كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇرلارغا خالىغانچە قولغا ئېلىش، قىيناش ۋە غايىپ قىلىۋېتىش ۋاسىتىسى قوللانماقتا»
2014.01.21
بۈگۈن خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 2014-يىللىق دوكلاتىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئالاھىدە تىلغا ئېلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن «بۆلگۈنچىلىك، دىنى رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇش، دېگەن نام ئاستىدا ئۇيغۇرلارغا قىلىنىۋاتقان مىللىي كەمسىتىش، دىنى بېسىم ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە قىلىنىۋاتقان تاجاۋۇز رايوندىكى سۈركىلىشنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئامىل»، دەپ كۆرسىتىلگەن.
بۈگۈن خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىدىن بىرى بولغان «كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى» ھەر يىلى بىر قېتىم ھەر قايسى ئەللەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە ئېلان قىلىدىغان يىللىق دوكلاتىنى سەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلدى. 2014-يىللىق دوكلاتتا، ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئومۇمىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى، ئەمگەكچىلەر ھوقۇقى، ئاياللار -بالىلار ھوقۇقى، دىنى ئەركىنلىك ۋە پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ كاپالەتكە ئىگە قىلىنىشى قاتارلىق مەسىلىلەردىكى خاتىرىسىگە باھا بېرىلگەن. دوكلات ئومۇمىي باھا، رەسىملەر توپلىمى ۋە دۆلەتلەرگە بېرىلگەن ئايرىم باھادىن ئىبارەت 3 قىسىمغا ئايرىلغان.
90 دىن ئارتۇق دۆلەتنىڭ ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدىكى ۋەزىيىتى خۇلاسىلانغان دوكلاتنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا خىتايدا ئاخبارات -پىكىر ئەركىنلىكىنىڭ ئىلگىرىلەپ چەكلىنىۋاتقانلىقى، يەر ماجراسى، مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈش، ھەق -تەلەپ داۋاسى ۋە كىرىمدىكى تەڭپۇڭسىزلىق، مۇھىت بۇلغىنىشى، ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش، چىرىكلىك ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن باشقا ئادالەتسىزلىكلەر تۈپەيلىدىن كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 300-500 ئەتراپىدا نارازىلىق ھەرىكەتلىرى كېلىپ چىقىۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
بۇنىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ھەققىدە مۇنداق دېيىلگەن: شى جىنپىڭ، تەختكە ئولتۇرغاندىن بۇيان ئېلىپ بېرىۋاتقان چىرىكلىككە قارشى كۈرەش ئارقىلىق ئەمەلىيەتتە ئۆزىنىڭ سىياسىي رەقىبلىرىنى نىشان قىلدى. ئۇ ئۆكتىچىلەرگە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشكە باشلىدى، ئاخبارات ئەركىنلىكىنى تېخىمۇ ئىلگىرىلەپ چەكلىمە ئاستىغا ئالدى. ئۇ ئۆكتىچىلەر ۋە ئىنتېرنېتتىكى تەنقىدىي پىكىرچىلەرنى جازالاشنى قانۇنىيلاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىككى قانۇن ماقۇللاپ چىقتى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ۋەزىيىتىگە ئايرىم بىر تېما ئاستىدا مەخسۇس ئورۇن ئايرىپ، ئۇيغۇر ئېلىدە 2013-يىلى ۋەزىيەتنىڭ كەسكىن بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇنىڭدا «ھەر ساھەگە سىڭىپ كەتكەن مىللىي كەمسىتىش، ئېغىر دىنى بېسىم ۋە مىللىي مەدەنىيەتنىڭ ئىلگىرىلىگەن ھالدا بېسىم ئاستىغا ئېلىنىشى رايون ۋەزىيىتىنى كەسكىنلەشتۈرۈۋاتقان ئەڭ مۇھىم ئۈچ ئامىل» ئىكەنلىكى، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ قىلمىشىنى «بۆلگۈنچىلىك، دىنى رادىكاللىق ۋە تېررورلۇققا قارشى كۈرەش» نامى ئاستىدا يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان.
دوكلاتتا خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى ھەققىدە توختىلىپ: «2013-يىلى رايوندا يۈز بەرگەن ۋەقەلەردە 100 دىن ئارتۇق ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلدى. بۇ، 2009-يىلىدىكى ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن كۆرۈلگەن ئەڭ يۇقىرى چىقىم ھېسابلىنىدۇ. بۇ ۋەقەلەرنىڭ بەزىلىرىدە چىقىمنىڭ كۆپلۈكىگە ھۆكۈمەت قىسىملىرىنىڭ 23-ئاپرېلدىكى سېرىقبۇيا ۋەقەسى ۋە 26-ئىيۇل تۇرپاندىكى ۋەقەگە ئوخشاش ھەددىدىن ئارتۇق كۈچ قوللىنىپ، نامايىش قىلماقچى بولۇۋاتقان كىشىلەرگە ھۇجۇم قىلىشى سەۋەب بولغان دەپ قاراشقا بولىدۇ»، دەپ بايان قىلىنغان. دوكلاتتا 28-ئىيۇن كۈنى خوتەندە يۈز بەرگەن نامايىش ۋە شۇنداقلا 8-ئاۋغۇست كۈنى ئاقسۇدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرمۇ تىلغا ئېلىنىپ، ۋەقەلەرنىڭ ھەممىسىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچى، دىنى رادىكال ۋە تېرورلۇق گۇرۇپپىلىرىنى ئەيىبلەپ، مۇستەقىل تەكشۈرۈشنى رەت قىلغانلىقىنى ئەسكەرتىلگەن.
ئۇيغۇر ئېلىدىكى غايىپلار مەسىلىسىمۇ دوكلاتتا ئەسكەرتىلگەن مۇھىم تېمىلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇنىڭدا مۇنداق دېيىلگەن : خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆزى بۆلگۈنچى دەپ قارىغان كىشىلەرگە قارىتا خالىغانچە قولغا ئېلىش، قىيناش ۋە غايىپ قىلىۋېتىش ۋاسىتىسى قوللانماقتا. بۇ يەرلىك ئامما ئارىسىغا قورقۇنچ سېلىۋاتقان مۇھىم مەسىلە. ئۆتكەن يىلى ئىيۇلدا بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئىلھام توختى خىتاي ھۆكۈمىتىگە ئوچۇق خەت يېزىپ، غايىپ بولۇپ كەتكەن 34 كىشىنىڭ ئىز -دېرىكىنى بېرىشنى تەلەپ قىلغان ئىدى. بۇنىڭ بىلەن ئۇ قاتتىق تەقىپ ئاستىغا ئېلىنىپ، ئۇنىڭ چەتئەلگە چىقىشى چەكلەندى.
كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتتا ئۇيغۇرلارنىڭ يەر -جايلىرىدىن مەجبۇرىي كۆچۈرۈلۈشى ھەققىدىمۇ توختىلىپ، «خىتاي ھۆكۈمىتى شەھەرلەشتۈرۈش ۋە تەرەققىي قىلدۇرۇش نامى ئاستىدا ئۇيغۇرلارنى ئۆز جاي -ماكانلىرىدىن كۆچۈرۈش ۋە ئۇلارنىڭ ئۆي -جايلىرىنى چېقىش ھەرىكىتىنى تېزلەتمەكتە» دېگەن.
خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە بېرىلگەن ئومۇمىي باھادا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىدىن سىرت تىبەت ۋە شۇنداقلا خوڭكوڭنىڭ ۋەزىيىتىمۇ ئايرىم تېما ئاستىدا تىلغا ئېلىنغان. ئۇنىڭدا خىتايدا ئىقتىساد تەرەققىي قىلغاننىڭ ئەكسىچە پىكىر ئەركىنلىكى، پۇقرالارنىڭ يىغىلىش -تەشكىللىنىش ئەركىنلىكىنىڭ قاتتىق چەكلىمە ئاستىغا ئېلىنىۋاتقانلىقى، دىنى ئەركىنلىكنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقى، مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ چەكلەنگەنلىكى، ئەدلىيىنىڭ مۇستەقىل ئەمەسلىكى بايان قىلىغان.
دوكلاتتا مۇنداق دېيىلگەن:
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاخبارات، ئىنتېرنېت ۋە بارلىق مەتبۇئات ماتېرىياللىرىنى، ئاكادېمىيىلىك تەتقىقاتلارنى سۈزگۈچتىن ئۆتكۈزىدۇ. كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىك قىلمىشلىرىنى «جەمئىيەت ئامانلىقىنى ساقلاش» دەپ ئاتايدۇ. ئۇيغۇر، تىبەت ۋە موڭغۇل رايونلىرىدا بېسىم ئىنتايىن ئېغىر. خىتايدا مەكتەپلەردە مېيىپ بالىلارنىڭ ھوقۇقى كاپالەتكە ئىگە قىلىنمىغان. ھوقۇقنى قالايمىقان ئىشلىتىش، چىرىكلىك ئېغىر. ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتى ھېچنېمىگە قارىماي ئىنتېرنېتنى كونترول قىلىشنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرمەكتە.
دوكلاتتا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا مەسىلىلەرگە تۇتۇۋاتقان پوزىتسىيىسىمۇ تەنقىد قىلىنغان بولۇپ، ئۇنىڭدا، «خىتاي ھۆكۈمىتى ب د ت نىڭ بەزى مېخانىزىملىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى كۈچەيتكەن بولسىمۇ، ئەمما خەلقئارادا كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى ياخشىلاش ۋە باشقا دۆلەتلەرگە كىشىلىك ھوقۇققا ئالاقىدار مەسىلىلەردە بېسىم ئىشلىتىشكە توغرا كەلگەندە يەنىلا ھەمكارلىشىشتىن باش تارتىپ كەلمەكتە. سۈرىيىدىكى كرىزىسنىڭ قانچىلىك ئادەمنىڭ بېشىغا چىققانلىقىغا ئائىت ئىسپاتلار ۋە بەشەر ئەساد ھۆكۈمىتىنىڭ ئاۋام خەلققە خىمىيىۋىلىك قورال ئىشلەتكەنلىكى ئېنىق تۇرۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە سۈرىيە ھۆكۈمىتىنى جازالاش ھەققىدىكى قارارلارنى رەت قىلدى. ئۇ يەنە ۋەقەگە خەلقئارا سوتنىڭ ئارىلىشىشىنى چەكلىدى. بەزى ئۇرۇش جىنايىتى سادىر قىلىۋاتقان گۇرۇپپىلارنى قورال بىلەن تەمىنلەشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان قورال چەكلەش قارارلىرىغا قارشى چىقتى. خىتايغا ئائىت خۇسۇسىي ۋە دۆلەت ئىگىلىكىدىكى شىركەتلەر ئۆزلىرى مەبلەغ سېلىۋاتقان دۆلەتلەردە ئەمگەكچىلەر ھوقۇقىنى دەپسەندە قىلدى»، دەيىلگەن.
مەزكۇر دوكلات جەمئىي 682 بەتتىن تەركىپ تاپىدۇ. ئۇنىڭ كىرىش قىسمىدا 2013-يىلىدا دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى كاپالەتكە ئىگە قىلىشتا كۆرۈلگەن قىيىنچىلىقلار «ۋەھشىي جىنايەتنى توسىيالماسلىق، شىددەت ۋە تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشنى سۈيئىستىمال قىلىش» تىن ئىبارەت ئۈچ سۆزگە يىغىنچاقلانغان.