كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بېرىۋاتقان ئەھۋاللارغا كۆڭۈل بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

0:00 / 0:00

يېقىندا كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇف كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىردقا خەت يېزىپ، 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار مەسىلىسى ھەققىدە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ جىددىي تەدبىر قوللىنىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

ئۇ خېتىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ نىزامنامىسى ۋە خەلقئارالىق قانۇنلارنى ئېغىر ئاياق ئاستى قىلىپ، ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قانۇنسىز تۇتقۇن قىلىش، ئۆلۈم جازاسى بېرىش قاتارلىق قىلمىشلارنى ئىزچىل سادىر قىلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇۋاتقانلار سانىنىڭ كۈندىن-كۈنگە كۆپىيىشى، رايوندا مىللىي توقۇنۇشلارنىڭ يۈكسىلىشىگە سەۋەب بولۇۋاتقانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتى يۈرگۈزۈۋاتقان ئادالەتسىزلىكلەرنىڭ كانادادا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنىمۇ ئىنتايىن بىئارام قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلار دۇچ كېلىۋاتقان بۇ ۋەزىيەتكە، بولۇپمۇ ئىز-دېرەكسىز غايىب بولغانلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە ئارىلىشىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

يېقىندا كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرى جوھن بائىرد كانادا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى قېيۇم مەسىمۇفقا جاۋاب خەت يازدى. خەتتە مۇنداق دېيىلگەن:
-ھۆرمەتلىك قېيۇم مەسىمۇف، خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ھەققىدە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىمىزغا يوللىغان خېتىڭىز ئۈچۈن كۆپ رەھمەت.

كىشىلىك ھوقۇقنى تەكىتلەش ۋە قوغداش كانادا تاشقى سىياسىتىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسمى شۇنداقلا كانادانىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئۇزۇن مەزگىللىك ئىستراتېگىيىلىك مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ئاساسى. كانادانىڭ دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇننىڭ ئىجرا قىلىنىشى قاتارلىق مۇھىم مەسىلىلەردە تۇتقان مەيدانى ئېنىق.

كانادا ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كەلمەكتە. بۇ ئەلۋەتتە خىتايدا ياشاۋاتقان ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئوخشىمىغان مەدەنىيەتلەر، ئوخشىمىغان تىللار ۋە ئوخشىمىغان دىنىي ئېتىقادلارغا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان زوراۋانلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

كانادا ھۆكۈمىتى، خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان ئۆز مەيلىچە تۇتقۇن قىلىش، ئىز-دېرەكسىز غايىب بولۇش، سىياسىي ئۆكتىچىلەر، ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، دىنىي ئىبادەت قىلغۇچىلار شۇنداقلا ئۇيغۇر قاتارلىق ئېتنىك مىللەتلەرگە يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ناچار مۇئامىلىلەردىن راھەتسىز بولماقتا.

بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئۇلىنىشتىن ئاڭلىغايسىلەر.