ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 28-نۆۋەتلىك دائىمىي يىغىنى ئېچىلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، شىۋىتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدىكى ب د ت بىناسىنىڭ ئىچىدە «خىتاينىڭ كونترولى ئاستىدىكى مىللەتلەر مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق يىغىن بىلەن «چاتاق چىقىۋاتقان رايونلاردا پىكىر ئەركىنلىكى مەسىلىسى» ماۋزۇلۇق يىغىن چاقىرىلدى.
3-ئاينىڭ 16-كۈنى چاقىرىلغان يىغىندا تىبەت، جەنۇبىي موڭغۇلىيە ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئىككىلا يىغىنغا تىبەت، موڭغۇل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، بىرلەشكەن دۆلەتلەر ئىنسان ھەقلىرى كومىتېتى مەسئۇللىرى، خىتايدىن كەلگەن كىشىلەر ۋە ژۇرنالىستلاردىن بولۇپ 100 ئەتراپىدا كىشى قاتناشقان. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا بىلەن پېتەر ئىۋىن ئەپەندى قاتناشقان. ئۇلار ئىككىلا يىغىندا ئۇيغۇرلار دۇچار بولۇۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى مىساللار بىلەن ئوتتۇرىغا قويغان.
خىتاي ۋەكىللەر ھەر دائىمكىگە ئوخشاشلا «خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەر سىياسىتىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، شەرقىي تۈركىستان نامىدا بىر زېمىننىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكى، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكى، خىتاي دۆلىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى كۈرەش قىلىۋاتقانلىقى» قاتارلىقلارنى ئېيتقان. ئۇيغۇر ۋەكىللەر خىتاي ۋەكىللەرنىڭ بۇ كۆز قارىشىغا رەددىيە بىلدۈرگەن.
بىز بۇ يىغىن توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن جەنۋەدە بۇ يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق. ئۇ، 5 كۈندىن بېرى ب د ت دە بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە قاتناشقانلىقىنى، بۇ يىغىن جەريانىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئېچىنىشلىق ۋەزىيىتىنى خەلقئاراغا ئاڭلىتىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.