مۇخبىرىمىز بۈگۈن كەلپىندە قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپ كەتكىنى ئۈچۈن ئېتىۋېتىلگەن ئابدۇلباسىتنىڭ بۇرۇنقى ئەھۋالى ۋە ئاقىۋىتى ھازىرغىچە ئېنىق بولمايۋاتقان ئىككى دوستىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى ئېنىقلاش ئۈچۈن كەلپىن ناھىيىلىك 1 - ئوتتۇرا مەكتىپىگە تېلېفون قىلدى. مەكتەپ رەھبەرلىرى ئابدۇلباسىتنىڭ بۇلتۇر مەكتەپتىن توختىغانلىقى ۋە ئۇنىڭ ئىككى دوستى مەردان بىلەن بۇرھانىدىننىڭ مەكتەپنىڭ تولۇق 1 - ۋە 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئىكەنلىكىدىن باشقا مەلۇمات بېرەلمىدى.
خىتاي سېكرىتار لو يەن، مەرداننىڭ ئەھۋالىنى ج خ تارماقلىرىدىن سۈرۈشتە قىلىشىمىزنى تەۋسىيە قىلىش ئارقىلىق، مەرداننىڭ تېخىچىلا ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇپ تۇرۇلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى. 4 نەپەر مەكتەپ رەھبىرىنىڭ بىر - بىرىدىن ئەنسىز پوزىتسىيسى، ئابدۇلباسىتنىڭ ئىككى دوستىنىڭ ئەھۋالىنىڭمۇ جىددىي ھالەتتە ئىكەنلىكىنى ياكى دائىرىلەر تەرىپىدىن سەزگۈر مەسلە قاتارىدا مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىماقتا.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:
بىز ئابدۇلباسىتنىڭ موتوسىكلىتىغا مىنگەشكەن ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قىزىل چىراقتىن ئۆتۈپ كەتكەن ئىككى دوستى - مەردان بىلەن بۇرھانىدىننىڭ ئەھۋالىنى ئۇقۇش ئۈچۈن كەلپىن 1 - ئوتتۇرا مەكتەپكە تېلېفون قىلدۇق. مەكتەپ مۇدىرى سەمەت ئابدۇلباسىتنىڭ بۇلتۇر مەكتەپتىن چېكىنگەنلىكىنى، مەردان بىلەن بۇرھانىدىننىڭ 1 - ۋە 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى، ئەمما ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى.
مەلۇم بولۇشىچە، بۇرھانىدىن شۇ كۈنى قىزىل چىراققا يېقىنلاشقان ياكى ئۆتكەندىن كېيىن موتوسىكلىتتىن چۈشۈۋالغان، ئەمما مەردان موتوسىكلىتتا داۋاملىق ئولتۇرغان. ئۇ ئىككىسىگە ئوق تەگكەن - تەگمىگەنلىكى تا بۈگۈنگىچە مەلۇم ئەمەس. ئۇلارنىڭ نۆۋەتتىكى ھاياتىي بىخەتەرلىك ئەھۋالى ۋە قانۇنىي سالاھىيىتىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن مەكتەپنىڭ يەنە باشقا رەھبەرلىرىدىنمۇ داۋاملىق ھالدا مەلۇمات سورىدۇق. مەكتەپنىڭ خىتاي سېكرىتارى «مەردان مەكتەپكە كلىۋاتامدۇ - يوق؟» دېگەن سوئالىمىزغا جاۋاب بېرەلمىدى. ئۇ «بۇ ئىشلارنى قانۇن ئورگانلىرىدىن سوراڭ» دېيىش ئارقىلىق مەرداننىڭ تېخىچىلا قاماقخانىدا ئىكەنلىكىدىن بىشارەت بەردى.
بىز خىتاي مۇدىرغا دەسلەپتە «سىز، بۇ ئىشلارغا كۆڭۈل بۆلمەمسىز؟» دېگەن سوئالنى قويدۇق. ئۇ «مەكتەپتە ئوقۇغۇچىلار جىق، ھەممىسىنىڭ ئەھۋالىنى بىلىپ بولالمايمىز» دەپ جاۋاب بەردى. بىز ئارقىدىن «سىز، ئوز ئوقۇغۇچىلىرىڭىزنىڭ، سالامەتلىك ئەھۋالى، ھاياتىي بىخەتەرلىكى دېگەندەك مەسىلىلەرگە كۆڭۆل بۆلمەمسىز؟» دەپ سورىدۇق. ئۇ «ھەممىسىگە كۆڭۈل بۆلىمىز، ھەممىسى بىزنىڭ پەرزەنتىمىز» دەپ جاۋاب بەردى. بىز يەنە «سىلەر ھازىرغىچە ئۆز ئوقۇغۇچىڭلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى سۈرۈشتە قىلىپ قانۇن ئورگانلىرىغا بېرىپ باقتىڭلارمۇ»" دەپ سورىدۇق. خىتاي سېكرىتار «سىز زادى كىم، نېمە ھوقۇقىڭىز بار، بۇ سوئالنى سورايدىغان» دەپ چالۋاقىدى. بىز ئۆزىمىزنىڭ ئامېرىكىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ مۇخبىرى ئىكەنلىكىمىزنى ئېيتقىنىمىزدا، ئۇ«بىزگە قايتا تېلېفون قىلماڭ، قانۇن ئورگانلىرى سۆزىڭىزنى تىڭشاۋاتىدۇ» دەپ تەھدىت سالدى. بىز قايتا - قايتا تېلېفون قىلساقمۇ، مەردان ۋە بۇرھانىدىننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى ھەققىدە مەلۇمات ئالالمىدۇق.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن ئابدۇلباسىت بىلەن بىرلىكتە قىزىل چىراقتىن ئۆتكەن ئىككى دوستى مەردان بىلەن بۇرھانىدىننىڭ مەكتەپتە يوقلۇقى ئاشكارىلانماقتا ۋە تېخىچە دوختۇرخانا ياكى قاماقخانىدا ئىكەنلىكى ئېھتىمالغا يېقىن كۆرۈلمەكتە.