ئۇيغۇر ئېلىدە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، خىتاي كارخانىلىرىنىڭ يەرلىك ئەمەلدارلار تىل بىرىكتۈرۈپ دېھقانلارنىڭ يەر زېمىنلىرىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش، مەجبۇرىي ئىگىلىۋېلىشقا دائىر يەر - زېمىن دەۋالىرى كۆپەيمەكتە.
غۇلجا شەھىرى قارادۆڭ يېزىسىدىكى دېھقانلارنىڭ رادىئومىزغا يەتكۈزگەن ئىنكاسىغا قارىغاندا، دائىرىلەر مەزكۇر يېزىنىڭ بايكۆل كەنتىدە ئۆي زېمىننى سېتىشقا ئۇنىمىغان دېھقانلارغا تەھدىت ئىشلىتىپ زومىگەرلىك بىلەن ئۆيلىرىنى چېقىۋەتكەن. مۇخبىرىمىز گۈلچېھرەنىڭ بۇ ئىنكاسقا ئاساسەن قارادۆڭدىن ئىگىلىگەن مەلۇماتى دىققىتىڭلاردا بولسۇن.
قارادۆڭ دېھقانلىرىنىڭ ئىستانسىمىزغا يەتكۈزگەن يازما ئىنكاسىغا قارىغاندا، يېقىندىن بۇيان قارا دۆڭدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئاتالمىش «كەيفا» يەنى خىتاي شېركەتلىرى بىلەن يەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئېچىش ھەرىكەتلىرى داۋامىدا، دائىرىلەر مەزكۇر يېزىغا قاراشلىق بايكۆل كەنتىنىڭ - 5، - 6، - 7 ئەترەتلىرىدىكى دېھقانلارنى تېرىلغۇ يەرلىرىنىڭ ھەر بىر موسىنى 39 مىڭ سومدىن سېتىشقا مەجبۇرلىغان، ھەتتا بەزى دېھقانلارنىڭ ئۆي - جايلىرىنىمۇ ئوخشاش باھادا سېتىشقا مەجبۇرلىغان، ئەمما دېھقانلار باھانى مۇۋاپىق كۆرمەي سېتىشقا ئۇنىمىغان، نەتىجىدە بىر قانچە كۈننىڭ ئالدىدا دائىرىلەر ھەربىي ۋە ساقچىلار بىلەن بىرلىكتە سەھەردىلا تۇيۇقسىز دېھقانلارنىڭ ئۆيلىرىگە باستۇرۇپ كىرىپ ئۇلارنى مەجبۇرىي ئۆيلىرىدىن قوغلاپ، نەرسە - كېرەكلىرىنى سىرتقا تاشلىغان ۋە ئۆيلىرىنى ئۆرۈپ تاشلىغان.
دېھقانلارنىڭ ئەرزىگە قارىغاندا، بىر مو يەرنى 39 مىڭ سومدىن ھېسابلاپ ئېلىۋالغان ئۆي - جايلىرىنىڭ ھازىرقى بازار باھاسى ئەسلى 99 مىڭ سوم ئەتراپىدا ئىكەن.
بىز قارادۆڭ يېزىسىغا تېلېفون قىلىپ مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشتۇق، مەلۇم كەنتتىكى بىر دېھقان ئۆزىنىڭ ئۆي زېمىنىنىڭ تېخى ئامان ئىكەنلىكىنى، ئەمما باشقا كەنتلەردە «كەيفا» يەنى خىتاي ئۆلكىلىرىنىڭ مەبلەغ سېلىش ئارقىلىق ئېچىشى باشلانغاندىن بۇيان، نۇرغۇن جايلارنىڭ دېھقانلار قولىدىن مەجبۇرىي ھالدا ئەرزان باھادا تارتىۋېلىنىۋاتقانلىقىنى، ئۆيلەرنىڭ چېقىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى :
بىز دېھقانلارنىڭ بۇ ئىنكاسلىرىغا ئاساسەن، قارا دۆڭ يېزىسىدا دېھقانلارنىڭ يەر - زېمىنلىرىنى سېتىۋېلىشقا قول تىقىپ ئىشلەۋاتقان كادىرلاردىن يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى قەيسەرگە تېلېفون قىلدۇق، تېلېفون ئۇلاندى، ئەمما ئۇ دېھقانلارنىڭ يۇقىرىقى ئەرزلىرىنى بىرمۇ - بىر ئىنكار قىلدى:
قەيسەرنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، دېھقانچىلىققا ئىشلىتىلىدىغان تېرىلغۇ يەرگە ئۆي سېلىش قانۇنسىز قىلمىش بولۇپ، چېقىلغان ئۆيلەر دېھقانلارنىڭ تېرىلغۇ جايلارغا قانۇنسىز سېلىۋالغان ئۆيلىرى ئىمىش. ئۇنىڭ جاۋابىغا ئاساسەن «ئۇنداقتا، دېھقان ئۆز جايىغا شەخسى ئۆي سالسا قانۇنسىز بولىدىكەن، ئۇنداقتا ھۆكۈمەت ياكى خىتاي شىركەتلىرى دېھقاننىڭ يېرىنى ھۆكۈمەتنىڭ قولى بىلەن تارتىپ ئېلىپ ياكى سېتىۋېلىپ ئۆي سالسا بۇ قانۇنلۇق بولامدۇ؟» دەپ سورىدۇق، بۇ سوئالغا ئۇ بىتاقەت بولۇپ تېلېفوننى قويۇۋېتىش ئارقىلىق جاۋاب بەردى:
غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەت يەر باشقۇرۇش ئىدارىسى قارمىقىدىكى مەلۇم ئۆي - مۈلۈك شىركىتى بىلەن ئالاقىلىشىپ قارا دۆڭ يېزا ئەتراپىدىكى يەر - زېمىنلارنىڭ مۇۋاپىق باھالىرىنى سورىدۇق :
غۇلجا شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر كادىرى قارا دۆڭ يېزىسىكى دېھقانلارنىڭ ئۆيىنى چېقىش، يېرىنى سېتىشقا مەجبۇرلاش قىلمىشلىرىدىن خەۋىرى بارلىقىنى، ئەمما بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا قولى يەتمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە يەنە، ئەمەليەتتە يەرلىك دائىرىلەرنىڭ دېھقانلاردىن زېمىننى ئەرزان ئېلىپ خىتاي شىركەتلەرگە ئۆرە باھادا سېتىپ ئارىلىقتىن پايدا ئېلىۋاتقانلىقىنى، ھەر قانداق شەكىلدە دېھقانلارنى يەر - زېمىن سېتىشقا مەجبۇرلاشىنىڭ قانۇنسىز ھەرىكەت ئىكەنلىكىنى، قانۇنىي ھەق - ھوقۇقلىرى دەخلىگە ئۇچرىغان دېھقانلارنىڭ ئۇيۇشۇپ بىرلىكتە ئەرز قىلىشى كېرەكلىكىنى، ئەگەر يەرلىكتە قانۇنلۇق ئەرزىنى ئاقتۇرالمىسا، ئۇنىڭدىن يۇقىرى ئورۇنلارغا ئەرز قىلىپ، مەتبۇئاتلارغا ئېلان قىلىپ، ئۆز ھوقۇقى ۋە مەنپەئەتىنى قوغدىشى كېرەكلىكىنى تەۋسىيە قىلدى.
0:00 / 0:00