خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك، مەدەنىيەت ھوقۇقلىرىنىڭ ئىزچىل دەپسەندە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-02-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
«تېررورچىلار» نى تۇتۇشتا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئامانلىقنى قوغداۋاتقان قوراللىق كۈچلەر. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست، خوتەن.
«تېررورچىلار» نى تۇتۇشتا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئامانلىقنى قوغداۋاتقان قوراللىق كۈچلەر. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست، خوتەن.
AFP

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى يىللىق كىشىلىك ھوقۇق دوكلاتىدا، خىتاينىڭ 2016-2017-يىللىرى كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق باستۇرۇپ، پائالىيەتچىلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلارنىڭ داۋاملىق سىستېمىلىق نازارەت قىلىش، پاراكەندىچىلىك سېلىش، قورقۇتۇش، قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش نىشانى بولۇپ كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، بۇ مەزگىل ئىچىدە غەيرىي رەسمىي تۈرمىلەردە تۇتۇپ تۇرۇۋاتقان كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىغۇچىلار كۆپەيگەن. بەزىدە ئۇلارنىڭ ئۇزۇن مەزگىل ئادۋوكاتى بىلەن كۆرۈشۈشى چەكلىنىپ، تۇتقۇنلارنىڭ تەن جازاسى ۋە قوپال مۇئامىلىگە ئۇچراش خەۋپى كۈچەيگەن.

دۆلەتنىڭ كونتروللۇقى سىرتىدىكى دىنىي پائالىيەتلەرنى باستۇرۇش ئەۋجىگە چىققان. «تېررورلۇق» ۋە «ئەسەبىيلىك»كە قارشى تۇرۇش نامىدىكى دىنىي باستۇرۇش تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونلىرىدا ئالاھىدە ئېغىرلاشقان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ ۋاشىنگتوندا تۇرۇشلۇق مەسئۇلى ت. كۇمار ئەپەندى چارشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى بەزى سىياسەتلىرىنىڭ ئۆزلىرىنى قاتتىق ئەندىشىگە سېلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ت. كۇمار مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى ئېتنىك ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ، بولۇپمۇ ئۇيغۇر يازغۇچىلىرى ۋە ئۇيغۇرچە تور باشقۇرغۇچىلىرىنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى ھەم تۈرمىلەرگە تاشلىنىشىدىن ئەندىشە قىلىۋاتىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى شىنجاڭدا يەنە ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنىمۇ تۇتقۇن قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، دائىرىلەر دىنىي باستۇرۇشنى بولۇپمۇ ئىسلام دىنىغا قارىتا باستۇرۇشنى يولغا قويۇۋاتىدۇ. ئۇلار يەنە ساياھەت ئىشلىرىدا بەزى يېڭى چەكلىمىلەرنى يولغا قويدى. بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتىنى تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىپ، ساياھەت قىلغۇچىلارنى ئالاھىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ باردى.»

دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2016‏-يىلى 7‏-سېنتەبىردە چىقارغان «دىنىي ئىشلار باشقۇرۇش نىزامى» دائىرىلەرگە زور ھوقۇقلارنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلەرنى نازارەت قىلىش، كونترول قىلىش، بەزى دىنىي ئىبادەتلەرنى چەكلەش ھوقۇقىنى كېڭەيتكەن. نەتىجىدە، بۇ «سىڭىپ كىرىش ۋە ئەسەبىيلىك» كە قارشى دۆلەت بىخەتەرلىكىنى قوغداش دېگەن نام بىلەن، دىنىي ئېتىقاد ئەركىنلىكىنىڭ، خۇسۇسەن بۇددىست تىبەتلەر، مۇسۇلمان ئۇيغۇرلار ۋە يەر ئاستى خرىستىئان چېركاۋلىرىنىڭ قاتتىق باستۇرۇلۇشىغا يول ئاچقان.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىدىكى ت. كۇمار ئەپەندىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۆتكەن بىر يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى باستۇرۇشى داۋاملىق كۈچەيگەن.

ئۇ: «بىز خىتاينىڭ ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى سىياسىي ۋە دىنىي كۆز قارىشىنى ئىپادىلىگەن ئۇيغۇرلارنى باستۇرىدىغان بىر خىل باھانە سۈپىتىدە قوللانماسلىقىنى ئىستەيمىز. لېكىن ئۇ ھازىر تېررورلۇققا قارشى تۇرۇشنى باھانە قىلىپ، باستۇرۇشنى كۈچەيتىۋاتقاندەك قىلىدۇ» دېدى.

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى دىنىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىپ، رۇخسەتسىز توپلانغان بارلىق دىنىي يىغىلىشلارنى باستۇرۇپ كەلگەن. دوكلاتتا، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ئىسلام جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇرەقىپ تۇنىيازنىڭ 2016‏-يىلى 3‏-ئايدا قىلغان سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، ئۇيغۇر رايونىدىكى بارلىق يەر ئاستى دىنىي كۇرسلارنىڭ تاقىۋېتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، پۇقرالارنىڭ پاسپورتىنى يىغىۋالغانلىقى، چەتئەلگە چىقىدىغان بارلىق پۇقرالارنىڭ DNA ئۈلگىسى ۋە باشقا بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرلىرىنى تاپشۇرۇشنى تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئالاھىدە ئوتتۇرىغا قويۇپ، «بۇ تەدبىرلەر رايوندىكى باستۇرۇش، ئېتنىك ئاز سانلىق مىللەتلەرنى نىشان قىلغان، ئۇلارغا كەڭ ساياھەت چەكلىمىسى يولغا قويۇلغان مەزگىلدە ئوتتۇرىغا قويۇلدى» دېيىلگەن.

ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ قارىشىچە، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتى دۇنيانىڭ دىققىتىنى ئۇيغۇرلارغا بۇراشتىكى مۇھىم دەلىل. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى، بۇ دوكلاتنىڭ ئۇيغۇر ئىلىدىكى دەپسەندىچىلىكنى ئىسپاتلايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈمىد ئاگاھى مۇنداق دەيدۇ: «خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ تىلىنى، دىنىنى، مىللىي ئۆرپ-ئادىتىنى ھەتتا يەسلىدىن باشلاپ خىتايلاشتۇرۇپ، پۈتۈنلەي ئېرىتىۋېتىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى بۇ دەرىجىدە ئىپادىلىشى، ئۇيغۇر ئىلىدىكى جۈملىدىن شەرقىي تۈركىستاندىكى دەپسەندىچىلىكنىڭ ھەقىقەتەن توغرا ئىكەنلىكىنى، ناھايىتى دەھشەتلىك بولۇۋاتقانلىقىنى ئىسپاتلايدۇ. شۇڭا، خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ بۇ دوكلاتى بىز ئۈچۈن مۇھىم.»

ئۇ يەنە، خىتاي ھۆكۈمىتى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ تەۋسىيەلىرىگە قۇلاق سېلىپ، ئۆزىنىڭ سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى، بولمىسا بۇنىڭ ئېغىر ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈمىد ئاگاھى: «ئۇنىڭ شۇنداق ئۈنۈمى بولىدىكى، ئۇيغۇر خەلقى بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى زىددىيەت تېخىمۇ كەسكىنلىشىدۇ. ۋەقە تېخىمۇ كۆپ چىقىدۇ. خىتاينىڭ قىلىۋاتقان دىكتاتورىلىقى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنى ئەڭ ئاخىرىدا شۇ يەرگە ئاپىرىدۇ. چۈنكى، خەلق ھېچقانداق ياشاش، ئەركىنلىكىنى ئىپادىلەش ئىمكانىيىتى قالمىغاندا جېنىنى تىكىدۇ. 90‏-يىللاردىن ئېتىبارەن، بىر مۇسۇلمان خەلقنى بۇنىڭ بىلەن توي قىلىسەن، بۇنىڭ بىلەن بىرگە ياشايسەن، دىنىڭدىن ۋاز كېچىسەن دېيىشى، دۇنيادا بولۇپ باقمىغان ھادىسە. خىتاينىڭ بۇ سىياسىتى ئاخىرىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ تىنچلىقىغا، خىتاينىڭ ئۆزىنىڭ تىنچلىقىغىمۇ زور تەھدىت ئېلىپ كېلىدۇ.»

خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ دوكلاتىدا يەنە، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىلىرىنى خىتاي ئۆلكىلىرىگە ئەۋەتىش مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. دوكلاتتا قەيت قىلىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتى مەزكۇر پىلان «تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە بۆلگۈنچىلىككە تاقابىل تۇرۇش»نىڭ بىر خىل ئۇسۇلى، دەپ چۈشەندۈرسىمۇ، بىراق بۇ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. دوكلاتتا، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ پىلان ئۇيغۇر مەدەنىيەت كىملىكىنى ئاجىزلاشتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان، دەپ قارايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا 1900 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇتقۇچىنى خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى كۆزىتىشكە ئەۋەتىدىغانلىقىنى جاكارلاپ، 2020‏-يىلىغا قەدەر ئوقۇتقۇچىلار سانىنى 7200 گە يەتكۈزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت