاتقان دىنىي ئۆلىما.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى، ئامېرىكا ئاۋازى، ۋال سىترىت ژۇرنىلى، لوس ئانجېلىس ۋاقتى گېزىتى، فرانسىيە ئاگېنتلىقى، گېرمانىيە خەۋەر ئاگېنتلىقى، ئەنگىلىيە گۋارديان گېزىتى، ئەنگىلىيە ب ب س ئاگېنتلىقى، ئەل - جەزىرە قاتارلىق مەتبۇئاتلاردا بېرىلگەن خەۋەر ۋە خەۋەر ئانالىزلىرىدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قەشقەر ھېيتگاھ جامىسىگە ئىمام قىلىپ تەيىنلەنگەن جۈمە تاھىرنىڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىدىغان ئىمام ئىكەنلىكى بايان قىلىنغان. چەتئەل مەتبۇئاتلىرى خەۋەرلىرىدە يەنە، ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدا يۈز بەرگەن 90 - يىللاردىكى بارىن ۋەقەسى، 97 - يىلدىكى 5 - فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى، 2009 - يىلدىكى ئۈرۈمچى 5 - ئىيۇل ۋەقەسى، بۇلتۇردىن بۇيان يۈز بەرگەن بىرقانچە قارشىلىق ھەرىكەتلىرىدە خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى ئەيىبلەپ دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىنىپ، ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ بۇ ۋەقەلەردە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرەپتە تۇرۇپ پوزىتسىيە بىلدۈرگەنلىكى، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ سىياسەتلىرىنى مەدھىيىلىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچرىغانلىقى تەكىتلەندى.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ 1 - ئاۋغۇست ئېلان قىلغان«خىتايدا ئۆلتۈرۈلگەن ئىمام، ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىنى مەيدان تاللاتقۇزۇش ئۈچۈن ئۆلتۈرۈلگەن بولۇشى مۇمكىن» دېگەن خەۋەر ئانالىزىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىتىنى تەشۋىق قىلغان دىنىي زاتلارنىڭ ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن بەلگىلەنگەن ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە بۇ ئىمام ھەققىدە خەلقئارا مەتبۇئاتلىرىدا بېرىلگەن خەۋەر ئانالىزلىرى خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنى قاتتىق بىئارام قىلغانلىقى خىتاينىڭ ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا ئۆز ئىپادىسىنى تاپتى.
ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىدا جۈمە تاھىرنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكى خەلقئاراغا ئاشكارىلىنىپ، بىر كۈندىن كېيىن خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقى قاتارلىق ھۆكۈمەت مەتبۇئاتلىرىدا، «ھېيتگاھ مەسچىتىنىڭ ئىمامى جۈمە تاھىرنى ئۆلتۈرگەن قاتىللاردىن ئىككىسىنىڭ ئېتىۋېتىلىپ، بىرىنىڭ تۇتۇلغانلىقى ۋە دىنىي زات جۈمە تاھىرنىڭ مىيىتىنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ قائىدە يوسۇنلىرى بويىچە يەرلىكىگە قويۇلغانلىقى» ئالاھىدە تەكىتلەنگەن خەۋەرلەر بېرىلدى. خىتاينىڭ 1 - ئاۋغۇستتىكى ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يەنە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ بەلگىلەنگەن پارتكوم سېكرىتارى جاڭ چۈنشيەننىڭ ئىمام جۈمە تاھىر ھەققىدە «جۈمە تاھىر خىتاي ھۆكۈمىتىنى سۆيىدىغان، كومپارتىيەنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ھىمايە قىلىدىغان،دىنىي زات» دېگەن سۆزلىرى نەقىل ئېلىندى.
ئەمما، جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمىدىن كېيىن، ئۇيغۇر ئېلىدىن رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلار جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمى ھەققىدە ئېھتىيات بىلەن جاۋاب بەردى. ئۇلار جۈمە تاھىرنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەر تاپقانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما جۈمە تاھىر ھەققىدە پىكىر بايان قىلىشنى خالىمىدى. چەتئەللەردە مۇھاجىرەتتە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار رادىئومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، قەشقەر ھېيتگاھ مەسچىتىگە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن تەيىنلەنگەن ئىمام جۈمە تاھىرنىڭ ئۇيغۇرلار تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمىغان ئىمام ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشتى. ئۇلار ئۆز بايانلىرىدا جۈمە تاھىرنىڭ ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان خىتاي كوممۇنىست ھاكىمىيىتىنىڭ مەيدانىدا تۇرۇپ سۆزلەپ كەلگەنلىكىنى تەكىتلەپ، جۈمە تاھىرنىڭ ئۇيغۇر خەلقى تەرىپىدىن قوبۇل قىلىنمايلا قالماستىن، بەلكى ئۇيغۇرلارنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ كەلگەنلىكىنى، شۇڭا ئۇنىڭ ئۆلتۈرۈلۈپ، تېگىشلىك جازاسىنى تارتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.
0:00 / 0:00