18-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنى كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا، خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى كانادا شۆبىسى باشلىقى فەرىدە دىيەف خانىم ۋە گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئەپەندىلەر گۇۋاھلىق بەردى.
فەرىدە دېيىف خانىم گۇۋاھلىق سۆزىدە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ۋەزىيەت ھەققىدە ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتىغا ئاساسەن، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رايوندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىش بىلەن بىرگە، زور كۆلەمدە لاگېرلارنى قۇرۇش ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋە باشقا مۇسۇلمان خەلقلەرنى كەڭ كۆلەمدە تۇتقۇن قىلغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى زىيارەت قىلغان شاھىتلاردىن ئىگىلىگەن مەلۇماتلاردىن مىسال بېرىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ لاگېرلاردا تەن جازاسى يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى، لاگېرغا ئەپ كېتىلمىگەنلەرنىڭمۇ ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە تۈرلۈك لېكسىيەلەرگە، بايراق چىقىرىش مۇراسىملىرىغا مەجبۇرىي قاتناشتۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. فەرىدە خانىم گۇۋاھلىق سۆزىدە لاگېر تۈزۈمى سەۋەبلىك ئاتا-ئانىلىرىدىن مەجبۇرىي ئايرىۋېتىلىپ، يىغىۋېلىنغان ئۇيغۇر بالىلىرى ئۇچراۋاتقان ئېغىر تراگېدىيە ئۈستىدىمۇ مەخسۇس توختىلىپ ئۆتكەندىن كېيىن «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمىز خىتايدا نەچچە ئون يىلدىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر يۈز بېرىۋاتقاندەك بۇنداق ئېغىر ۋە كەڭ كۆلەملىك كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكىنى كۆرۈپ باقمىغان ئىدى» دېدى.
گېرمانىيەلىك تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنز ئەپەندىمۇ ئۆزىنىڭ گۇۋاھلىق سۆزىدە، يېقىنقى بىر قانچە ھەپتىدىن بۇيان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات ئاپپاراتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېرلارنى ئاقلاش ھەرىكىتى باشلاپ، بۇ ھەقتىكى تەشۋىقات پروگراممىلىرىنى كۆپلەپ تارقىتىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇ، خىتاينىڭ مەركىزى خەلق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىدا كۆرسىتىلگەن بۇ تەشۋىقات پروگراممىلىرىنىڭ ئالدىن سەھنىلەشتۈرۈلگەنلىكىنى، پروگراممىلاردا سۆزلىتىلگەنلەرنىڭ ئېغىزىدىن چىقىۋاتقان گەپ بىلەن بەدەن ھەرىكىتىدىكى زىتلىقنىڭ بۇ كىشىلەرنىڭ شۇنداق سۆزلەشكە مەجبۇرلانغانلىقىنى، دېيىلگەن سۆزلەرنىڭ ئالدىن يادلىتىلغانلىقىدەك پاكىتلارنىڭ ئېنىق كۆرۈنۈپ تۇرىدىغانلىقىنى ئېيتتى.
18-ئۆكتەبىر كۈنى ئېچىلغان گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى كانادا پارلامېنتى ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تۆۋەن كومىتېتى تەرىپىدىن ئېچىلغان ئىككىنچى قېتىملىق گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بولۇپ، بۇنىڭ بىرىنچى نۆۋەتلىكى 2-ئۆكتەبىر كۈنى ئېچىلغان ئىدى. بۇ يىغىندا كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى، د ئۇ ق نىڭ كئوچمەنلەر كومىتىتىنىڭ رەئىسى مەمەت توختى ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئىدى. مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق كومىتېتى 23-ئۆكتەبىر سەيشەنبە كۈنى ۋە 25-ئۆكتەبىر پەيشەنبە كۈنلىرى يەنە ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى 3- ۋە 4-نۆۋەتلىك ئىسپات بېرىش يىغىنلىرىنى ئۆتكۈزىدىكەن. گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنلىرى ئاياغلاشقاندىن كېيىن مەزكۇر كومىتېت ھۆكۈمەتكە بىر ھەرىكەت پىلانى تۈزەپ يوللايدىكەن.
مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ھازىر كانادا پارلامېنتىغا يوللىنىۋاتقان بۇ تەلەپلەر ئارىسىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىش ۋە بۇنىڭغا قارشى تەدبىر ئېلىش بىلەن بىرگە، چەتئەللەردە خىتاي پاسپورتى بىلەن ياكى پاسپورتسىز قالغان ئۇيغۇرلارنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇش مەسىلىسىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان جىددىي مەسىلىلەرنىڭ بىرىدۇر. دەرۋەقە، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ كانادا شۆبىسى باشلىقى فەرىدە خانىم گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدىكى سۆزىدىمۇ كانادا ھۆكۈمىتى ۋە باشقا دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرگە خىتاي ھۆكۈمىتىنى لاگېرلار مەسىلىسىدە ئوچۇق-ئاشكارا ۋە قاتتىق تەنقىدلەش، ئۇيغۇر ئېلىدىكى بۇ قاتتىق زەربە بېرىش سىياسەتلىرىدە رول ئويناۋاتقان چېن چۈەنگو باشلىق ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا جازا تەدبىرى ئېلان قىلىش، تىجارەت چەكلىمىلىرى ئارقىلىق نازارەت ئۈچۈن ئىشلىتىلىۋاتقان تېخنىكىلارنى خىتايغا سېتىشنى چەكلەش، خىتاينىڭ كانادادىكى ئۇيغۇر جامائىتىگە سېلىۋاتقان تەھدىتى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش، كانادادا پاناھلىق تىلىگەن ئۇيغۇرلارنىڭ داۋاسىنى كۆرۈشنى تېزلىتىش ۋە ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇشتىن ساقلىنىش قاتارلىقلارنى تەكلىپلەرنى قويغان.
ئادرىيان زېنز ئەپەندى بولسا، ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئېغىر ۋەزىيەتكە قارىتا كانادا ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇر ئېلىدە يولغا قويۇلۇۋاتقان لاگېر تۈزۈمىنى تونۇش ۋە ئۇنى ئوچۇق-ئاشكارا تەنقىد قىلىش، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئورتاق بايانات ئېلان قىلىش، بۇ مەسىلىدە خىتاي بىلەن يەڭ ئىچى دىپلوماتىيەسى قىلماسلىق، ھەرقانداق ئۇيغۇرنى كانادادىن چىقىرىۋەتمەسلىكتىن ئىبارەت 3 تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويغان.
مەمەت توختى ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار نۆۋەتتە كانادادىكى كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە شۇنداقلا كانادا پارلامېنتىنىڭ قوللىشى بىلەن كانادا ھۆكۈمىتىدىن سەئۇدى ئەرەبىستان ھەم تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەردە قولىدا خىتاي پاسپورتى بىلەن تۇرۇۋاتقان ۋە پاسپورتىنىڭ ۋاقتى ئۆتۈپ كېتىشكە ئاز قالغان ياكى ئۆتۈپ كەتكەن 3000-4000 ئەتراپىدا ئۇيغۇرنى كاناداغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى تەلەپ قىلماقتا ئىكەن. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، كانادادىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەردىن قېيۇم مەسىموف ئەپەندى 11-ئاينىڭ 11-كۈنى مەخسۇس تۈركىيەگە بېرىپ يۇقىرىقىدەك قېيىن ئەھۋالدا تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى تىزىملاپ كانادا ھۆكۈمىتىگە يوللايدىكەن. بىراق، مەمەت توختى ئەپەندى سۆزىدە بۇ ئىشنىڭ مەلۇم بىر جەريان كېتىدىغان بىر ئىشلىقىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە يەنە، بۇ ئىشنىڭ پۈتۈنلەي ھەقسىز ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدىكى تىزىملاتقۇچىلارنىڭ ھەرقانداق پىتنە-پاساتلارغا ئىشىنىپ، پۇرسەتپەرەسلەرگە پۇل بەرمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتتى.
چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى چەتئەللەردە خىتاي پاسپورتى بىلەن تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى ئۇزارتىپ بېرىشنى رەت قىلىش ئارقىلىق ۋە بىر ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرى بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ ئۇيغۇرلارنى كۆرگەن يەردە تۇتقۇن قىلىپ ئۇلارنى خىتايغا قايتۇرۇپ كېتىشكە ئۇرۇنۇۋاتقان بىر پەيتتە، ھەرقايسى دېموكراتىك ئەللەردىن ئۇيغۇرلار ئۈچۈن ئالاھىدە بىر پىلان يولغا قويۇشنى تەلەپ قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى بىخەتەر دۆلەتلەرگە يۆتكەش نۆۋەتتىكى ئەڭ جىددىي ۋەزىپىلەرنىڭ بىرى ئىكەن.
0:00 / 0:00