گېرمانىيەدە ئېچىلىۋاتقان غايىپلار ھەققىدىكى يىغىنىدىن خەۋەر تاپقان غايىب ئانىسى پاتىگۈل غۇلام، بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، مەزكۇر يىغىننى تەشكىللىگەن ۋە قاتناشقان بارلىق كىشىلەرگە مىننەتدارلىقىنى بىلدۈردى ھەمدە ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۆزىگە ئوخشاش غايىپلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭ غايىپلار ھەققىدە ئۇچۇر ئېلىشىغا يىغىن قاتناشچىلىرىنىڭ ئىزچىل ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلدى. پاتىگۈل غۇلام يەنە 9-ئاپرېل كۈنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ مېىڭشەن بىلەن كۆرۈشكەن چېغىدا، ۋاڭ مېڭشەننىڭ غايىپلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى يەنە ئەخمەق قىلىپ «بالىلىرىڭلارنى تېخىچە ئىزدەۋاتىمىز» دەپ جاۋاب بەرگەنلىكىنى پاش قىلدى.
پاتىگۈل: گېرمانىيەدە بىزنىڭ بالىلىرىمىز ھەققىدە-غايىپلار ھەققىدە يىغىن ئېچىلىۋاتقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم؛ ئاڭلاپ ئىنتايىن خوش بولدۇم. دۇنيادا بىز ئۈچۈنمۇ باش قاتۇرىدىغان، بىزنىڭ غېمىمىزنى يەيدىغان، ھەق-ناھەقنى سۈرۈشتە قىلىدىغان، بىر ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوقاپ كەتسە، بۇ نەگە كەتتى، بۇنىڭغا نېمە بولدى دەپ سورايدىغان بىر ئورۇن، بىر تەشكىلات ۋە كىشىلەر بارلىقىنى ئۇقۇپ بەكلا خوش بولدۇم.
مۇخبىر: دۇنيادا مۇشۇ مەسىلە ئۈچۈن باش قاتۇرۇۋاتقان كىشى ۋە تەشكىلاتلارنىڭ بارلىقىنى تەخمىن قىلمىغانمىدىڭلار؟
پاتىگۈل: يېقىندا شى جىنپىڭنى گوللاندىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنى زىيارەت قىلدى دەپ ئاڭلىدىم، شۇ بارغان يەرلىرىدە ئۇنىڭغا «مۇنچىلىك ئادەمنى يوق قىلىۋېتىپسەن، نېمە قىلدىڭ؟» دەپ سورار دەپ ئۈمىد قىلغان ئىدىم، چۈنكى 3-4 يىلدىن بېرى نەچچە قېتىم چەتئەل مۇخبىرلىرىغا دەرد تۆكتۇق، بۇ ئىشنى دۇنيا بىلىدۇ دەپ تەخمىن قىلىمىز. بىراق ھېچبىر يەردىن شى جىنپىڭغا بۇنداق بىر سۆزنىڭ دېيىلگەنلىكىنى ئاڭلىمىدىم، ئاڭلىماي قالدىممۇ، ياكى خەلقئارا جامائەتمۇ بىزگە ئوخشاش-شىنجاڭ خەلقىگە ئوخشاش شى جىنپىڭدىن قورقامدۇ دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم.
مۇخبىر: يىغىن قاتناشچىلىرىغا دەيدىغان سۆزلىرىڭىز نېمە؟
پاتىگۈل: دەپ قويۇڭ، بىز دۇنيادىن ياردەم تەلەپ قىلىمىز، بالىلىرىمىزنى قۇتۇلدۇرۇپ بەرسۇن دېمەيمىز، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چاققىچە چوقۇم قېنىنى شوراپ ئىچىپ، گۆشىنى يەپ بولدى، تىرىكلىكىدىن ئۈمىدىمىز يوق، بىز پەقەت ئۇچۇرنى ئېلىپ بېرىشىنى، يەنى يا ئۆلۈك، يا تىرىك دېگەن بىر ئېغىز ئۇچۇر ئېلىشىمىزغا ياردەم قىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز. بۇ تەلىپىمىزگە شىنجاڭ ھۆكۈمىتىدىن جاۋاب كەلمىدى، بېيجىڭدىنمۇ جاۋاب كەلمىدى، ئامالسىز، دۇنياغا مۇراجىئەت قىلىۋاتىمىز، بىزگە ياردەم قىلسۇن، بىزنى بۇ ئازابتىن قۇتۇلدۇرسۇن، بەك قىينىلىپ كەتتۇق، بەك ئازابلاندۇق. ئۆلگىنى ئوچۇق، ئۇققان بولساق، نەزىر ئۆتكۈزەتتۇق، دۇئا قىلىتۇق، تەسەللى تاپىتۇق، بەلكىم سەۋر قىلىتۇق، بۇ دەرىجىدە قىينالمايتتۇق. بىزگە ياردەم قىلسۇن، بىزنى ئۇنتۇپ قالمىسۇن، بۇ ئىشنى دەيدىغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىگە دېسۇن، ئاۋازىمىزنى يەتكۈزسۇن...
مۇخبىر: ئالاقىدار ئورۇنلارغا يەنە بېرىپ تۇرۇۋاتامسىلەر؟
پاتىگۈل: ئەلۋەتتە بېرىپ تۇرۇۋاتىمىز، تاشلىۋەتكىلى بولامدۇ؟! ئۇنتۇپ كەتكىلى بولامدۇ؟ ئەڭ يېقىندا 9-چېسلا باردۇق. شەھەرلىك ساقچىنىڭ باشلىقى ۋاڭ مېڭشەن بىلەن كۆرۈشتۇق.
مۇخبىر: ئىشخانىسىدا كۆرۈشتۈڭلارمۇ؟
پاتىگۈل: ياق، ئەرزىيەت ئىشخانىسىدا كۆرۈشتۇق، ئەرز قوبۇل قىلغىلى كەپتىكەن. 10 كىشى بارغان ئىدۇق، ئىككىمىزنىڭ كۆرۈشۈشىگە رۇخسەت قىلدى. كۆرۈشكەن يېرىمىزدىمۇ ئارقىمىزدا ئىككى قوراللىق ساقچى ئاپتوماتىنى بېشىمىزغا تەڭلەپ تۇرىدۇ، ئالدىمىزدا ۋاڭ مېڭشەن ئەينەك توسۇقنىڭ ئۇ تەرىپىدە ئولتۇرىدۇ، يېنىمىزدا ئىككى تەرجىمان تۇرىدۇ.
مۇخبىر: جاۋابى نېمە بولدى؟
پاتىگۈل: ئىزدەۋاتىمىز، ساقلاڭلار دەيدۇ. بۇ، ئادەم ئەخمەق قىلغانلىق بولماي نېمە؟ ئۇ بالىلار ئايروپىلان بىلەن تىنچ ئوكيانغا چۈشۈپ كەتمىگەن تۇرسا، بېلىكىدىن تۇتۇپ ئۆيدىن ياكى كوچىدىن تۇتۇپ ئەكەتكەن تۇرسا، تۈرمىدە بىللە ياتقانلار تۇرسا، سوراق قىلغانلار ھازىرغىچە ئىشلەۋاتسا، بالىلىرىمىز نەگە كېتىدۇ، كىمدىن سورايدۇ؟
مۇخبىر: ۋاڭ مېڭشەن مۇشۇ گەپنى قىلغاندا بىرئاز ئامالسىزلىق ئىپادىسى ياكى يالغان گەپ قىلغانلىقى پوزىتسىيەسىدىن چاندىمۇ ياكى ناھايىتى تەبىئىي پوزىتسىيەدە گەپ قىلدىمۇ؟
پاتىگۈل: بىز ئۇنىڭغا، سەن ئۆزۈڭ تۇتۇپ كەتكەن ئادەمنى ئۆزۈڭ بىلمەيدىغان قانداق ئادەمسەن، مەسئۇلىيەت دېگەن نەرسە يوقمۇ، بۇ گۇڭسەنداڭ دېگەننى ئەتىگەندىن كەچكىچە تېلېۋىزوردا ماختايسەن، ئەمەلىيەتتە گۇڭسەنداڭ دېگىنىڭ مۇشۇنداق بۇياۋلەندى (يۈزسىز)مۇ دېدىم، بۇ گەپنى قىلىۋاتسام، يېنىمىزدىكى تەرجىمانلىق قىلىۋاتقان ساقچىلار، ياق بۇنداق گەپ قىلماڭ دەپ بىزنى سۆرەپ-تارتىپ چىقىرىۋەتتى.
مۇخبىر: ھازىر ۋەزىيەت كەسكىن. مۇشۇ گەپلىرىڭىز ئۈچۈن ئۆزىڭىزگە بىر ئاۋارىچىلىك كېلىپ قېلىشىنى ئويلىمامسىز؟
پاتىگۈل: كەلسە، كەلسۇن، ھېلىمۇ ئاز ئاۋارىچىلىك كەلمىدى، ھەرقانداق ئازاب، بالا ئازابىنى بېسىپ چۈشمەيدىكەن. ئىماممەمەت بالامنىڭ ئۇچۇرىنى ئېلىش ئۈچۈن گەپ قىلىپ ئېتىلىپ كەتسەممۇ رازىمەن.