رابىيە قادىر خانىم: ماگنىتىسكى قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى بۇزغۇچى ئەمەلدارلارنى ئاگاھلاندۇرۇش رولى بار

0:00 / 0:00

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم، 29‏-ئاپرېل ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن «يەر شارى ماگنىتىسكى كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» ھەققىدىكى يىغىندا گۇۋاھلىق بەرگەن 4 ئاممىۋى تەشكىلات رەھبىرىنىڭ بىرى. ئۇ سۆزىنى «ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزۈشكە پۇرسەت بەرگەن ئامېرىكا دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىش» بىلەن باشلىدى.

ئۇ مۇنداق دېدى:، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ «مېنى تارىخىي بىر كىشىلىك ھوقۇق ئۇۋالى بىر ئىنسان ئۈچۈن تۈزگەن ئامېرىكىنىڭ دۆلەت قانۇنىنى مۇزاكىرە قىلىشقا چاقىرىپ، مۇشۇ يەردە مېنىڭ خەلقىمنىڭ ئاۋازىنى ھەم مۇشۇ ئادالەت قانۇنىنىڭ ئالدىدا سۆزلەش پۇرسىتى بەرگەنلىكى ئۈچۈن پۈتۈن دۆلەت مەجلىس ئەزالىرىغا رەھمەت ئېيتىمەن.»

ئۇ گۇۋاھلىق سۆزىدە يەنە، «ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى»نى قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ قانۇن دۇنيادا كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش يولىدىكى مۇھىم ئابىدە، دەپ كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا تەكىتلىشىچە، ماگنىتىسكى قانۇنىنىڭ پەقەت رۇسىيە بىلەن چەكلىنىپ قالماي، ئۇنىڭ دۇنيادىكى قەبىھ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرگەن بارلىق ئەمەلدارلارنى نىشان قىلغان ئۇنىۋېرسال قانۇنغا ئايلىنىشى جىددىي ھەم زۆرۈر. بۇ قانۇن ماقۇللانسا، ئۇ ئۇيغۇر ئېلىدە كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچى، پارىخور خىيانەتچى ئەمەلدارلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈشكە يول ئېچىلىدۇ.

تام ئېممېر «ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى»نى قوللاپ ئاۋاز بەرگەن ئامېرىكا ئاۋام پالاتا ئەزالىرىنىڭ بىرى. ئۇ يىغىنىدا، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارنىڭ جىددىي جاۋابكارلىققا تارتىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، بۇ قانۇن ئامېرىكا پرېزىدېنتىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىرىنى جازالاش ئىمكانىيىتىنى كۈچەيتىدۇ، دەپ كۆرسەتتى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن بۇ قانۇن كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىرىنى جاۋابكارلىققا تارتىشتىكى مۇھىم ھەم زۆرۈر قورال، دەپ ھېسابلايمەن.شۇڭا، مەن بۇ گۇۋاھلىق يىغىنىغا ئىشتىراك قىلغانلىقىدىن مىننەتدار. كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى ئۇ كىشىلەر چوقۇم جىددىي بەدەل تۆلىشى كېرەك. بۇ گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنى بىلەن بىرگە، «ماگنىتىسكى كىشىلىك ھوقۇق جاۋابكارلىق قانۇنى» پرېزىدېنتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىرىغا ئېمبارگو قويۇش ئىمكانىيىتىنى كۈچەيتىدۇ.

ئاۋام پالاتا ئەزاسى دەيۋىد سىسسىلىنى بولسا، ماگنىتىسكى قانۇنى ئامېرىكىنىڭ كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلارغا قارشى ئەتراپلىق تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: بۇ قانۇن بىزنىڭ ئەتراپلىق تەدبىر قوللىنىپ، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغدىشىمىزغا، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىقتا مەسئۇلىيىتى بار كىشىلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىشىمىزغا كاپالەتلىك قىلىدۇ. بارلىق شەخسلەرنىڭ جۈملىدىن بارلىق ئاجىز ھەم يەكلەشكە ئۇچرىغان توپلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم. ئامېرىكا چوقۇم ئىرقىي، ئېتنىك، تىل جەھەتتىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر، ئاياللار ۋە بالىلارنى، دىنىي ئاز سانلىقلار ھەم سىياسىي ئۆكتىچى ۋە باشقىلارنى قوغداشتا بايراقدارلىق رول ئوينىشى كېرەك.

لېكىن گۇۋاھلىق يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىم مەزكۇر قانۇن ناھىيىسى ماقۇللانسا، ئۇنى تولۇق ئىجرا قىلىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىدى.

ئۇنىڭ ئاۋام پالاتا ئەزالىرىغا كۆرسىتىشىچە، بۇ قانۇن ئوخشاشلا سابىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى ۋاڭ لېچۈەن ۋە ھازىرقى پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن قاتارلىق كىشىلەرگە تەتبىقلىنىپ، ئۇلارنى جاۋابكارلىققا تارتىش كېرەك.

ئۇ مۇنداق دېدى: خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلەن، ۋاڭ لېچۈەن، دەيمىز، بىزنىڭ مۇشۇ ۋەتىنىمىزدىكى مىڭلىغان ئادەمنى 2009‏-يىلى 7‏-ئاينىڭ 5‏-كۈنى ئۆلتۈرگەن ئادەم، شۇنداق جىق پارا بىلەن ئىقتىسادى مەسىلىسى چۇگۇلۇپ بېيجىڭغا ئېلىپ كەتتى. بۇ كىشى سىرتتا تۇرۇۋاتىدۇ. لېكىن ئۇنى قوغداۋاتىدۇ. بېيجىڭ. مەسىلەن، جاڭ چۈنشيەن مۇشۇ 2 يىلدىن بېرى شۇنداق ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ، لېكىن دۆلەت مەجلىسى ئۇنى چاقىرىپ سۆھبەت ئۆتكۈزدى. مۇشۇ قانۇن بىلەن ئاشۇنداق ئادەملەرنى ئاشكارا چەكلەش، ئالدى بىلەن دۆلەت مەجلىسىدىن باشلانسۇن. ئۇلارنى چەكلەش، كىرگۈزمەسلىك، بۇ تەرەپكە مەبلەغ سالغۇزماسلىق لازىم. خىتايدا ھازىر مۇشۇنداق ئادەملەرنىڭ تىزىملىكى ئوچۇق ھەم ئاشكارىلىنىۋاتىدۇ.

29‏-ئاپرېلدىكى يىغىنىدا رابىيە قادىر خانىم بىلەن بىرگە، ئامېرىكا ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دانىئال كىلىنگېرت، ئامېرىكا خادسون ئىنستىتۇتىنىڭ پرېزىدېنتى كېننىس ۋېينستېين، خارمىتەج كاپىتال باشقۇرۇش شىركىتىنىڭ باش درىكتورى ۋىللىئام بروۋدېر گۇۋاھلىق بەردى.

ئەركىنلىك ئۆيىنىڭ مۇئاۋىن پرېزىدېنتى دابنال كىلىنگېرت، بۇ قانۇننىڭ ئاچقۇچلۇق كۈچى ئۇنىڭ يەر شارى خاراكتېرلىك ئىكەنلىكى ۋە بارلىق دۆلەتلەرگە قارىتىلغانلىقىدا، دېدى.

ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداشنىڭ ئەڭ ئۈنۈملۈك چارىسى دىكتاتور ئەللەرنىڭ ئەڭ ئاجىز نۇقتىسىنى تۇتۇۋېلىشتۇر. خىيانەتچى پارىخور ئەمەلدارلار، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچى كونكرېت شەخسلەرنى نىشانغا ئېلىش ئۈنۈملۈك چارە.

ئۇ مۇنداق دېدى: ئامېرىكا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى تەشەببۇسكارلىقنى دىكتاتور ئەللەردىن تارتىۋېلىشقا ئېھتىياجلىق. بۇنى قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يولى ئۇلارنىڭ ئاجىز نۇقتىسىنى نىشانغا ئېلىشتۇر. يەنى، ئەڭ ئاجىز نۇقتا ئۇلارنىڭ جازاسىز قېلىشى، خىيانەتچىلىك. بىز نېمىشقا شەخسلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىنىڭ جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرىمىز؟ بىرىنچى، بېسىمنى كۈچەيتىپ، ھۆكۈمەتلەرنى كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلدۇرۇش. ئۇلارنىڭ ئۆزىنىڭ ئاساسى قانۇنى ۋە خەلقئارا ئەھدىسىگە ئەمەل قىلىشقا مەجبۇرلاش. ئىككىنچى،كەلگۈسىدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزۈغۇنچىلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش. ئەگەر كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلۈغۇچىلارغا جازا قويۇلسا، ئۇلار جىنايەت سادىر قىلىشتىن بۇرۇن ئويلىشىپ ئىش قىلىشى مۇمكىن. ئۈچىنچى، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەرنى مۈشكۈل تاللاشقا مەجبۇرلاش.

رابىيە قادىر خانىم گۇۋاھلىق يىغىنىنىڭ ئاخىرىدا مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، «ماگنىتىسكى قانۇنى» خىتاي ئەمەلدارلىرىغا ئۇيغۇر ئېلىدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقى، پارىخورلۇق ۋە چىرىكلىكىنى توختىتىش ھەققىدە كۈچلۈك سىگنال بېرىدۇ، دېدى.

ئۇ مۇنداق دېدى: مەن چوقۇم تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شەرقىي تۈركىستاندا مىڭلارچە ئۆلتۈرۈلگەنلەرگە مانا مۇشۇ ماگنىتىسكى قانۇنى ئارقىلقى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى شۇنداق سىگنال بەردى. قانداق يوغان دۆلەت بولۇپ كەتكىن، سەن كىشىلەرنى مۇشۇنداق تۈرمىدە قىيناپ ئۆلتۈرسەڭ، قانۇنسىز تۇتساڭ، ئۆلتۈرسەڭ، بىز ئامېرىكىغا كىرگۈزمەيمىز، مال-مۈلكىڭنى توڭلىتىمىز، بىز ئەمدى تەدبىر قوللىنىمىز، دېگەن سىگنالنى بەردى. مەن بۇ قانۇننىڭ مېنىڭ خەلقىمنىڭ تۈرمىدە ئۆلۈۋاتقان، تۇتۇلۇۋاتقان، يوقاۋاتقان، قىينىلىۋاتقانلارنىڭ سورىقىنى مۇشۇ قانۇنغا چۈشۈرۈپ ئېلىش پۇرسىتىگە ئېرىشىمىز.

يىغىندا، ئاۋام پالاتا ئەزاسى سىسسىلىنې، كىشىلىك ھوقۇق داۋاملىق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ھۈل تېشىنى تەشكىل قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلەپ، بۇ ئامېرىكىنىڭ مەسئۇلىيىتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

مۇنداق دېدى: «بارلىق خەلق ھۆرمەتكە سازاۋەر بولۇشقا، ھاياتىنى زوراۋانلىقتىن، جازالىنىشتىن، كەمسىتىشتىن، باستۇرۇشتىن خالى، ئەركىن ياشاشقا ھەقلىق. ئاساسى كىشىلىك ھوقۇقنى قوغداش ئىنتايىن مۇھىم جاۋابكارلىق. ئۇ داۋاملىق ئامېرىكا تاشقى سىياسىتىنىڭ ھۈل تېشىنى تەشكىل قىلىشى كېرەك ھەم زۆرۈر. مانا بۇ، ئامېرىكىنىڭ نېمە ئۈچۈن كىشىلىك ھوقۇق ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلغۇچىلار ياكى ئۇنىڭغا شېرىك بولغۇچىلارغا ئېمبارگو قويۇش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئىپادىلىشىدىكى سەۋەب.

«ماگنىتىسكىي كىشىلىك ھوقۇق قانۇنى» 2012‏-يىلى رۇسىيە كىشىلىك ھوقۇق ئادۋوكاتى سېرگېي ماگنىتىسكىنىڭ نامىدا چىقىرىلغان. سېرگېي ماگنىتىسكى 2008‏-رۇسىيە ئەمەلدارلىرىنىڭ پاررىخورلۇق، چېكىرىكلىك ۋە كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىق قىلمىشلىرىنى پاش قىلىپ قولغا ئېلىنغان. ئۇ 2011‏-يىلى تۈرمىدە ئېغىر تەن جازاسى ۋە كەمسىتىشكە ئۇچراپ ئۆلگەن.

ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى 2012‏-يىلى «ماگنىتىسكى قانۇنى»دا ئۇنىڭغا زىيانكەشلىك رۇسىيە ئەمەلدارلىرىغا ئېمبارگو قويغان. تىزىملىكتىكى ئەمەلدارلارنىڭ ئامېرىكا زېمىنىغا كىرىشى، ئامېرىكىغا مەبلەغ سېلىشى، ئامېرىكا مالىيە، پۇل-مۇئامىلە سىستېمىسىنى قوللىنىپ، سودا قىلىشى چەكلىگەن ئىدى.