35-نۆۋەتلىك ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان د ئۇ ق خادىملىرى 189 دۆلەتنىڭ ۋەكىللىرى ئالدىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ئاڭلاتتى.
بدت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 35-نۆۋەتلىك يىغىنى 6-ئىيۇن كۈنى جەنۋەدە باشلانغان ئىدى. 11-ئىيۇندىن باشلاپ ب د ت دىكى پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرغان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ھەمدە پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندىلەر بۈگۈن سەھەردىن باشلاپ بەزى دۆلەتلەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئايرىم-ئايرىم ئۇچرىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ئومۇمىي ئەھۋالىدىن مەلۇماتلار بەرگەن ۋە ئۇيغۇر دىيارىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىگە ئائىت ئالاھىدە تەييارلانغان دوكلاتلىرىنى تەقدىم قىلغان.
جەنۋەدە تۇرۇپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، 13-ئىيۇن چۈشتىن بۇرۇن ئامېرىكا، ئاۋسترالىيە، ياپونىيە، تايلاند، تۈركىيە قاتارلىق ئەللەرنىڭ ب د ت دىكى ئەلچىلىرى بىلەن ئۇچراشقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، ب د ت دا ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدە بىزنى بەزى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ قېتىمقى ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنىغا يېڭى بىر تەرەققىيات لايىھىسىنى سۇنغان. بۇ لايىھىدە «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتىنىڭ نۇرغۇنلىغان دۆلەتلەر ۋە مىللەتلەرگە مەنپەئەت يەتكۈزىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن. بۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن ب د ت دا دۆلەتلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋەكىللىرى ئارىسىدا مەزكۇر لايىھە ھەققىدە مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلغان. بىراق، ياپونىيە قاتارلىق بىر قىسىم ئەللەر خىتاينىڭ بۇ لايىھىسىگە قارشى ئىنكاس بىلدۈرگەن. دولقۇن ئەيسا ۋە پىتېر ئىرۋېن ئەپەندىلەرمۇ سۆز قىلىشنى تەلەپ قىلىپ، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ بۇ لايىھەدە ئورۇن تۇتۇشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىنىڭ 3-بۆلۈمى: «ئىنسان ھەقلىرىنى قوغداش: ئىنسانلارنىڭ ئىجتىمائىي، سىياسىي، مەدەنىي ۋە تەرەققىيات ھەقلىرى» دېگەن تېمىدا بولۇپ، د ئۇ ق پروگرامما يېتەكچىسى پىتېر ئىرۋېن ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، سۆز ھەققىنى ئاخىرىغىچە ئادا قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دېدى: «د ئۇ ق نىڭ ۋەكىلى بولۇش سۈپىتىم بىلەن شەرقىي تۈركىستاندا كۈنسېرى يامانلىشىۋاتقان ۋەزىيەتنى بايان قىلىپ ئۆتتۈم. مەسىلەن؛ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزاندا يۈرگۈزۈۋاتقان قاتتىق چەكلىمىلىرى، ئۇيغۇرلارنى مۇسۇلمانچە ئىسىم قويماسلىققا مەجبۇرلاشلىرى، چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچى ۋە تىجارەتچىلەرنى ۋەتىنىگە قايتۇرۇش ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى گۆرۈدە تۇتۇشى، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ۋە مىللىي ئادەتلىرىنى ئاياق ئاستى قىلىشلىرى، ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى، دىنىي زاتلىرىنى مەتبۇئاتلاردا مەيدانىنى ئىپادىلەشكە مەجبۇرلاشلىرى، ‹ئىككى يۈزلىمىچىلىككە قارشى تۇرۇش› شوئارى ئاستىدا ئۇيغۇر ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ ئىززەت-نەپسىنى ئاياق ئاستى قىلىش مەسىلىسى، خالىغانچە ئۆلتۈرۈش، خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، خالىغانچە قاماق جازالىرىغا مەھكۇم قىلىش، بارغانسېرى ئەسەبىيلىشىۋاتقان مېڭە يۇيۇش ھەرىكىتى قاتارلىقلار.»
12-ئىيۇن كۈنى د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ب د ت دا چاقىرىلغان «ئىقتىسادىي پىلان ۋە ئاسىيادىكى ئىنسان ھەقلىرى» ناملىق يىغىندا نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى توغرىسىدا ۋە خىتاينىڭ «بىر بەلۋاغ، بىر يول» سىياسىتى ھەققىدە توختالغان ئىدى.
6-ئىيۇن باشلانغان ب د ت نىڭ 35-نۆۋەتلىك كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى 23-ئىيۇن ئاخىرلىشىدىغان بولۇپ، د ئۇ ق ۋەكىللىرى يىغىن تۈگىگىچە يەنە بىر قىسىم پائالىيەتلەردە بولىدىكەن.
0:00 / 0:00