خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى خىتاينى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2013.04.10
olum-jazasi-korsetmisi-305.jpg 2009-يىلى پۇقرالىرىغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن دۆلەتلەرنىڭ كۆرسەتمىسى. خىتاي ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ئادەم سانى 1000 فىن ئېشىپ كەتكەن.
AFP

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى دوكلات ئېلان قىلىپ، ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىۋاتقان دۆلەتلەر بارغانسېرى كۆپىيىۋاتقان بولسىمۇ، بىراق خىتايغا ئوخشاش يەنە بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىنى داۋاملىق كەڭ كۆلەمدە ئىجرا قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2012‏- يىلى خىتاي يەنىلا دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلغان دۆلەتلىك ئورنىنى ساقلاپ قالغان. مەزكۇر تەشكىلات خىتاينى ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشقا چاقىردى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ 60 بەتلىك دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2012‏- يىلى دۇنيادىكى ئاز دېگەندە 21 ئەلدە ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىنغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى خىتايدىن باشقا بارلىق دۆلەتلەردە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان ئومۇمىي ئادەم سانى ئاز دېگەندە 682 نەپەر. بىراق شۇ يىلى خىتاينىڭ ئۆزىدە ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلۇپ ئىجرا قىلىنغان ئادەم سانى دۇنيادىكى بارلىق ئەللەرنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغان ئومۇمى ئادەم سانىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، ئۆتكەن يىلى خىتايدا بىر نەچچە مىڭ ئادەمگە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىپ ئىجرا قىلىنغان بولۇشى مۇمكىن.

ب مەزكۇر ئورگاننىڭ « 2012‏- يىلىدىكى ئۆلۈم جازاسى ۋە ئۆلۈم جازالىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىشى ئەھۋالى» ناملىق دوكلاتىدا، خىتاي ئەڭ كۆپ ئۆلۈم جازاسى ئىجرا قىلىدىغان دۆلەت بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى ئىش ئىزلىرىنىڭ ئوچۇق-ئاشكارا ئەمەسلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇچۇرنى قاتتىق كونترول قىلغاچقا، ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ھەقىقىي ئادەم سانىنى توغرا ھېسابلاپ چىقىش ئىمكانسىز مەسىلە بولۇپ قالغان. بۇ جەھەتتىكى ئۇچۇر ناھايىتى چەكلىك بولسىمۇ، ھالبۇكى قولدىكى ئۇچۇرلار خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغان ئادەم سانى، دۇنيانىڭ بارلىق دۆلەتلىرىدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئومۇمىي سانىدىنمۇ كۆپ ئارتۇق ئىكەنلىكىنى نامايان قىلىپ تۇرىدۇ، دەپ كۆرسەتكەن.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ئۆلۈم جازاسى مەسىلىلىرى مۇتەخەسسىسى كەرىيا ساندورجۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مەزكۇر ئورگان 2009‏-يىلدىن باشلاپ خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ كونكرېت سانىنى ئېلان قىلىشنى توختاتقان. ئۇ، خىتاي دائىرىلىرىنى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ھەقىقىي سانىنى ئېلان قىلىشقا چاقىردى.

كەرىيا ساندورجۇ: ھالبۇكى، بىز 2009‏- يىلى خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك كونكرېت سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىشنى توختىتىشنى قارار قىلغان. چۈنكى خىتايدىكى ئۆلۈم جازاسىنىڭ ئەمىلى ئەھۋالى بىز ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتتىن كۆپ پەرقلىق ئىكەنلىكىنى بايقىدۇق. بىز دائىم سانلىق مەلۇماتنى ئەڭ تۆۋەن چەكلىمىدە ھېسابلاپ ۋە ئىسپاتلاپ ئېلان قىلغانلىقىمىزنى ئەسكەرتىپ كەلگەن. شۇ سەۋەبلىك بىز سانلىق مەلۇمات ئېلان قىلىشنى توختاتتۇق. سىزنىڭ سوئالىڭىزنى جاۋاب بەرسەم، مەن بۇنىڭ مىڭلارغا يېتىدىغانلىقىنى ئېيتالايمەن. بىراق بىز يەنىلا خىتاي ھۆكۈمىتىنى ھەقىقىي ساننى ئېلان قىلىشقا چاقىرىمىز. بىز ئېرىشكەن ئۇچۇر خىتاينىڭ ئەمىلى ئەھۋالىنىڭ بىر قىسمى، خالاس، دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئاخباراتى ئۆلۈم جازاسىغا بۇيرۇلغان دېلولاردا پەقەت ئىقتىسادىي مەسىلىلەرگە مۇناسىۋەتلىك تىپىك خاراكتېرلىك بەزى دېلولارنى خەۋەر قىلىش بىلەن چەكلىنىپ كەلگەن. كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي ئاخباراتىنىڭ مۇستەقىللىق، ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ سوتلانغان ۋە ئۆلۈمگە بۇيرۇلغان ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرگە مۇناسىۋەتلىك نازۇك دېلولارنى ئىزچىل يوشۇرۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاي ئەمەلدارلىرى2007‏- يىلى ئۆلۈم جازاسىنى تەستىقلاش ھوقۇقىنى ئالىي سوت ئۆتكۈزۈۋالغاندىن بۇيان، ئۆلۈم جازاسى يېرىم ھەسسە ئازايغانلىقىنى بىلدۈرۈپ كەلگەن بولسىمۇ، بىراق ئادالەتسىز سوت قىلىش، قانۇنى تەرتىپكە رىئايە قىلماسلىق داۋاملىشىپ كەلگەن.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقان بىر-دىن بىر رايوندۇر. ئۇيغۇر سىياسىي مەھبۇسلىرىنىڭ سوتىدا قانۇنىي تەرتىپنى بىر چەتكە قايرىپ قويۇش، ئەيىبلەنگۈچىنى ئادالەتسىز سوتلاش ئەھۋالى ئومۇمى يۈزلۈك مەۋجۇت ھادىسە.

كەرىيا ساندورجۇ خانىم بۇ مەسىلە ھەققىدە توختىلىپ، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ھەرقانداق رايوندا، ھەر قانداق سەۋەبنى باھانە قىلىپ، ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ: خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ھەر قانداق شارائىتتا ئۆلۈم جازاسى بېرىشكە قارشى تۇرىدۇ. ئۇنىڭ قانداق جىنايەت بولۇشى، تېررورلۇققا مۇناسىۋەتلىك ياكى زەھەرلىك چېكىملىككە ئالاقىدار جىنايەت بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر. بۇ بۇ ئىككى خىل سەۋەبنى پەرقلەندۈرمەيمىز. ئەگەر خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆلۈم جازاسى بېرىپ ئىجرا قىلغان كىشىلەرنىڭ سانى ۋە ئۇلارنىڭ ئۆلۈمگە بۇيرۇلۇش سەۋەبىنى ئېلان قىلغان بولسا ياخشى بولاتتى. بىراق، خىتاي بۇنى ئاشكارا ئېلان قىلمىغاچقا، سىياسىي مەھبۇسلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش پەقەت ئۇيغۇر ئېلىگە خاس ئەھۋال دېيىش قىيىن، دەپ كۆرسەتتى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ئۆلۈم جازاسىنى كونترول قىلىش مەسىلىسىدە قىسمەن ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغان بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭدا يەنىلا كىشىنى ئەندىشىگە سېلىۋاتقان نۇرغۇن مەسىلە مەۋجۇت.

كەرىيا ساندورجۇ، خىتاينىڭ ئۆلۈم جازاسىنى زىيادە قوللىنىۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ئۇنىڭ ئۆلۈم جازاسى بېرىدىغان جىنايەت تۈرى ناھايىتى كۆپلۈكىنى، قاتىللىق سادىر قىلمىغان جىنايەتلەرگىمۇ ئۆلۈم جازاسى بېرىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

ئۇ يەنە، خىتاينىڭ ئەدلىيە سىستېمىسىدا مەسىلە بارلىقى، ئۇنىڭ سوت قىلىش ئۇسۇلى خەلقئارا ئەدلىيە ئۆلچەملىرىگە چۈشمەيدىغانلىقىنى، مەھبۇسلارنىڭ ئادىل سوتلىنىش، بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ۋە جىنايەتنى رەت قىلىش قاتارلىق ھوقۇقلىرىغا ھۆرمەت كۆرسىتىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.