خىتاينىڭ «كىملىك بويىچە تورغا چىقىش بەلگىلىمىسى» نارازىلىق قوزغىدى

0:00 / 0:00

خىتاي دۆلەتلىك تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى 4-فېۋرال چارشەنبە ئېلان قىلغان «كىملىك بويىچە تورغا چىقىش بەلگىلىمىسى» خىتاي تورداشلىرىنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. خىتايدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن سىنا، تېڭشۈن قاتارلىقلاردىكى مۇنازىرە مەيدانلىرى ۋە تېلېفون ئۇچۇر سىستېمىسىغا تەۋە بولغان ئۈندىدار قاتارلىقلاردا تارقالغان نارازىلىق ئۇچۇرلىرىدا، خىتايدا يېقىنقى يىللاردا ئىنتېرنېت ۋە ئەقىللىق تېلېفونلارنىڭ ئومۇملىشىش نىسبىتى ئاشقان بولسىمۇ، ئەمما ھۆكۈمەت ئارقا-ئارقىدىن ئېلان قىلىۋاتقان ھەر خىل بەلگىلىمە-نىزاملارنىڭ كۆپىيىشى ئىجتىمائىي ئالاقە تورلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ ئەركىنلىكىنى بارغانچە بوغۇۋاتقانلىقى تەكىتلەندى.

«ئىنتېرنېت ئىشلەتكۈچىلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك بەلگىلىمىلەر» 4-فېۋرال چارشەنبە كۈنى ئېلان قىلىندى. خىتاي دۆلەتلىك تور-ئۇچۇر ئىشخانىسى تەرىپىدىن تارقىتىلغان بەلگىلىمىدە 2015-يىلى 1-مارتتىن باشلاپ، ئۈندىدار، مۇنازىرە مەيدانى قاتارلىق ئاممىۋى تور سەھىپىلىرىنى ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ كىملىك بويىچە تىزىملىتىشى تەلەپ قىلىندى.

خىتاينىڭ شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 4-فېۋرالدىكى خەۋىرىدە، بەلگىلىمىنىڭ 10 تۈرلۈك كونكرېت مەزمۇنى تىلغا ئېلىنغان. يەنى چەتئەل پرېزىدېنتلىرى قاتارلىق مەشھۇر شەخسلەرنىڭ ئىسمىنى قوللىنىپ ئاممىۋى مۇنازىرە مەيدانلىرىغا كىرمەسلىك، پىكىر بايان قىلماسلىق، باش سۈرەتلىرىدە باشقىلارنىڭ رەسىمىنى ئىشلەتمەسلىك، (بولۇپمۇ دۆلەت باشلىقلىرى ۋە چولپانلارنىڭ باش سۈرەتلىرىنى ئىشلىتىش چەكلىنىدىغانلىقى)، دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان، باشقىلارنى ھاقارەتلەيدىغان، سوتسىيالىزم تۈزۈمىگە ھۇجۇم قىلىدىغان، دۆلەت مەنپەئەتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان، جەمئىيەت تەرتىپىنى ۋە ئەخلاقىنى بۇزىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللىماسلىق تەلەپ قىلىنغان. خەۋەردە يەنە 1-مارتتىن باشلاپ يۇقىرىقى بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلغۇچىلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى تىلغا ئېلىنغان.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە يەنە، ئىنتېرنېت ۋە ئەقىللىق تېلېفون قوللانغۇچىلىرىغا قارىتا بۇ خىل بەلگىلىمىنى ئېلان قىلىشتىكى سەۋەب ۋە مەقسەت ھەققىدىمۇ توختىلىپ،«يېقىندىن بۇيان ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە ۋە مۇنازىرە مەيدانلىرىدا پۇتىن، باراك ئوباما قاتارلىق چەتئەل پرېزىدېنتلىرىنىڭ ئىسمىنى ۋە باش سۈرىتىنى قوللىنىپ ساغلام بولمىغان ئۇچۇرلارنى يوللايدىغان كەيپىيات شەكىللەندى. خەلق گېزىتى قاتارلىق دۆلەت ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ نامىنى قوللىنىپ يالغان خەۋەر تارقىتىدىغان ئەھۋاللارمۇ كۆرۈلمەكتە. شۇڭا ساغلام تور مۇھىتى بەرپا قىلىش مەقسىتىدە بۇ بەلگىلىمىلەر ئېلان قىلىندى ۋە پۇقرالارنىڭ ئەمەل قىلىشى تەلەپ قىلىندى» دېگەن بايانلار بېرىلگەن.

ئىككى كۈندىن بۇيانقى خەلقئارا مەتبۇئاتلار ۋە خىتاي ئىچى-سىرتىدىكى ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدە دائىرىلەر ئېلان قىلغان توردا كىملىك قوللىنىش بەلگىلىمىسىگە نىسبەتەن ئىنكاسلار قوزغالدى. مەسىلەن، ۋاشىنگتون كۈندىلىك خەۋەرلەر گېزىتىنىڭ بۇ بەلگىلىمە ھەققىدىكى خەۋىرىدە، خىتاي سىياسىي قانۇن ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئۇچۇر تېخنىكا تەتقىقات ئورنىنىڭ تەتقىقاتچىسى دوتسېنت جۇ ۋېينىڭ سۆزى نەقىل ئېلىنىپ،«تورغا كىملىك بويىچە تىزىملىتىپ كىرىش تۈزۈمى، تور بېكەتلىرى مۇلازىمىتىنى كەسىپ قىلغان شىركەتلەرگە زىيان ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. چۈنكى ھازىر ئىنتېرنېت دۇنياسى ئاپتوماتىك ئۇچۇر خاتىرىلەش دەۋرىدە. ئەگەر ھەر بىر ئىنتېرنېت قوللانغۇچىسىدىن كىملىكتىكى ھەقىقىي ئىسىم فامىلىسى بويىچە توردا تىزىملىتىش تەلەپ قىلىنغاندا، نۇرغۇن تورداشلار شەخسى ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي ئۇچۇرلىرىنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن ئوغرىلىنىپ كېتىشىدىن ياكى نازارەت ئوبيېكتىغا ئايلىنىپ قېلىشتىن ئەنسىرەش سەۋەبىدىن شۇ تور بېكىتىگە كىرىشتىن ۋاز كېچىشى مۇمكىن» دېگەن بايانلار بېرىلدى.

دائىرىلەر ئېلان قىلغان «توردا كىملىك قوللىنىش بەلگىلىمىسىگە قارىتا خىتاي تورداشلىرى، مەسخىرە، كىنايە قاتارلىق ھەر خىل ئۇسۇللارنى قوللىنىپ نارازىلىق ئىنكاسلىرىنى يازغان.

سىنا تورىنىڭ مۇنازىرە مەيدانىدا بىر تورداش ئۆز نارازىلىقىنى ئىپادىلەپ،«فېيسبووك، يۇتۇپ، گوگۇل قاتارلىق خەلقئارالاشقان ئاممىۋى تور بېكەتلىرى جۇڭگودا ئېچىلمايدۇ. نورمال يول بىلەن بۇ تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلىش مۇمكىن ئەمەس. مانا ئەمدى ھۆكۈمەت كىملىكتىكى ئىسمى بويىچە تورغا تىزىملىتىپ كىرىشنى يولغا قويۇشنى قارار قىپتۇ. مانا ئەمدى تور ساقچىلىرى ھېچقانداق قىينالمايلا ‹تام ئاتلاپ خەلقئارا تور بېكەتلىرىنى زىيارەت قىلغۇچىلار› نى تۇتۇۋالغۇدەك» دېگەن بايانلارنى يازغان.

تېڭشۈن تورىدا نارازىلىقى ئىنكاسى يازغان يەنە بىرەيلەن، ئۆتكەن ھەپتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دائىرىلىرى ئېلان قىلغان«تېلېفون ۋە كومپيۇتېر سېتىۋالغۇچىلارنىڭ كىملىكىنى تىزىملاش» بەلگىلىمىسىنى تىلغا ئېلىپ،«قارىغاندا شىنجاڭدا يولغا قويۇلۇۋاتقان يېڭى بەلگىلىمىلەر ئەمدى پۈتۈن جۇڭگو قۇرۇقلۇقىغا كېڭىيىپتۇ. ئەمدى بىزمۇ شىنجاڭلىقلارغا ئوخشاش ئەقىللىق تېلېفوننى تاشلاپ، پەقەتلا سۆزلەشكىلى بولىدىغان ئىپتىدائىي تېلېفون ئىشلەتسەك، تورغا چىقىمىز دەپ ئاۋارە بولماي مەركىزى ھۆكۈمەت تارقاتقان تېلېۋىزىيە پروگراممىلىرىنىلا كۆرسەك بولغۇدەك. ئىلگىرى سوتسىيالىزم شىنجاڭدا ئىدى. مانا ئەمدى جۇڭگونىڭ ھەممە يېرىدە سوتسىيالىزم ئەمەلگە ئاشقۇدەك!» دەپ يازغان.

ئۇيغۇر ئېلى دائىرىلىرى 29-يانۋار كۈنى يانفون ۋە كومپيۇتېرلارنى كىملىك بويىچە تىزىملىتىپ، سېتىش-سېتىۋېلىش بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلىپ، بۇ بەلگىلىمىنىڭ 1-فېۋرالدىن باشلاپ ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن كېيىن، دائىرىلەرنىڭ بۇ بەلگىلىمىسى ئالدى بىلەن ئۇيغۇر ئېلىدا كومپيۇتېر ۋە تېلېفون تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان خىتاي سودىگەرلىرىنىڭ نارازىلىق ئىنكاسىنى قوزغىغان ئىدى. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ ئىنكاس قايتۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان قاتمۇ-قات مىللىي بېسىمى ۋە قاراتمىلىقى كۈچلۈك بولغان ئۇچۇر ۋە پىكىر ئەركىنلىكى چەكلەنگەن سىياسەت-بەلگىلىمىلەرنى ئەيىبلىگەن ئىدى.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2014-يىللىق ئىنتېرنېت دوكلاتىدا، خىتايدا تور قوللانغۇچىلىرىنىڭ ئىلگىرىكى يىللاردىكىدىن ھەسسىلەپ ئاشقانلىقىنى، خىتايدا ئىنتېرنېتنىڭ ئومۇملىشىش ۋەزىيىتى شەكىللەنگەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، خىتايدا 600 مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ ئىنتېرنېت ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما خەلقئارا دا خىتاي يەنىلا پىكىر ئەركىنلىكى قاتتىق چەكلەنگەن دۆلەتلەر دەپ قارىلىپ كەلمەكتە.

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى يېقىندا ئېلان قىلغان 2014-يىللىق خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ۋە ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىنتېرنېت ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەققىدىكى دوكلاتلاردا خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋە پىكىر ئەركىنلىكى ۋەزىيىتىنىڭ 2014-يىلى يامانلاشقانلىقى، 2014-يىلى بىر يىل ئىچىدە خىتايدا ئاممىۋى تور بېكەتلىرىدىن 100 نەچچە تور بېكىتىنىڭ ‹زىيانلىق ئۇچۇر تارقاتتى› دېگەن باھانىدە تاقىۋېتىلىپ، نۇرغۇنلىغان كىشىلەرنىڭ تورغا ئۇچۇر يوللىغانلىقى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى چەكلىگەن ئۇچۇرلارنى كۆرگەنلىكى سەۋەبىدىن تۈرمىلەرگە تاشلانغانلىقى تەنقىدلىنىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئۆز پۇقرالىرىغا ئەركىن سۆزلەش، ئەركىن پىكىر قىلىش مۇھىتى يارىتىش تەلەپ قىلىنغان ئىدى.