ئۇيغۇر دېھقانلىرى، ھەتتا ئۇيغۇر دىنىي زاتلىرىنىڭ خىتايدا كەڭ تارالغان «كىچىك ئالما» ئۇسۇلىنى كوللېكتىپ ئويناشقا مەجبۇرلانغانلىقى دىققەت قوزغىغان ئىدى. بۇ ھەقتە پىكىر يۈرگۈزگەن كانادادىكى ئۇيغۇر يازغۇچى غۇلام ئوسمان ئەپەندى خىتاينىڭ مەزكۇر ئۇسۇل ئارقىلىق مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى ۋە ئۇيغۇرلارنى سەگەك بولۇشقا چاقىردى.
سوئال: ھۆرمەتلىك غۇلام ئوسمان ئەپەندىم، يېقىندىن بېرى خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارنى مەجبۇرىي كوللېكتىپ ئوينىتىۋاتقان «كىچىك ئالما» ئۇسۇلىنىڭ قانداق ماھىيەتلىك ئارقا كۆرۈنۈشى بار؟
جاۋاب: بۇ بىزنىڭ مىللىي ۋە دىنىي غۇرۇرىمىز بىلەن ئوينىشىۋاتقان بىر ئىش. بۇلا ئەمەس خىتايلار ئېلىپ بېرىۋاتقان بارلىق مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقىغا ئائىت ئىشلار ھەممىسى بىزنىڭ غۇرۇرىمىزنى پايمال قىلىش ۋە بۇنىڭغا كۆندۈرۈشنى مەقسەت قىلىدۇ. بىرىنچى قېتىمدا غەزىپىنى كەلتۈرگەن ئىش قايتىلىنىۋەرگەندىن كېيىن ئاستا-ئاستا ئىنسانغا ئادەتتىكىدەك تۇيۇلىدىغان غەزىپىنى قوزغىمايدىغان بولۇپ قالىدۇ. بۇ بىر پسىخىك ھۇجۇم. بىزگە پسىخىكا جەھەتتىن غۇرۇرىمىزغا تېگىدىغان سەزگۈر نۇقتىلىرىمىزغا تېگىدىغان ئىشلارغىمۇ قوبۇل قىلدۇرۇپ غەزىپى كەلمەيدىغان ماڭقۇرتقا ئايلاندۇرۇۋېتىدۇ.
سوئال: سىز «كىچىك ئالما» ئۇسۇلىنى ئويناش پسىخىك جەھەتتىن ئۇيغۇرلارنى قايتىدىن شەكىللەندۈرۈش، روھى مەنسۇپلۇقىنى ۋە كىملىكىنى يوق قىلىش دەپ قارايدىغانلىقىڭىزنى بىلدۈردىڭىز. ئەمما، بۇنى «ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش»، «قانداقسىگە بۇ ئۇسۇل بىز ئۈچۈن شۇنچە خەتەرلىك بولىدۇ» دەپ قارايدىغانلارمۇ بولۇشى مۇمكىن. بۇنىڭغا قانداق قارايسىز؟
جاۋاب: ئۆزئارا مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنى ئۇيغۇرلارغا باشقا مىللەتنىڭ ئۆگىتىشىنىڭ ھاجىتى يوق. ئۇيغۇرلار ئۆزىنىڭ مىللىي خۇسۇسىيىتىدىن ئېيتقاندا سىرتقا قارىتا ئېچىۋەتكەن بىر مىللەت، ھېچقاچان كونسېرۋاتىپ بولۇپ باقمىغان. مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش بىلەن مەجبۇرىي تېڭىشنىڭ ئوتتۇرىسىدا ئاسمان-زېمىن پەرق بار. چۈنكى مەدەنىيەت قوبۇل قىلىش ئىختىيارلىق بىلەن بولىدىغان ئىش. مەجبۇرىي تېڭىلغان مەدەنىيەت ئەسلىدىكى مەدەنىيەتنى يوق قىلىۋېتىپ ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا بىر مەدەنىيەتنى دەسسىتىشنى مەقسەت قىلىدۇ.
سوئال: مەجبۇرىي تېڭىلغان نەرسىنىڭ ھەرقاندىقى ئەكس تەسىر كۆرسىتىدۇ، جەلپ قىلىش كۈچى بولمىغاچقا سىڭمەيدۇ. سىزچە خىتاينىڭ مەقسىتى ئەمەلگە ئاشامدۇ؟
جاۋاب: بۇنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنىڭ يوقلۇقى ئۇنىڭ قىسقا مۇددەتتە قوبۇل قىلىنمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئەمما ئىشقا ئاشمايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرەلمەيدۇ. بۈگۈنكى كۈندە بۇنىڭغا ھېچقانداق قارشىلىقنىڭ چىقمايۋاتقانلىقى ئاستا ئاستا سىڭدۈرۈش ۋە قايتا شەكىللەندۈرۈش جەريانىنىڭ ئىنسانلارنى بەرىبىر ئۆزگەرتىدىغانلىقىنى دەلىللەيدۇ. كەسكىن تۈردە «خىتاي بىزنى ھەرگىز ئۆزگەرتەلمەيدۇ» دېيەلىسەك بىز ئۇنچە چۆچۈپ كەتمىسەكمۇ بولاتتى. ئەمما پاكىتلار شۇنى كۆرسىتىۋاتىدۇكى خىتاينىڭ 60 يىلدىن بېرى ئېلىپ بارغان مەدەنىيەت تاجاۋۇزچىلىقى ئۇيغۇرلاردا مەلۇم سەلبىي ئۆزگىرىشلەرنى پەيدا قىلدى. بۇ ئۆزگىرىش مۇشۇنداق داۋاملاشسا ئۆزىمىزنى ساقلاپ قېلىشىمىز مۇمكىن ئەمەس. بۇ بەكمۇ قورقۇنچلۇق. خىتاي ھەتتا بىرەر يۇرتنىڭ ئادىمىنى قىرىۋەتكەندىنمۇ قورقۇنچلۇق. مەنىۋى جەھەتتىن يوقىلىش مەسىلىسى جان بەدىلىمىز بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىدىغان بىر مەسىلە.
سوئال: خىتاي يېقىندا «كىچىك ئالما» ئۇسۇلىنى ھەتتا ئاقسۇ ئۇچتۇرپاندا دىنىي زاتلارنى سەھنىگە چىقىرىپ ئويناتقان. بۇنىڭغا قانداق قانداق قارايسىز؟
دىنىي زاتلار مەسىلىسى بىزنىڭ ۋەتىنىمىزنىڭ ئەھۋالىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا بىرئاز سالماقلىق ئويلاپ كۆرۈشكە تېگىشلىك بىر ئىش. ئومۇمەن بىزنىڭ خەلقىمىزنىڭ قۇرۇلمىسىغا قارايدىغان بولساق دىنىي زاتلارنى ھەقىقىي دىنى زاتلار، مۇناپىق دىنىي زاتلار ۋە دىننى ئانچە چۈشىنىپ كەتمەيدىغان دىنىي زاتلاردىن ئىبارەت بىرقانچە تۈرگە بولۇش مۇمكىن. بىز سەھنىدە بۇ ئۇسۇلنى ئوينىغانلارنىڭ قايسى تۇردىكى دىنىي زاتلار ئىكەنلىكىنى بىلمەيمىز. ئەگەر ئۇلار ھەقىقىي دىنىي زاتلار بولسا خىتاي قەستەن دىنىي جەھەتتىن چەكلىگەن بىر ئىشنى قىلدۇرۇپ ئۇلارغا پسىخىك ھۇجۇم قىلماقچى. ئەگەر ئۇلار مۇناپىق دىندارلار بولسا بۇ ئۇسۇلنى ئويناش تەشۋىقاتى ئارقىلىق دىننىڭ ئابرۇيىنى چۈشۈرمەكچى. ئەگەر ئۇلار چالا دىندارلا بولسا بۇنى چۈشەنمەي قىلىۋاتقانلىقى ئېنىق. نىمىلا بولمىسۇن بۇنى ئۇيغۇرلاردىن ئىبارەت بىر مۇسۇلمان مىللەتكە بولۇپمۇ دىندارلارغا بۇ ئۇسۇلنى ئوينىتىش ھۇجۇمنىڭ ئەشەددىيلىك دەرىجىسىگە بېرىپ يەتكەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ. 50 يىلنىڭ ئالدىدا ئىسيان چىقىشقا سەۋەبچى بولىدىغان بىر ئىشنىڭ بۈگۈنكى كەلگەندە ھېچقانداق قارشىلىقسىز ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقى ناھايىتى قورقۇنچلۇق. دېمەك «مۇشۇ كۆندۈرۈش بىلەن يەنە شۇنداق 50 يىلنى ئۆتكۈزسەك بىز نېمە بولىمىز» دېگەننى ئويلاشساق بولىدۇ.
سوئال: ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ مەنىۋى جەھەتتە ئېلىپ بېرىۋاتقان ھۇجۇمىغا قانداق تاقابىل تۇرۇشى ياكى قايسى يوللار بىلەن قوغدىنىشى كېرەك؟
جاۋاب: بۇ قارشىلىق قىلغۇچىنىڭ ئۆزىگە باغلىق ئىش. بۈگۈنكى بىزنىڭ رېئاللىقىمىزدىن ئېيتقاندا تەشكىللىك قارشىلىق كۆرسىتىش مۇمكىن ئەمەس. ھەر بىر شەخس ئۆزى بۇنىڭغا چارە تېپىشى لازىم. مەسىلەن شۇنداق كۈنلەردە ئىشى چىقىپ قالسا، ياكى ئاغرىپ قالسىمۇ بولىدۇ. چارە تاپالمىغاندا «مەن بۇنى ئوينىمايمەن» دېسىمۇ بولىدۇ. ئەگەر جېنىدىن كېچەلىسە. ئەگەر بىز جېنىمىزدىن كېچەلمىسەك ۋەتىنىمىز بولۇشىنى تەمە قىلمىساقمۇ بولىدۇ، ئۇنداق تەمە قىلىشقا ھەققىمىز يوق.