دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم فرانسىيىدە

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2013.02.20
rebiye-fransiye.JPG د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم ۋە مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى فرانسىيىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى بىلەن. 2013-يىلى فېۋرال.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى فرانسىيە پايتەختى پارىژدا ئۇچراشتى.

ئۇلار بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا فرانسىيىدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بەزى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى، ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن كۆرۈشۈپ بۇنىڭدىن كېيىن ياۋروپادا ئېلىپ بارماقچى بولغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە پىلان تۈزمەكچىكەن. بەش كۈن داۋام قىلىدىغان بۇ زىيارەت جەريانىدا فرانسىيىدىكى بەزى سىياسىي پارتىيە مەسئۇللىرى ۋە سىياسىيونلار بىلەنمۇ ئۇچرىشىدىكەن.

فرانسىيە يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئۇيغۇرلار ئەڭ كۆپ ئوقۇشقا چىقىۋاتقان دۆلەتلەردىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى پائالىيەتلىرىنى داۋاملاشتۇرماقتا. رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت بۇ زىيارىتى جەريانىدا فرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى رەئىسى ئەكبەر يۈسۈپ ئەپەندى ۋە جەمئىيەت ئەزالىرى بىلەنمۇ ئايرىم ئۇچرىشىپ، بۇ تەشكىلاتنى كۈچلەندۈرۈشنىڭ يوللىرى ھەققىدە مەسلىھەتلىشىدىكەن. بىز بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇماتلارغا ئېرىشىش ئۈچۈن فرانسىيىدە ئۇچرىشىشلارغا داۋام قىلىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

ئۇ سۆھبىتىمىزدە، ئىككى كۈندىن بېرى پائالىيەتلىرىنىڭ جانلىق داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى، فرانسىيىدە ئۇيغۇر ئىشخانىسى ئېچىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى ئېيتتى.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.